
قىسقىچە ئەھۋالى تولۇق ئىسمى : رىكاردو ئىزىكسۇن دوس سانتۇس لەيتى ئىنگىلىسچە : Ricardo Izecson Dos Santos Leite خەنزۇچە : 里卡尔多•伊泽森•多斯•桑托斯•莱特 قىسقارتىلغان ئىسمى : كاكا خەنزۇچە : 卡卡 ئىنگىلىسچە : Kakà ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان توغۇلغان يۇرتى : بىرازىليە شەھىرى توغۇلغان ۋاختى : 1982 – يىلى 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى يۇلتۇز تۈركۈمى : سەۋىر يۇلتۇز تۈركۈمى تەربىيلىنپ چىققان كۇلۇبى : سان – پاۋلوۋ كولۇبى غەلبە قازانغا كۇلۇبى: acمىلان كاكا 2003-يىلى 8-ئاينىڭ1-كۈنى 825مېليون ياۋرولوق باھابىلەن acمىلان كۇلۇبىغا قوشولغان ۋە ئۈزىنىڭ شانلىق غەلبىلىرىنىڭ تارىخنى شۇيەردە يازغان. ئۇنىڭ مىلاندىكى تارىخې : بىرلەشمە مۇسابىقە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى | مۇسابىقە كولۇب بىرلەشمە مەيدانغا ئۇرغان مەيدانغا ئۇرغان 2003.2004 acمىلان ئىتالىيە 30 10 10 4 2004.2005 acمىلان ئىتالىيە 36 7 13 2 2005.2006 acمىلان ئىتالىيە 35 14 12 5 2006.2007 acمىلان ئىتالىيە 31 8 15 10 2007.2008 acمىلان ئىتالىيە 30 15 5 3 2008.2009 acمىلان ئىتالىيە 14 7
ئۇنىڭ مىلاندا قولغا كەلتۈرگەن شەرەپلىرى: 2003.2004. مۇسابىقە پەسلى ، كاكا ئۈزىنىڭ رۇلىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ 10 توپ كىرگۈزىدۇ ۋەacمىلان كولۇبىنى 17 – قېتىملىق ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرىدۇ.2006.2007 . ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇوق لوڭقىسى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ، كاكا 10 توپ ئورۇش ۋە 3 ياردەمچى پاس چىقىرىشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپ كىرگۈزگۈچى ۋە ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالىندۇ ۋە acمىلاننى 7. قېتىم ياۋرۇپا شاھلىق تەختىگە چىقىرىدۇ. acمىلان7. قېتىم ياۋرۇپاغا خۇجا بولغان شۇ ۋاقىتتا كاكامۇ ياۋرۇپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشدۇ ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىدۇ . 2007 . يىلى ياپۇنيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كولۇبلار غالىبلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالىنىدۇ. 2004- يىلى ئىتالىيە دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چىمپىيۇن 2005. يىلى بىرلەشمە مۇسابىقە چىمپىيۇن. 2006.2007. مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى بىرلەشمە مۇسابىقىسى چىمپىيۇن. 2007.يىلى ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقىسى چىمپىيۇن. 2001- يىلى بىرازىلىيە دۆلەت ئىچى بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر يېڭى توپچى . 2002- يىلى بىرازىلىيە دۆلەت ئىچى بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى ۋە بىرازىلىيە پۇتبول ئەپەندىسى. 2003.2004.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى. 2003.2004.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى. 2004.2005. مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان تەنھەرىكەتچىسى. 2005.2006.