IT خادىملىرىنىڭ باشقا كەسىپنى تاللىشىدىكى يەتتە سەۋەب - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
IT خادىملىرىنىڭ باشقا كەسىپنى تاللىشىدىكى يەتتە سەۋەب
IT ساھەسىدە خىزمەت قىلىشنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىگەندە، سىزمۇ باشقا كەسىپنى تاللاشنى ئويلىشىشىڭىز مۇمكىن. جېك. ۋاللېن (Jack Wallen) ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم ئامىللاردىن شەكىللەنگەن ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي بېسىم IT خادىملىرىنى ئاخىرقى ھېسابتا شال پاخىلىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. IT كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان خادىملار بۇ خىل بېسىمنى چۈشىنىدۇ، بۇ خىل بېسىم ئەڭ چوڭ بولماستىن، غايەت زور بېسىمدۇر. چاتاق يېرى ئالىي مەكتەپ سىزگە بۇ خىل بېسىمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە تەلىم بەرمەيدۇ. بۇلار پەقەت سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا تايىنىپ ھازىرلىنىدىغان روھىي ساپادۇر. ئۇنداقتا بىز قايسى خىل ئامىللار IT خادىملىرىنىڭ باشقا كەسىپكە ئېغىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
1. بېسىم
بېسىم توغرىسىدا گەپ ئاچساق ھەممە كەسىپنىڭ ئۆزىگە يېتىپ ئاشقۇدەك بېسىمى بار. ئەمما سىز «IT كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ناھايىتى ياخشى» دېگەن سەپسەتىگە ھەرگىز ئېشىنىپ قالماڭ. چۈنكى بۇ كەسىپنىڭ شۇغۇللانغۇچى خادىملارغا ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمىنى تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، IT دېگەن ئاپەت باشقۇرۇش دېگەنلىكتۇر. بىر ئابونت سىزگە تېلېفون قىلىپ، مەلۇم تۈرنى جىددىي تاماملاشقا بۇيرۇيدۇ. سىز بۇ ئىشلارنى قىغلان ۋاقتىڭىز ئازراق بىخەستەلىك قىلسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى سىزنى توختام ۋە ئىش ھەققى توسۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز كېچە-كۈندۈز ئىشلەشكە باشلايسىز، ئاخىرىدا چارچاپ ھالىڭىزدىن كېتىسىز. دېمەك، بۇ خىل بېسىم ۋە روھىي ھارغىنلىق تۈپەيلىدىن بۇ يولدا خىلى مېڭىپ بولغان IT خادىملىرىمۇ باشقا يول تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
2. ۋاقىت
ئەگەر سىز بىر دۈشەنبىدىن -جۈمەگىچە قىلىدىغان خىزمەت تاپماقچى بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ IT  گە ئوخشاش 24 سائەت تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان خىزمەتنى قىلماڭ. چۈنكى بۇ كەسىپنى باشقا كەسىپلەرگە سېلىشتۇرغاندا، سىزنىڭ ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭىز ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ. دېمەك، سىز ۋاقىت جەھەتتىن كەتكۈزۈپ قويىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر (ئۇلار گەرچە سىزنىڭ خېرىدارىڭىز بولمىسىمۇ) سىزنىڭ بىلىمىڭىزدىن ھەقسىز پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارمۇ سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ.
دېمەك، يۇقىرىقىدەك ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن خىلى كۆپ IT خادىملىرى كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
3. مائاش
ئەگەر سىز مۇستەقىل ھۆددىگە ئالىدىغان خادىم بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ يەلكىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ بېسىم بولسا ئېرىشىدىغان ھەقتىن ئىبارەت. دېمەك، سىز ئۆزىڭىز قىلغان ئىشىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك كىرىمگە ئېرىشىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز باشقىلارغا ئىشلەۋاتقان بولسىڭىز، تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. دېمەك، سىز يەنىلا بىر خىل بىسىم ئىچىدە ياشايسىز. شۇڭلاشقا، سىز بۇ بىر خىل كىرىم مەنبەسىگە قاراپ قالسىڭىز بولمايدۇ، سىز ئامالنىڭ بارىچە باشقا كىرىم مەنبەسىنى كۆپەيتىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، خىزمەت ئۈنۈمى تەسىرگە يەتمەيدۇ.
