ئامېرىكىنىڭ مالىيە ژورنىلى بولغان فوربېس يېقىندا دۇنيادىكى 678 نەپەر قۇرۇق قول بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ مىليادىر بولغان بايلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ مىليادىر بولۇشنىڭ 10 چوڭ شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرىنچى شەرت:ئەر كىشى بولۇشىڭىز كېرەك.
700 گە يېقىن باي ئىچىدە، ئاران 15ى ئايال بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %2 نى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا مىلياردېر بولۇش يەنىلا ئەرلەرگە مەنسۇپ.
ئىككىنچى شەرت:سېنتەبىردە تۇغۇلۇشىڭىز كېرەك. كۆپلىگەن ئۆزى مۇستەقىل ئىگىلىك ياراتقان بايلار سېنتەبىردە تۇغۇلغان. 678 مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ 64 تى دەل سېنتەبىردە تۇغۇلغان.
ئۈچىنچى شەرت:داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان بولۇشىڭىز كېرەك. داڭلىق بايلار ئەڭ كۆپ چىققان ئۇنىۋېرسىتېت دەل دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، 38 مىلياردېر بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپتىن چېكىنگەن بولسىمۇ، ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلەر بار، مەسىلەن بېل گېيتىس ۋە گۇگېل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى سېرگى بىرىن بىلەن لاررې پېيج.
تۆتىنچى شەرت: ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا كۆچۈپ بېرىش. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى دۇنياغا داڭلىق بايلار يىغىلغان جاي، ئامېرىكىدىكى 272 باينىڭ 71ى كالىفورنىيە شتاتىدا تۇرىدۇ.
بەشىنچى شەرت:جۇڭگودا ئىگىلىك يارىتىش. فۇربېس ژۇرنىلى 2010-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلغان جۇڭگولۇق بايلار رېتىدىكى 49 كىشى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسىنىڭ شىركىتى 2009-يىلى بازارغا كىرگەن بولۇپ، بايلىقى ناھايىتى تېز كۆپەيگەن.
ئالتىنچى شەرت: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكىنىڭ تۇغۇش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە تۇغۇلغانلار، بۇ مەزگىلدە بازارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى ياش كارخانىچىلارغا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ياراتقان.
يەتتىنچى شەرت: ھەربىيلىكتە تۇرغانلار،فۇربېس ژۇرنىلى ستاتىستىكا قىلغان بايلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن.سەككىزىنچى شەرت:ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق پۇل مۇئامىلە كوچىسى «ۋول كوچىسى»دا خىزمەت قىلغانلار. گەرچە ئامېرىكىدىكى ئەڭ بايلار پەن-تېخنىكا ساھەسىدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسى پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىن چىققان.
توققۇزىنچى شەرت: مەغلۇبىيەتكە ۋە ھاقارەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلەر. نۇرغۇن بايلار كەسپىدە قاتتىق مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئورنىدىن دەس تۇرالىغان.
ئونىنچى شەرت: شىركىتىنىڭ پايچېكىنى بازارغا كىرگۈزەلىگەنلەر. ئامېرىكىدىكى بايلارنىڭ %80 تىن ئارتۇقى شىركىتىنىڭ پايچېكىنى بازارغا كىرگۈزەلىگەن.