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى. 2005.2006.مۇسابىقە پەسلى ، دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن. 2006.2007. مۇسابىقە پەسلى ، ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان مەستانىلەرنىڭ تور ئارقىلىق باھالىشىدا ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى. 2006.2007.مۇسابىقە پەسلى ، ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپ كىرگۈزگۈچى . 2006.2007.مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئالدى ھوجومچى . 2006.2007.ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى. 2008.يىلى 1. ئاينىڭ 17. كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تورى 2007. يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكىلىگە كىرگەن. . 2007.يىلى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى. 2007. يىلى ياۋرۇپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى. 2007.يىلى ئەنگىلىيە «دۇنيا پۇتبولى»ئەڭ مۇنەۋەر توپچى. 2007.يىلى دۇنيا كولۇبلار مۇسابىقىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى. 2007.يىلى 12.ئاينىڭ 13.كۈنى .كاكا ئەنگىليە «دۇنيا پۇتبۇلى» ژورنىلى باھالىشىدا %50 ئاۋاز بىلەن ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان. 2007.يىلى 12. ئاينىڭ 2.كۈنى . پارىژدا كاكا 2007.يىللىق ئالتۇن توپ ماكاپاتىغا ئېرىشكەن 2007.يىلى AIC تەرپىدىن ئوسكار پۇتبول مۇكاپاتىنى باھالاشتا كاكا 2007.يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى بولۇپ باھالانغان ھەم 2008.يىلى 1.ئاينىڭ 28.كۈنى ئىلان قىلىنغان. 2007.يىلى 10.ئاينىڭ 5. كۈنى كاكا خەلىقئارا كەسپى تەنھەرىكەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرپىدىن ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان. قاتارلىق بۇنىڭدىنمۇ كۆپ شان شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنياغا تونولوپ مەستانىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشغا ئېرىشتى.

ئۇنىڭ دۆلىتىدىكى تارېخى: ئۇ دۆلىتىدە 10- نۇمۇرنى كىيىدۇ 2002 – يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىدە ، كاكا بىرازىلىيە كوماندىسىدا چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشدۇ، لىكىن كاكا گۇرۇپپا مۇسابىقىسى كوستارىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 18 مىنۇت مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشدۇ. 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان 2010-يىلىمۇ دولىتى ئۈچۈن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. ھازىرقى كولۇبى : خانلىق مادرىد كاكا بۇكۇلۇپقا 2009-يىلى 6-ئاينىڭ9-كۈنى 6500مېليون ياۋرولوق باھا بىلەن يۆتكىلىپ كەلگەن بۇكۇلۇپتىكى نۇمۇرى : 8

