كىشىلىك ھايات ۋە تاغقا چىقىش - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
كىشىلىك ھايات ۋە تاغقا چىقىش
كىشىلىك ھايات نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان. نۇرغۇن نەرسىلەر بىزنىڭ خىيالىمىزدىكىدەك بولمايدۇ. يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر تامامەن بىزنىڭ دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن. يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىز ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالايمىز. شۇنداق قىلىپ، بىر يېقىلىپ-بىر قوپۇپ بۇ يولدا سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ياكى ئاخىرقى چەككىچە گاھى ئۆز خاھىشىمىز بىلەن گاھى مەجبۇرەن بۇ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
كىشىلىك ھايات توغرىسىدا گەپ بولۇنسا، بەزىلەر كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا بۈك-باراقسان باغ كېلىدۇ. ئۇلار خىيالىدا ھاياتىنى مەڭگۈ مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا زىندان كېلىدۇ. ئۇلار ئېغىر خورسىنىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىپلاس دۇنيادىن بىزار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر «قورساق تويسا بىر كۈنگە ھېساب» دەپ خۇددى شەھەر ئىتلىرىدەك يۈرۈۋېرىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھاياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تىنىمسىز ئىزدىنىدۇ». دېمەك، كىشىلىك ھايات مۇشۇ رېلىسلار ئارىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھايات پۇل تېپىشقا، ئۆي ئېلىشقا، ئۆزىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا، ھەمدە قايسىدۇر بىرىنىڭ قولى بىلەن يەنە بىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئوخشىشى مۇمكىن. ئېكولوگىيىدىكى پەرق تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ ھاياتقا، ياشاشقا بولغان كۆز قارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر جان باقتىلىق، پۇرسەتپەرەسلىك، باشقىلاردىن ئالداش بىلەن كۈن كەچۈرسە، يەنە بەزىلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىگە ئۆزى جەڭ ئېلان قىلىپ ياشايدۇ. بۇ يەردىكى تۈپ پەرق ھاياتقا قانداق قاراشتا بولسا كېرەك.
مېنىڭچە كىشىلىك ھاياتنى تاشقا چىقىشقا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئەگەر كىشىلىك ھايات تاشقا چىقىشقا ئوخشىتىلسا ئۇ ھالدا، ئۇ ھالدا ئاخىرقى نىشان تاغ چوققىسى بولىدۇ. ئۇنداقتا بىر نۇرغۇن ئادەمنىڭ تاغ تۈۋىدىن تاغ چوققىسىغا قاراپ يۈگۈرۈۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى:
ھەممە ئادەم تاغ تۈۋىدىن تاغ چوققىسىغا قاراپ يۈگۈرمەكتە. ھەممەيلەننىڭ دەسلەپكى روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى.( ئەلۋەتتە، دەسلەپتە يۈگۈرۋاتقانلار ئىچىدە تېخى بەزىلەر بىر نەچچە قەدەم ئېلىپ قويۇپ كەينىگە قايتىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن). قالغانلار باشتا ناھايىتى يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن تاغقا ياماشماقتا. تاغنىڭ ئاستىدىن چوققىسىغا قارىغاندا، نىشان كۆزىمىزگە ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئەمما كىشىلىك تۇرمۇشتا بۇنداق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بىز داۋاملىق ئاخىرقى نىشانغا يېتىپ بولاي دەپ قالغاندا، ياكى ئاخىرقى پەللىگە بىر قەدەملا قالغاندا بەل قويۇۋېتىمىز ۋە ئۆزىمىزنى تىپىك مەغلۇبىيەتچى قاتارىغا چىقىرىۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن قىلغان ئەجىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى نەتىجىگە ئايلىنالماستىن ئادەمنىڭ ئىچىنى دائىم ئاچچىق قىلىدىغان تەجرىبە-ساۋاققا ئايلىنىدۇ. ئەمما تاغقا چىققاندا بولسا بىر ئاخىرقى نىشاننى ئېنىق كۆرەلەيمىز.
