ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلەش - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلەش
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن بازارنى ياخشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەيدىغان تۈرگە ماس كېلىدىغان بوشلۇق ۋە ئېھتىياجىنى بايقاش كېرەك. تۈر تاللاپ بولغاندىن كېيىن، پىلانلىق ھالدا مەبلەغ سېلىش كېرەك. ئەلۋەتتە، قارا-قويۇق مەبلەغ سېلىشتىن ساقلىنىش، ھەدىسىلا پايدىنى كۆزلەشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداقتا، بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا ماس كېلىدىغان تۆت ساھەگە قاراپ باقايلى:
1. يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسى
يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىنى بويلاپ ئىلىم ئىگىلەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ ساھەگە يۈرۈش قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئالىي مەكتەپتە شارائىت تولۇق يېتەرلىك، ھەمدە بۇ جەھەتتە يول كۆرسىتىدىغان ئۇستاز ۋە ئېتىبار سىياسەتلەرمۇ بار. شۇڭلاشقا، ئوقۇغۇچىلار بۇ ساھەگە زېھنىنى قاراتسا ھەمدە مەلۇم تۈر بويىچە ئىچكىرىلەپ، ئىگىلىك تىكلەشكە قەدەم ئالسا بولىدۇ. ئادەتتە، بۇ تۈرلەرنى كۆڭۈل قويغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇۋالالايدۇ.
تەۋسىيە قىلىنغان تىجارەت پۇرسىتى: يۇمشاق دېتال ئېچىش، تور بېكەت ياساش، تور مۇلازىمىتى، يانفون ئويۇنلىرىنى ياساش قاتارلىقلار.
2. ئەقلىي كۈچ مۇلازىمەت ساھەسى
ئەقلىي كۈچ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كاپىتالى ھېسابلىنىدۇ. ئەقلىي كۈچ مۇلازىمىتى ساھەسىدە ئىگىلىك تىكلەشتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئانچە قىينىلىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر تەرەپتىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىپ، ئىقتىسادچىل بولۇش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان تەجرىبە توپلايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار يېتەرلىك شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئىقتىساد توپلايدۇ.
تەۋسىيە قىلىنغان تىجارەت پۇرسىتى: ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى، ئائىلە ۋاسىتىچىلىكى، لايىھىلەش ئىشخانىسى، تەرجىمە ئىشلىرى ئورنى قاتارلىق.
3. دۇكان ئېچىش
ئالىي مەكتەپتە دۇكان ئاچقاندا بىر تەرەپتىن ئالىي مەكتەپتىكى مول خېرىدار بايلىقىدىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوخشاش ياشتىكىلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتىنى پىششىق بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى پۇل تېپىشتا خېرىدار جەلپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئەمما ئالىي مەكتەپتە دۇكان ئېچىشنىڭ يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىك تەرەپلىرى بار، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولۇشتەك ئەھۋاللار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەمدە كونكرېت بازارغا نىسبەتەن مۇناسىۋەتلىك بازار ۋە ئالاقىدار بىلىملەر كەمچىل بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پەقەت يۈز گىرادۇسلۇق قىزغىنلىقلا بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە مەبلەغ ۋە ئالدىن كۆرەر كۆز بولۇشىمۇ زۆرۈر ھېسابلىنىدۇ.
4. زەنجىرسىمان ئىتتىپاق ساھەسى
ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئوخشاش تىجارەت ساھەسىدە شەخس ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %20 تىن تۆۋەن بولىدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ  زەنجىرسىمان ئىتتىپاققا قوشۇلۇش نىسبىتى %80 تىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىنى ناھايىتى چەكلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى تىجارەت ۋاقتىنى بەش يىلدىن يۇقىرى قىلىپ تاللاش كېرەك.
تەۋسىيە قىلىنغان تىجارەت پۇرسىتى: تېز تاماقخانا كەسپى، ئائىلە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، باغچىسىمان تاللا بازىرى، رەقەملىك تېز بېسىش پونكىتى قاتارلىقلار.
         كۆرۈلۈشى:616     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:55يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

فوكىس شىركىتى ھەققىد..
جوبىزنىڭ مۇۋەپپەقىيە..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682