ئۈزى ھەققىدە : ياخشى كۈرىدىغىنى : ئىنجىل ، گولىف توپ ، سېتكا توپ ، باۋلىڭ توپ ، سىنئالغۇ قاتارلىقلارنى كۈرۈش، ئىنجىل بەخىت ناخشىسى ئاڭلاش ، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش. ياخشى كۈرىدىغان مۇزىكىسى : ئىنجىل مۇزىكىسى ياخشى كۈرىدىغان توپ تىپىش ئۇسلۇبى : يۇقىرى تىزلىك، ئاددىيلىق ، ئەمىلى قوللىنىش ، كونتىرول قىلىش ياخشى كۈرىدىغان خىزمەت ئۇسلۇبى : ئەستايدىل ، مەسئۇلىيەتچان ، يۇقىرى ئۈنۈم ئۈستىدە ئىزدىنىش. ياخشى كۈرىدىغان ئىنجىل مۇزىكا ئەترىتى : رىېسگات ۋە رېناككېر پىراس ياخشى كۈرىدىغان ناخشىچى : ئەيلىن بارروس ياخشى كۈرىدىغان مۇزىكا توپلىمى : رېناككېر پىراسنىڭ 6.مۇزىكا توپلىمى «ۋەدە» ياخشى كۈرىدىغان ئايال ئارتىس : رېگنا داۋرىت ياخشى كۈرىدىغان DVD : پەقەتلا رېناككېر پىراسنىڭ ياخشى كۈرىدىغان كىنو : «يىشىل مۆجىزە» ، «غەزەپلەنگەن گىنرال ياخشى كۈرىدىغان تىلۋىزىيە پىروگىراممىسى : كنو قانىلى ، تەنتەربىيە پىروگىراممىسى ، يەرشارى تىلۋىزىيىسى «تەنتەربىيەدىكى ئاجايىپ مەنزىرلەر » پىروگىراممىسى ياخشى كۈرىدىغان كىتابى : ئىنجىل ، سامباچىلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى ياخشى كۈرىدىغان رەڭ : ئاق رەڭ ياخشى كۈرىدىغان ئىچىملىكى : سۇ ۋە ئاناناس شەربىتى ياخشى كۈرىدىغان يىمەكلىكى : ئانىسى ئۇنىڭغا ئاتاپ پىشۇرۇپ بىرىدىغان تاماق «فىجىد» (ئانىسى ئۇنىڭغا مەخسۇس پىشۇرۇپ بىرىدىغان ئارزۇ تامىقى) ۋە بىرازىلىيە كاۋىپى . ياخشى كۈرىدىغان كىيىم – كىچىكى : تەنھەرىكەتچىلەر ئىستىراھەت كىيىمى ياخشى كۈرىدىغان ماركىسى : ئامان ياخشى كۈرىدىغان ئەترىسى : CK ۋە Hugo Boss ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان شەھىرى : توغۇلغان يۇرتى بىرازىلىيە شەھىرى قەلبىدىكى گۈزەل : فىرناند لىما قەلبىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئەر : ئۈزى كۈندۈزى ئەڭ ياخشى كۈرىدىغىنى : توپ تىپىش ئاخشىمىدىكى ئەڭ ياخشى كۈرىدىغىنى : سىرىتقا چىقىپ كەچلىك تاماق يىيىش، ئائىلىدە ئايالى بىلەن ئىنجىل ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ، ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدا چىركاۋغا بېرىش، دوسلىرىغا ياردەم بىرىش. تەنھەرىكەتتىن باشقا ياخشى كۈرىدىغىنى : كىنو قويۇش زالى ۋە تىياتىر قويۇش زالىغا بېرىش ئارزۇلۇق ھايۋىنى : راننى (ئۈزى باققان كۈچۈك) كەسپىدىكى ئۈلگىسى : لارى ، جىك ، سەينا ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى : كۆڭلىدىكى ماھىر توپچى دەپ بىلگەن ئادەم ھوزۇرلىندىغان ئىشى : توپ تىپىش ئاۋارچىلىقى : يىراقنى كۈرەلمەسلىك كىسىلى قورقىدىغىنى : ئاچارچىلىق قىيالمايدىغان يىرى : بىرازىليە شەھرىدىكى ئۈيى ئويلايدىغىنى : بىر مۇنەۋەر كەسپى تەنھەرىكەتچى بولۇش ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇيى : 20 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولۇش ئارزۇ قىلىدىغىنى : ئۈزىنىڭ بالىسىنى بېقىش، ئىككىنجى مالدىنى بولۇش كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ياخشى كۈرۈش : مەن نۇرغۇنلىغان شەيئىلەرنى ياخشى كۈرىمەن، لىكىن ياخشى كۈرىدىغان تەرەپلەر ۋە ياخشى كۈرۈش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. مال - دۇنيا : ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايانمايدىغان ئادەم . شادلىقى : تەڭرى ئاتا قىلغان كەسپى دۇستى : تۇرمۇشى ئازاپ – ئوقۇبەتتە قالغان كىشىلەر نىكاھ : مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئائىلىسدىن ئايرىلىش ۋاختى : ئانام ماڭا :«تەڭرىم سىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي » دىگەن ئىدى. دۇئا قىلىدىغان سۈزى : پوپنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىنچە ئىشقىلىپ ، ھىچكىم پۇتىدىن ئايرىلىپ قالمىسۇن. تەڭرىنى تەسۋىرلىشى : كىشىلەر مەڭگۈ تايىندىغان قودرەت ئىگىسى تۇرمۇش ئىتقادى : خۇشال ئۈتۈش كىشلىك تۇرمۇش ئەقىدىسى : توختىماستىن ئالغا ئىنتىلىش بىرازىليەدىن ئازابلىندىغىنى : ئادالەتسىزلىك ۋە چىرىكلىك بىرازىليىلكلەرنىڭ مەنپەئەتى كۆپ ئىشى : تەنھەرىكەت خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىدىغىنى : ئاچارچىلىقتىن قوتۇلۇش قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئوسۇلى : ئۈزىگە ئىشىنىش كىم تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ يىتەكلىگەن : ئائىلە ئەزالىرى كاكانىڭ بۇ ھەركىتىنڭ مەنىسىنى چۈشىنەمسىز؟ ئۇنىڭ بۇھەركىتى: قۇتقازغۇچى (ئەيسانى دىمەكچى) «مەن قۇتقازغۇچىغا تەئەللۇق » ، بۇ كاكا ھەربىرقېتىم توپ كىرگۈزگەن ۋاقىتتىكى قولىنى كۆككە قارىتىپ تورۇپ دەيدىغان تەبرىكلەش ھەركىتىنىڭ مەنىسى . بۇ ھەرىكەتنىڭ كىلىپ چىقشى ، كاكانىڭ كىچىك ۋاختى ، بىر قېتىم سۇغا سەكرەپ ئويناۋاتقاندا ئېغىپ كىتىپ ئومۇرۇتقا بوغۇملىرى ئېغىر زەخمىلىنىدۇ ، بۇ بىلەن ئۇ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىشى مۇمكىن ئىدى ، لىكىن ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى . كاكا شۇنىڭغا ئىشەندىكى قۇتقازغۇچىنىڭ كۈچ قۇدىرىتى ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ھەرقېتىم ئۇ توپ ئۇرغاندا جۈپ قۇلى بىلەن كۆكنى كۆرسىتىپ تورۇپ قوتقازغۇچىنىڭ شەپقىتىگە رەھمەت ئىيتىدىغان بولدى . شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر ئۇنىڭ مەن قۇتغازغۇچىغا تەئەللۇق دىگەن تەبىرىكلەش ھەرىكتىنى كۈرىدىغان بولدى . ماھارەت ئالاھىدىلىگى : توپ ئورۇش تېخنىكىسى : 10 نومۇر توپ ئورۇش تېخنىكىسى قالتىس ، ئوڭ پۇتىدا كۈچلۈك بېسىم بىلەن تىپىش ۋە ئەپچىللىك بىلەن ئوينىتىشى ھەقىقەتەن يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە ، كاكا ۋارىتار ئالدىدا توپ ئويناتقاندا ، سىز ئۇنىڭ ئېغىر بېسىقلىقى ۋە تەمكىنلىكىدىن قاتتىق چۈچۈيسىز . توغرا ھەم ئۈنۈملۈك بولغان يىراقتىن ئورغان توپى قارشى تەرەپنى ساراسىمىگە سالىدۇ . پاس بىرىش تېخنىكىسى : 9 نومۇر توغرا ئۈنۈملۈك پاس پاس بىرىش ئونىڭ بىر خىل ئالاھىدىلىگى . توپنى ئوينىتىپ ئېلىپ بېرىپ پۇرسەت يارىتىش ئىقتىدارى ناھايتى يۇقىرى. توپ كونتىرول قىلىشى : 10 نومۇر كاكانىڭ جەسۇر قىياپەتتە توپنى ئېلىپ بۈسۈپ چىقىشى ، چوڭ قەدەمدە تويۇقسىز ئېتىلىپ چىقىش ئونىڭ بەلگە خاراكتىرلىك ھەرىكىتى تىزلىكى : 10 نومۇر تىزلىكى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ ، يۇقىرى تىزلىك ئاساسىدىكى توپ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن يېرىم مەيداندىن بىمالال ئۈتۈپ كىتەلەيدۇ. كاللا توپ ئىقتىدارى : 7 نومۇر كۆپلىگەن بىرازىلىيە پۇتبولچىلىرىغا ئوخشاش كاكامۇ توپنى پۇت ئاستىدا ئوينىتىشنى ياخشى كۈرىدۇ . |