تاغقا چىقىشتا ئاخىرقى نىشانغا بولغان قاراشمۇ بىر نەچچە خىل بولسا كېرەك: بەزىلەر ئاخىرقى نىشاننى كۆرۈپ، ۋاي ئاز قاپتۇ، دەپ ئېغىرلاشقا قەدەملىرىنى مىڭ بىر تەستە يۆتكەپ داۋاملىق تۈردە ئاخىرقى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر يېرىمىغا كېلىپ، ئاخىرقى نىشاننىڭ يېقىنلىقىنى كۆرۈپ، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ چىقاي، دەپ ئويلىشىمۇ مۇمكىن. يەنە بەزىلەر يارىلىنىشى، ھەتتا بۇ داۋاندىن چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
ئەمما تاغقا چىقىش جەريانىدىكى بۇ ئەمەلىي ھالەتلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلىك ھاياتتا بار. تۈرلۈك ئىمتىھانلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار باشتىن-ئاخىرى ئىزچىل تۈردە ياخشى تەييارلىق قىلىدۇ. ئىمتىھانغا بىر خىل ئازادىلىك بىلەن كىرىدۇ. نەتىجىدە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار، دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىماي، ئېلېكترونلۇق ئويۇن ئويناش، باشقىلارغا ئۇچۇر يوللاش، يانفوندا تورغا چىقىش، دېگەندەك يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان باشلانغاندا بولسا، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تۇرالماي قالىدۇ. ئاخىرىدا بىر نەچچە پەندىن ئۆتەلمەيدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا تاپشۇرۇقنىمۇ ئۆز ئىشلىمەيدۇ، باشقىلارنىڭ كونسپىكىنى نۇسخىلاپلا ئىمتىھاندىن ئۆتمەكچى بولىدۇ. ئاقىۋەتتە  ئاتسېتلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئۇنىڭ باشقا، ئىگىلىك تىكلەشمۇ شۇنداق. بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان پەيتىمىز دەپ بىز چىقماقچى بولغان تاغ تۈۋىدە تۇرۇۋاتقان ۋاقتىمىزدۇر. ھەممىمىزگە ئايانكى، تاغ چىقىشنىڭ جاپاسى ناھايىتى ئېغىر. تاغقا چىقىش-جاپا چېكىش دېمەكتۇر. جاپا چېكىشنى خالىمايدىغان، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەر تاغقا چىقالمايدۇ. ئىگىلىك تىكلەشمۇ خۇددى تاغقا چىقىشتەك ناھايىتى جاپالىق جەريان. ئىش باشلىنىپلا قىيىنچىلىق بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىشىڭىز، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىشىڭىز، نىشانغا يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىقىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا سىز ھەممە نەرسىڭىزدىن يەنى دەسمايە، ئەڭ يېقىن دوستىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز، سىزنى ئەڭ قوللايدىغان ئادىمىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، سىز نەدە يېقىلغان بولسىڭىز، شۇ جايدىن تۇرۇپ، ئالغا قاراپ مېڭىشىڭىز كېرەك. چۈنكى تۇرۇپ كەتمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەپسەندە بولىسىز.
شۇنداق، كىشىلىك ھاياتنى تاغقا چىقىشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن، قىيىنچىلىق، يالغۇزلۇقتىن قورقماسلىقىڭىز، ئاخىرقى نىشاننىڭ پەقەت كۆز ئالدىڭىزدا ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىشىڭىز كېرەك. ئاخىرقى نىشانغا يېقىنلاشقانسېرى، سىزدە تېخىمۇ زور غەلىبە تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى، سىز ئۇنى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرقى پەللىگە يېتىشىڭىز كېرەك.
         كۆرۈلۈشى:642     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:56يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

فوكىس شىركىتى ھەققىد..
جوبىزنىڭ مۇۋەپپەقىيە..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682