رىقابەتتىن ھەمكارلىق ئەلا - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
رىقابەتتىن ھەمكارلىق ئەلا

ئاپتۇرى: تۇردى لىتىپ
 

ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەممىلا ئىشنىڭ قىممىتى بازار ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغان، ھەممىلا كىشىنىڭ تاپاۋىتى بازاردىكى ئۇتۇقلىرى ئارقىلىق دەلىللەشتۈرۈلىدىغان مۇشۇ كۈنلەردە، مەيلى شىركەت-كارخانىلار بولامدۇ ياكى شەخسىلەر، ھەممىلا يەردە پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن «سەندىن مەن قالارمەنمۇ» دەيدىغان ۋەسۋەسىلىك ھالەت ھۆكۈم سۈرگىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى.
بىر مەھەل ھۆكۈم سۈرگەن «رىقابەت بولمىسا تەرەققىيات بولماس» دەيدىغان سەپسەتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەممىلا كىشى ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ھېچكىمنىڭ گېپىنى كار قىلمايدىغان، «ئاغزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىغا پالتا پىچاق» لىق ھالەت دەۋر سۈردى. كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى كۆيۈنۈش، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىش، بىرلىكتە ئىلگىرىلەشتەك «ھەممە گۈللەر تەڭ ئېچىلىش» مۇھىتى خانۇۋەيرانچىلىققا قالدى. پايدا مەنپەئەتكە ئېرىشىشتىكى ئەڭ يۈكسەك سەزگۈرلۈك تەرغىپ قىلىنىپ، ئەقىل ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭكىنى ئۆزىنىڭ قىلىش تىپىدىكى «ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتىش» خاھىشى ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتتى. نەتىجىدە، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ساپ، ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئەخلاق پەزىلەت، ئادىمىيلىك، رەھىمدىللىق تەدرىجىي غايىپ بولدى. يەڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاقىلانىلىكنىڭ تەرغىپ قىلىنىشى نەتىجىسىدە، كىشى ئەقلى يەتمەس ھىيلى-نەيرەڭلەر ئارقىلىق روناق تېپىش ھەممە ئىنتىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئايلىىنىپ قالدى. نەتىجىدە ئېرىشكىنىمىزدىن يوقاتقىنىمىز كۆپ بولۇش ھالىتى كېلىپ چىقتى. ئۇۋالچىلىققا قالغۇچىغىمۇ، شۇنداقلا غەلبە قىلغۇچىغىمۇ ئوخشاشلا ئەمىنلىك يار بولمىدى. ئادىمىي ئەخلاق پەزىلەتتىن ھالقىغان، قانۇن تۈزۈم يۇچۇقلىرىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان تۈرلۈك جىنايەتلەر مەيدانغا كېلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدا كىشىلەر ئارا ئىشەنچ، ئۆزئارا ھەمكارلىق سۇسلىشىپ كەتتى. بۇ جەھەتتە يوقاتقىنىمىز ھەقىقەتەن ئېرىشكىنىمىزدىن كۆپ بولدى.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە چېڭگۇڭابىياۋنىڭ ساخاۋەت ئۈچۈن پۇل تېپىشى بىر مەھەل تالاش تارتىش پەيدا قىلدى. ساۋدېۋاڭنىڭ چىڭلىق بىلەن قىلغان ساخاۋىتى ئاممىنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بولدى. بۇ ئىككىلا كىشىنىڭ دەيدىغىنى «مېنىڭ ئىئانە قىلغىنىم مىڭ بىر مۇشاقەتتە قولغا كەلتۈرگەن ساپ غەزىنە نەق پۇل. كۆپچىلىكنىڭ خىيانەت قولىنىڭ سۇنۇلىشىنى خالىمايمەن» دىن ئىبارەت بولدى. ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ھەقىقىي ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ياردەمگە ئېرىشەلىشىدە ئىكەنلىگى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ شۇنچە ساپ كۆڭۈللۈك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ قوللۇقنىڭ يەنىلا بىر قىسىم گۇمانىي قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل گەپ تېپىشى تۈپەيلى كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان تەرەپلىرىمۇ بولۇپ تۇردى. مانا بۇ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەممىلا ئىشتا قىلدىن-قىيىق بولۇپ، ھۇشيار تۇرۇش بىلەن باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەد قىلغان پۇل-مال دۇنيا ئىئانە قىلىشنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلىق كۆز قارىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
جاۋبېنشەن ئىتوتلىرىنىڭ بىرىدىكى شياۋشېنياڭنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا:
-     ئادەم، تاپقان پۇلىنى تېخى خەجلەپ بولالمايلا ئۆلۈپ كەتسە بەك ئەلەملىك ئىش بولىدۇ.- دېگىنىگە، جاۋبېنشەننىڭ:
-     ئادەم ھايات تۇرۇپلا خەجلەيدىغانغا پۇل قالمىسا ئۇنىڭدىنمۇ چاتاق.- دەپ جاۋاپ بەرگىنىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە پۇتى مېيىپ بولغانلارغا شياڭگاڭنىڭ مەلۇم بىر شىركىتى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان ھەر بىرى 40مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يالغان پۇتنى ھەقسىز سەپلەپ بەرگەن. لېكىن ئۇلار يەنىلا كۆنەلمەسلىك تۈپەيلى بۇ يالغان پۇتتىن تازا پايدىلىنىپ كېتەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن شياڭگاڭلىق پىدائىيلار ئەشۇ يالغان پۇت سەپلەنگەن مېيىپلارغا مەخسۇس كۆندۈرۈش مەشىقى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يالغان پۇتنى ئۆزىنىڭكىدەك پايدىلىنىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان.
بەزىدە رىقابەت كۈچلۈكلەر بىلەن كۈچلۈكلەر ئوتتۇرىسىدا نامايەن بولسا، يەنە بەزىدە كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلار ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئېرىشىلمىگەن ئامەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، باشقىلار قىلالىغاننى بىز نېمە دەپ قىلالمايمىز دەپ كۆڭلى يېرىم بولۇش، ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ ھېسداشلىق ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى ئەلەملىك ئىش دەپ قاراش قاتارلىقلار نۆۋىتىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان سەمىمىي ياردىمىنىڭ نەتىجىسىز قېلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
تەرەققىيات ئۈچۈن گەرچە بىر قىسىم ئا تەرەپ، ب تەرەپ تىپىدىكى ھەمكارلىق ئورنىتىلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش تەرغىپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت ھەقىقىي ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ساختا ھەمكارلىق ھە دېسىلا ئۆزئارا ئىختىلاپ ئۈندۈرمىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلاشقان ھەر ئىككىلا تەرەپنى ئاخىرى چىقمايدىغان باش ئاغرىقىغا مۇپتىلا قىلدى. نەتىجىدە تارتقان رىيازەتكە تۇشلۇق ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان تالاش تارتىشلىق ۋەزىيەت كېلىپ چىقتى.
 ھەمكارلىق ھەممىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، لېكىن رىقابەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەمكارلىقنىڭ پايدا ئېلىپ كېلەلىشى ناتايىن. پەقەت سەمىمىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەمكارلىقلا ھەمكارلاشقۇچى ھەر ئىككىلا تەرەپنى كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

         كۆرۈلۈشى:573     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:58يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

فوكىس شىركىتى ھەققىد..
جوبىزنىڭ مۇۋەپپەقىيە..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682