ئەمما خىلى كۆپلىگەن IT خادىملىرى مائاشىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسىپكە ئالمىشىشىنى قارار قىلىدۇ.
4. تېخنىكا
سىز بەلكىم ئۇ كۈنلەرنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى سىز ھەممە تېخنىكىنى ئىگىلەپ كېتىپ بولالمايسىز. سىز دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر پروگراممېر بولسىڭىزمۇ، ئەمما سىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىز ھامان چەكلىك، مەلۇم ساھەدىكى چوڭقۇر نەرسىلەر بولىدۇ، خالاس. سىز پۈتكۈل تېخنىكا ساھەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ بولالمايسىز. شۇڭلاشقا، سىز بەزى تۈرلەرنى قولىڭىزغا ئالغاندا ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ باقمىغان تېخنىكا قىيىنچىلىقىغا يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى تېخنىكا سىزنىڭ ئالدىڭىز توسۇپ قويسا، سىز خۇددى قورالسىز جەڭگە كىرگەن جەڭچىدەك يامان ئاقىۋەتكە قالىسىز.
تېخنىكا جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك كۆپ سانلىق IT خادىملىرىنىڭ بۇ كەسىپتىن باش ئېلىپ چىقىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
5. رىقابەت
سىز مەيلى بۇ ساھەدە نېمىلا ئىشى قىلماڭ، ھامان باشقىلارنىڭ مەلۇم تەرەپتە سىزدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەگەر سىز بۇلارنى تېخىچە بايقىمىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ تېپىك ئۈلگىسى دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن. چۈنكى IT ساھەسىدىكى تېخنىكىلارنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى ئىنتايىن قىسقا. ئەگەر سىز ۋەزىيەتكە ئەگىشەلمىسىڭىز، ھېچكىمنىڭ سىزگە ھاجىتى چۈشمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئەسكى تامنى يۆلەپلا ئۆتۈپ كېتىسىز. سىزنىڭ نۆۋەتتىكى رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشىڭىز ۋە ئۇتتۇرۇۋېتىشىڭىز بىۋاسىتە سىزنىڭ تەقدىرىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، سىزدە ھەر ۋاقىت ھەر ماكاندا رىقابەتكە جەڭ ئېلان قىلغۇدەك ئىچكى ئېنېرگىيە ۋە تاشقى ھالەت بولۇشى كېرەك.
IT ساھەسىدىكى رەھىمسىز رىقابەت نۇرغۇنلىغان خادىملارنىڭ ۋاقىتسىز قۇربان بولۇشىدىكى  مۇھىم سەۋەبتۇر.
7. قەدىر-قىممەت
IT خادىملىرىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى نامى ياخشى ئەمەس، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبلىرى بار. چۈنكى IT ساھەسىدە كاتتا نەتىجىلىرى بار خادىملاردىن باشقىلارنى ئادەتتىكى IT دىن ئانچە خەۋىرى بولمىغان كىشىلەرمۇ ھۆرمەت قىلىپ كەتمەيدۇ. دېمەك، ئۇلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ۋە خېرىدارلار تاپشۇرغان تۈرنى تاماملىسىمۇ، يەنىلا باشقىلارنىڭ يېتەرلىك ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ. سىز ئۇلار ئېغزىنى ئېچىپ قالىدىغان مەسىلىلەرنى بىرنى ئەمەس نۇرغۇن كۆپنى ھەل قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئاندىن ئۇلار سىزنى يېڭىۋاشتىن تونۇشتا باشلايدۇ.
باشقا ساھەلەردىكى كىشىلەرنىڭ بەلگىلىك ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەسلىكىمۇ IT خادىملىرىنىڭ بۇ ساھەدىن ئايرىلىشىدىكى بىر سەۋەبتۇر.
         كۆرۈلۈشى:614     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:54يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

فوكىس شىركىتى ھەققىد..
جوبىزنىڭ مۇۋەپپەقىيە..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682