چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1.ئۇسۇڭ ئۇرۇقىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ناۋات بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 2.ئۇسۇڭ ئۇرۇقىنىڭ شىرنىسنى چىقىرىپ ، پېشانىسىگە چېپىپ بەرسە ، چاچ چۈشۈشنى توختىتىدۇ. 3.چامغۇر سۈيى بىلەن چاچنى يۇيۇپ بەرسە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، چاچ چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ. 4.چاچ چۈشۈپ كەتسە چاچنى چۈشۈرۋېتىپ ھەببىل ئاس يېغى ۋە باشقا ياغلارنى چاپسا تېز ئۈنۈم بېرىدۇ. 5.چاچنى ئالدۇرۋەتكەندىن كېيىن ، تۇخۇم يېغى بىلەن كۈندە باشنى ياغلاپ بەرسە ، تاقىر باشقا چاچ چىقىرىپ ، چاچنى قويۇقلاشتۇرىدۇ ۋە چاچ بالدۇر ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يۈزدىكى داغنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇلى 1.قاينىتىلغان چامغۇر سۈيىدە يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە ،داغ چۈشىدۇ . 2.ئاخشىمى ھۆل ياڭاق مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ ياكى چايناپ يۈزىگە چېپىپ بەرسە سەپكۈن ۋە داغلارنى يوقىتىشقا پايدىسى بار. 3.خولىنجاننى سوقۇپ تاسقاپ زەيتۇن تېغى بىلەن ياكى ياسىمەن يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ ، يەرلىك ئورۇنغا چاچسا ، تېرىنى پارقىرىتىپ تېرە يۈزىدىكى داغلارنى يوقىتىدۇ. 4.ئانار سۈيىگە ئانار پوستىنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە چاچسا يۈزدىكى داغنى يوقىتىدۇ .
يېڭى تېمىلار
شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号