260دوللارلىق iPhoneدا جۇڭگو قانداق قىلسا 256 دوللار تاپالايدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
260دوللارلىق iPhoneدا جۇڭگو قانداق قىلسا 256 دوللار تاپالايدۇ
  • مەنبە: www.cnbeta.com
  • 2011-09-13 01:55

  • «بىر دانە iPhoneنىڭ باھاسى 260دوللار بولۇپ ،جۇڭگودا قوراشتۇرۇلىدۇ،جۇڭگودىكى كارخانا بۇنىڭدىن پەقەت 4دوللارلا تاپالايدىغان بولۇپ ،قالغىنىنىڭ ھەممىسى ئالما شىركىتىگە قالىدۇ»
    ئىقتىسادشۇناس لاڭشىيەنپىڭ ،ماگۇاڭيۈەن بۇتوغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ،دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىت ئاسرىغۇچى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاچچىقلىنىپ ئالما شىركىتى بەك ئەسكىكەن ،دەپ قاراشتى.
    مىكروسوفىت شىركىتى ۋىندوۋسنى چىقارغاندا دىسكىسىنى جۇڭگودا كۆپەيتىدۇ،جۇڭگو كارخانىسى ھەربىر دىسكىدىن پەقەت 0.1يۈەن تاپىدۇ،مىكروسوفىت تاپىدىغىنى  بولسا 2768يۈەن بولۇپ ئوخشاش رىئاللىق.
    مەسىلە ئالما شىركىتىدە بولماستىن ،جۇڭگو جەمىيتىدىكى تۆۋەندىكىدەك جەھەتلەردە:
    1-جۇڭگو جەمىيتى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماسلىققا ئادەتلەنگەن بولۇپ ،بۇ قاتتىق دېتال لايىھەلەش ئەقلىي مۆلۈك ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.شۇڭا شىركەتلەر تەتىقىقاتقا مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ،شۇڭا بۇنداق پايدىسى كۆپ پۇلنى تاپالمايدۇ.ھەتتا ئالمىنى دوراشقىمۇ قابىلىيتى يەتمەيدۇ.
    2-جۇڭگو جەمىيتىدە سودا پارا بېرىش ۋە ئالدامچىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ «تەقەززا قىلىپ سېتىش»،ئۇقۇم سېتىش»،«سىناتقۇزۇپ سېتىش»لاردەك سەۋىيە يوق ،شۇڭا سېتىش ئۇسۇلى ئېلىپ كېلىدىغان غايەت زور بازار ۋە پايدىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
    3-جۇڭگو جەمىيتىدە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىتىبارى يوق،ھەربىر iPhoneدا تاپقان 4دوللارنىڭ 3دوللىرىنى گۇ تەيمىڭ  ۋە باشقا ئەمەلدارلار ئالىدۇ،كۆپ قىسىم ئىشچىلارنىڭ مۇئاشى بولسا ئاران 1200يۈەن.ئەگەر بۇ باھادا زاكاسنى قوبۇل قىلمىسا يەنە بىر سوتسىيالىستىك دۆلەت ۋىيتنام بۇ ۋەزىپىنى تارتىۋىلىشقا تەييار.
    4-جۇڭگو سانائىتىنڭ تېخنىكا تەركىبى تۆۋەن بولۇپ ،پەقەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قوشۇلما قىممىتى تۆۋەن بولغان ئىشلەپچىقىرىشنىلا قىلالايدۇ.بۇ جۇڭگو مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيتى .
    5-جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ 260دوللار قىممىتىدىكى iPhoneدا 4دوللار تاپالىشى ئىشلەپچىقرىش كارخانىلىرىغا نىسبەتەن كۆپ پايدا ئالغان ئىش بولۇپ قالدى.چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى بولتىنى چىڭىتىش ۋە قاچىلاش.
    iPhoneنىڭ ئۆزىكىنى جۇڭگو لايىھەلىمەيدۇ.
    iPhoneنىڭ يۇمتالىنى جۇڭگو لايىھەلىمەيدۇ،نەشىر يېڭىلاشقىمۇ ھەم مەسئۇل بولمايدۇ.
    iPhoneنىڭ سىرتقى قېپىنى جۇڭگو ئىشلىمەيدۇ،ئۇ كورىيەنىڭ مەھسۇلاتى.
    iPhoneنىڭ قېپى ۋە چۈشۈندۈرىشىنى جۇڭگو لايىھەلىمەيدۇ،پەقەت بېسىپ بېرىدۇ.
    iPhoneنى سېتىش ،باھا بېكىتىشنى جۇڭگولۇق خادىملار قىلمايدۇ،بىز پەقەت زەنجىرسىمان دۇكانغا ئەزالىق پۇلى تۆلەيمىز ۋە پۇكەيگە قارايمىز.
    iPhone ئەپ دۇكىنىنى جۇڭگو لايىھەلىمىگەن ،تىجارىتى ،مۇلازىمىتىرى ھەممىسى جۇڭگودا ئەمەس.
    iPhoneنىڭ جۇڭگو تېلېگرافى ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە تاپشۇرۇلىدىغان زەھەردىن قىممەت تورغا كىرىش ھەققىنى تاپشۇرۇش جۇڭگو ئىشلەپچىقرىش كارخانىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس،تەبئىيكى پايدىمۇ ئايرىمايدۇ.
    iPhone ماركىسى ئۈچۈن جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىر پۇڭ خەجلىمەيدۇ.
    iPhoneنىڭ جۇڭگودىكى يۇقۇرى سوممىلىق سېتىش بېجىغا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى مەسئۇل ئەمەس،تەبئىيكى ئۇلاردىن سوراشمۇ بىھاجەت.
    iPhoneنىڭ ئاساسلىق چەتئەل بازىرى ۋە ئافرىقىنىڭ يوشۇرۇن بازىرىغا جۇڭگو كارخانىلىرى قاتنىشالمايدۇ.
    يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ جەلىپ قىلىشتىكى ئۈچ گۆھىرى:تۆۋەن ئەمگەك كۈچى تەننەرخى،مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى جىنايەت ھېسابلىماسلىق ،يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە باجدا ئىتىبار قىلىش.
    خۇلاسە كالام،قىممىتى 260دوللار بولغان iPhoneدا ئالما 256دوللارنى ئەكىتىدۇ،تەيۋەن 3دوللارنى ئەكىتىدۇ،جۇڭگو ئەمگەكچىلىرىگە بىر دوللار قالىدۇ.
             كۆرۈلۈشى:655     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:58يوللىغۇچى ئەزا:
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    فوكىس شىركىتى ھەققىد..
    جوبىزنىڭ مۇۋەپپەقىيە..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682