خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇللىرى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇللىرى
  • مەنبە: www.xjtsnews.com
  • 2011-09-16 03:40
  •     ھازىر ‹‹خېرىدارلار ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈرۈش›› دېگەن سۆز مودا بولماقتا. ئەمما ‹‹خارۋارد سودا ھەپتىلىكى ژۇرنىلى››نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، سېتىشتا يېڭىلىق يارىتىش چارىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى% 11تىن تۆۋەن بولغان، بۇ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ئېچىش ھەرىكىتىنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى:

        بىرىنچىدىن، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قېزىشتا سۇبيېكتىپ يۆنىلىشلىك تەپەككۇرنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قېلىش، بۇ مەھسۇلاتنى پۈتۈنلەي يېڭى تاۋار، رىقابەتچىسى يوق، خېرىدارلارمۇ بىلمەيدۇ، دەپ قاراش، شۇ سەۋەبتىن ئوبيېكتىپ مۇھىت، رىقابەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن چۈشىنىش كەمچىل بولۇپ قېلىپ، مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، مەھسۇلات يا بازار تاپالمايدۇ، يا خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

        ئىككىنچىدىن، ئومۇمەن، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىراق تەتقىقات ئەمەلىي كۈچىنى ھازىرلىغان، ھەتتا دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىدىكى تېخنىكا ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى ھازىرلىغان بولىدۇ. ئەمما دەل مۇشۇنداق ئىلغار تېخنىكا، ئۆزگىچە ئىجادىي پىكىر قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاسانلا مەھسۇلات ياخشى بولسىمۇ خېرىدارلار سېتىۋالماسلىقتەك غەيرىي ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە كۈچلۈك ئەمەلىي ئىقتىدار ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ ۋە ئەڭ ياخشى مەھسۇلات خېرىدارلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ، دەپ قارىغانلىقىدا.

        كارخانا قانداق قىلغاندا بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى قوزغىيالايدۇ؟

        بىرىنچى، باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش. كارخانا ۋە خېرىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ راۋان بولماسلىقى تۈپەيلىدىن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەيدۇ. ئەگەر كارخانىچىلار مۇكەممەل خېرىدارلار ئۇچۇرىغا ئېرىشىمەن، دەيدىكەن چوقۇم ئۆزىنى خېرىدارلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ پىكىر قىلىشى كېرەك. ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان، ھەتتا خېرىدارلارنى يېڭى مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىغا قاتناشتۇرىدىغان بۇنداق ئۇسۇل ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئىككىنچى تەتۈر پىكىر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى. خېرىدارلارغا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ لايىھەسىنى تېپىپ بېرىش نۇقتىسىدا تۇرۇپمۇ، يېڭى مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

        خېرىدارلارنى ئىلگىرى سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالمىدى، دەپ ئاغرىنماڭ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ نېمىگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا مەھسۇلاتىڭىز ئارقىلىق ئېيتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئۇلار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى ئېلىپ ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىنى تاپقاندەك ھېسسىياتقا كەلگەندە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىسىز.

             كۆرۈلۈشى:628     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:59يوللىغۇچى ئەزا:
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    فوكىس شىركىتى ھەققىد..
    جوبىزنىڭ مۇۋەپپەقىيە..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682