شىركەت CEO لىرى قىلىشقا تېگىشلىك 13 تۈرلۈك ئىش - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
شىركەت CEO لىرى قىلىشقا تېگىشلىك 13 تۈرلۈك ئىش
ئەلۋەتتە بىر ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) بولۇش ناھايىتى جاپالىق ئىش. تۆۋەندە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش تۈردىكى شىركەتنى قۇرغۇچىلار ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى قىلىشقا تېگىشلىك 13 ئىش كۆرسىتىلدى. كەڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچى دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىز.
1. بىر ئىشقا كۆڭۈل  بۆلۈڭ.
 سىزنىڭ شىركىتىڭىزدە بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا ئىشىنى لايقىدا تاماملىغىلى بولىدۇ. سىز قىلماقچى بولغان ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ، ياكى ئۇنى تامغا چاپلاپ قويسىڭىزمۇ ياكى ئۇنى يېغىن زالىنىڭ ھەممە ئادەم دىققەت قىلىدىغان جايىغا چاپلا قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ، سىز باش بولۇپ شىركەتتە قىلماقچى بولغان ئىشلاردىن بارلىق خادىملار خەۋەر تېپىشى، ئۇلارمۇ سىزگە ماس قەدەمدە ئەگىشىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئىشىڭىز نەتىجىلىك بولىدۇ.
2. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ۋە سىزنىڭ ئەترىتىڭىزنىڭ شان-شەرەپ ۋە ئار-نومۇسى چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ.
 ئەلۋەتتە، سىز بىر ئەترەتنى تەربىيىلەشكە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلسىز. چۈنكى بىر مۇنەۋۋەر بىر ئەترەت بىر كۈندىلا تەربىيىلەنمەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئۇلارغا بىر كىشىلىك بوشلۇق بېرىشىڭىز، ھە دېسىلا ئۇلارنىڭ بېشىدا پىرقىراپ «جەڭچى قوماندان ئويۇنى» ئوينىماسلىقىڭىز كېرەك. سىز سىزنىڭ رەھبىرىي كۈچىڭىز قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىزنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىڭىز ئەترەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش. ئەترەت ھەرىكەت قىلمىسا، شىركەت ئۇخلاپ قالىدۇ. دېمەك، سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ ھايات-ماماتى ئەترەتكە باغلىق. چۈنكى ئۇلار ئىچكى قىسىمدىكى ئەڭ ھەرىكەتچان بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. ئۇلاردىن مەسىلە چىقسا، سىز قوش زىيانغا ئۇچرايسىز. سىز بىر شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۇلار بىلەن شان-شەرەپ ۋە ئار-نومۇستا بىرگە بولۇشىڭىز كېرەك. سىز بىر شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنى باشقۇرۇش ياكى ئۇلارنى رېجىم ئاستىغا ئېلىش بولماستىن، بەلكى ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇش. مانا بۇ سىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىڭىز.
3. تەڭشەڭ.
باشقىلارنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتىگە قۇلاق سېلىڭ. ئۇلار مەيلى سىزنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىڭىز، خىرىدارىڭىز ياكى سىزنىڭ سىتراتىگىيلىك ھەمكارلاشقۇچىڭىز بولسۇن، ئۇلارنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن بەرگەن پىكىرى سىزنىڭ قۇلاق سېلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ ھاللاردىكى پىكىرى شىركىتىڭىزنىڭ تەرەققىياتى، كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە ئابونت مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن چەتنەپ كەتمەيدۇ. بۇ خىل ئشىلاردا سىز ئاسانلا خاتالىق سادىر قىلىپ قويىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى سىز شىركەتنىڭ باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى، نېمىنى بەلگىلەش، نېمىنى ئىجىرائىيە قىلىش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا، لېكىن سىز بۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ۋە خاھىشقا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى، كۆپ قىسىم نەرسىلەر سىزگە باقىدۇ. ئەگەر سىز شىركىتىڭزىدە كۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، شىركىتىڭىزمۇ بۇلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىڭىز ئاجىز بولسا، ئۇنداقتا شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. شىركەت شىركەتتىكى ھەرقانداق بىر كىشىدىن مۇھىم، ھەتتا سىزدىنمۇ مۇھىم. چۈنكى ئۇ سىز باشچىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۇمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، يەنە نۇرغۇنلىغان خىرىدالارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىشى كېرەك. شۇڭلاشقا، سىز يىراق نىشاننى كۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا، يەنىلا ئۆزىڭزىنىڭ ھازىرقى ئۇسۇلىڭىزغا مۇۋاپىق ھالدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
4. سىز ئەڭ كەم بولغاندا %75  ۋاقتىڭىزنى مەھسۇلاتىڭىزغا قارىتىڭ.
