بىردەملىك كۆكرەك ئاغرىش: ئەگەر كۆكرەك تۇيۇقسىزلا بىردەم ئاغرىپ توختاپ قالسا، بۇ خىل ئەھۋالنى يېمەكلىك ھەزىم بولماسلىق ياكى يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
مۈرە تەرەپ قاتتىق ئاغرىش: ئارتېرىيە ئۆسمىسى ياكى بۆرەكتە تاش پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامىتى.
پۇت ياكى پاقالچاق داۋاملىق ئاغرىش: پۇت داۋملىق ئاغرىپ ، دەم ئالسىڭىزمۇ ئوڭشالمىسا، قاتتىق چارچاش ۋە ھەرىكەت قىلىشتىن سۆڭەك سۇنغان بولۇشى مۇمكىن ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا تەكشۈرتكىنىڭىز ياخشى.
پۇت ئىششىپ ئاغرىش: قان قېتىشىپ قېلىپ قىل قان تومۇرلارنى توسۇۋالغانلىقتىن بۇ خىل ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئۆپكە يولىنى توسۇۋېلىپ، ھاياتىڭىزغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىدۇ.
كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىش: كىچىك تەرەت تۆمۈر دېتى رەڭدە ئاغرىتىپ كەلسە، دوۋساق راكى سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.
قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىش: سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.