مەھسۇلات ئۇقۇمى ناھايىتى كەڭ دائىرىدىكى ئۇقۇم، ئۇ پەقەت ماددىيەتكە ئائىت نەرسىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيادا مۇلازىمەت تۈرىنى ئەڭ چوڭ مەھسۇلات بولۇپ قالدى. دېمەك، سىز شىركەت قۇرغان ئىكەنسىز، ھامان بىر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىسىز. مەيلى ماددىي مەھسۇلات بولسۇن ۋە ياكى مەنىۋى مەھسۇلات بولسۇن، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىپ، كۆپلەپ سېتىلىشى شىركىتىڭىز ئۈچۈن غايەت زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز ئەڭ كەم بولغاندا %75  ۋاقتىڭىزنى مەھسۇلاتىڭىزنىڭ تەرەققىياتى، كەلگۈسى يۈزلىنىشى ۋە لايىھە قاتارلىق ئىشلىرىغا قارىتىڭ. ئامال بار مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىڭ. شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە ئوبرازىغا مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك. مەھسۇلاتنىڭ قانداق بولۇشى بىۋاسىتە شىركەت ئىقتىسادىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.
5. ئىنچىكە ھېساب قىلىڭ.
بىزنىڭ كۆزدە تۇتماقچى بولغىنىمىز خامچوت نەق پۇل مۇئامىلىسى ئەمەس. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز ھالقىلىق كۆرسەتكۈچ. سىز ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئەترىتىڭىزدىكىلەرگە بىر ئې-خەت يوللاپ، شىركەت تىجارەت ئەھۋالىنىڭ ھالقىلىق سانلىق مەلۇماتىنى خۇلاسىلەڭ. ئىجرا بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەڭ ھەمدە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ. بۇ خىل ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ بىر تۈرلۈك خىزمىتىگە ئايلاندۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، كۆڭلىڭىزدە شىركەتنىڭ  ھالقىلىق كۆرسەتكۈچىگە نىسبەتەن ئېنىق بىر سان بولىدۇ.
6. چېنىقىڭ.
بەدەن چېنىقتۇرۇش بىر شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەممە ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. سىز خىزمەت بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، چېنىقىشقا سەل قارىسىڭىز بولمايدۇ. سىز ھەپتىدە ئەڭ  ئاز بولغاندا چېنىقىش ئۆيىگە 4 قېتىم بېرىشىڭىز، كۆپ بولغاندا 5-6 قېتىم بېرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى مۇرەككەپ مەنىۋى خىزمەت سىزنىڭ نۇرغۇن زېھنىڭىز ۋە روھىي كۈچىڭىزنى خورىتىدۇ. ئەگەر سىز زېھنىي قۇۋۋەت ۋە روھىي جەھەتتىن ئاجىزلاپ كەتسىڭىز، ئۇ ھالدا چوڭ ستراتىگىيەلەردىن چاتاق چىقىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، سىز چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مېڭىڭىزنى سەگىتىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
7. ئەكس ئىنكاس ئىزدەڭ.
چۈنكى بىز ئادەمنىڭ ئەقلى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بەزى كۆپ تەرەپلىمىلىك، چىگىش مەسىلىلەرنى كۆپ چىلىك بىلەن بىرگە مۇنازىرىلەشكەندە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك ھەدەپ سىز ئوتتۇرىغا تاشلىغان مەسىلىنى دەتالاش قىلىۋاتقاندا سىز ئەكس ئىنكاس ئىزدەڭ. سىز قول ئاستىڭىزدىكى خادىملار، خېرىدار ۋە ھەمكارلاشقۇچىڭىزنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان پىكرىنى ئىلغاپ چىقىڭ. بۇلارنى ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنى لايىھىلەش ۋە كېيىنكى قەدەمدە پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
8. ئىشخانىڭىزدىن چىقىڭ.
كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، باشقىلار بىلەن ئې-خەت ئارقىلىق مۇناسىۋەت قىلىش تولىمۇ ئاسان. ئەمما بۇ خىل مەۋھۇم دۇنيا سىزنى ھەقىقىي ئىجتىمائىيەت قوينىدىن ئايرىپ قويىدۇ. سىز ئىشخانىڭىزدىن چىقىپ، خېرىدار، ھەمكارلاشقۇچى ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىڭ، ئۇلار بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇڭ. ئۇلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى، سىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ.
9. بىلوگ ۋە مىكرو بىلوگ يېزىڭ. باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلارغا ئائىت ياخشى ماقالىلەر بار تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ.
ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتتە سىز ئېھتىياجلىق بولغان شارائىتلارنىڭ ھەممىسىنى تەل دېيىشكە بولىدۇ. سىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھېس قىلغانلىرى ۋە يولۇققان مەسىلىلىرىڭىز ئۈستىدە توختالسىڭىز بولىدۇ. سىز بۇلاردىن باشقا يەنە خايكېرلار توغرىسىدىكى خەۋەر (Hacker New) لەرگىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇڭ. دۇنيادا ئىقتىسادى مۇنبىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا كۆرۈپ تۇرۇشنى قولدىن بەرمەڭ.
10. كاپىتالنى باشقۇرۇڭ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى كاپىتال سىزنىڭ قېنىڭىزدۇر. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ قېنىڭىز ئاز بولسا، سىزدە باش قېيىش ۋە باشقا ھەر خىل ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئىشلىرىڭىزنى نورمال ئېلىپ بېرىشىڭىزغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. باش ئىجرائىيە ئەمەلدار بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن كاپىتال سىزنىڭ قېنىڭىز ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنى باشقۇرۇشقا سەل قارىسىڭىز بولمايدۇ.
11. ئۆزىڭىزنى مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلاندۇرۇڭ.
ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى سىز ئۆزىڭىزدىن مۇنداق مەسىلىلەرنى سوراپ تۇرۇڭ:« مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىم شىركەتكە قانچىلىك قىممەت ئېلىپ كېلەلىدى؟ مېنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى سەرپىياتىمدا قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ مەن زادى قايسى جەھەتتە خاتا قىلدىم». بۇ خىل سوراش ۋە بۇنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئويلىنىش ئۆزىڭىزنى كۈچەيتىش، قىسقىسى ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا سىزگە يۆلىنىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 
12.خۇشال يۈرۈڭ.
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش ھەقىقەتەن تەس ئىش. چۈنكى ئۇ سىزدىن ناھايىتى زور زېھنىي قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىسا، ئۇ ھالدا زېھنىي قۇۋۋىتىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىڭىز قېيىنغا توختايدۇ. خىزمىتىڭىز ۋە ئەتىرىڭىز ئارىسىدىن خۇشاللىق تېپىشنى بىلىڭ.
13. سۆيۈڭ.
شىركىتىڭىزنى قىزغىن سۆيۈڭ. مەيلى ئۇ شىركەت سىز قۇرغان بولسۇن، ياكى سىز باشقىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇڭ، شىركەتنى سۆيۈشىڭىز، ئۇنى ئاسرىشىڭىز، ئۇنى قوغدىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز ئۇنىڭدىن باشقا ئەترىتىڭىز، خېرىدارلىرىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنى قەدىرلەڭ. ھەمدە يۈكسەك مۇھەببەت بىلەن كۈندىلىك خىزمىتىڭىزنى باشلاڭ.
         كۆرۈلۈشى:580     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:55يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

فوكىس شىركىتى ھەققىد..
جوبىزنىڭ مۇۋەپپەقىيە..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682