لاررىي.پەج دۇچ كېلىدىغان بەش چوڭ خىرىس(گۇگېل ھەققىدە) - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
لاررىي.پەج دۇچ كېلىدىغان بەش چوڭ خىرىس(گۇگېل ھەققىدە)
Cnbeta تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تېخنىكا ئۇچۇرلىرى تور بېكىتى Zdnet نىڭ باش مۇھەررىرى لاررىي.دىگنان (Larry Dignan) بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:«گۇگېل شىركىتىنى بىرلىشىپ قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى لاررىي.پەج (Larry Page) ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، گۇگېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغاندىن كېيىن، ئۇ بەش چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇلار چوڭ شىركەتنى باشقۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى قايتۇرۇپ كېلىش،گۇگېل ئۈچۈن ئىككىنچى چوڭ كىرىم مەنبەسى تېپىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىلەن پىكىرلىشىش،كىرىمنىڭ ئېشىشى ۋە مەبلەغ سېلىش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، گۇگېلنىڭ ئاممىۋى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار ئىكەن.
گۇگېلنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئېلان قىلىشىچە، لاررىي.پەج ئىيىرك.سچمىد (Larry Page) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، سچمىد گۇگېل شىركىتى مۇدىرىيەت يېغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ يەنە ئەڭ مۇھىم خىزمىتى گۇگېلنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئىكەن. گۇگېلنىڭ يەنە بىر بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى سېرگېي.برىن (Sergey Brin) نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مەھسۇلات ئېچىشقا مەسئۇل ئىكەن.
سچمىد بۇ يىل 1-ئايدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئىككىنچى دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلىمىنى ئۆزگەرتسەك، گۇگېل بازىرىنىڭ ئىستراتېگىيىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ». ئەمما بەزى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« پەج گۇگېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغاندىن كېيىن، گۇگېل شىركىتى تېخىمۇ كۆپ خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ ۋە يۈزلىنىدۇ. ئۇ بۇندىن كېيىن مۇنداق ئىككى خىل ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىرى، ئۇ ياكى ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتۋ.جوبزغا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ياكى بولمىسا ياخۇ شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ياڭ جى يۈەنگە ئوخشاش قايتىدىن پەردە كەينىگە مۆكۈۋالىدۇ».
لاررىي.پەج دۇچ كېلىدىغان بەش چوڭ خىرىس تۆۋەندىكىچە:
1. چوڭ شىركەتنى باشقۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى قايتۇرۇپ كېلىش
گۇگېل قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، پەج باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەنىدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا گۇگېل شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئاز بولۇپ، كۈندىلىك تىجارەت قاتارلىق بېجىرىدىغان ئىشلار بىر قەدەر ئاددىي ئىدى. ئەمما ھازىر گۇگېل دۇنيادىكى غايەت زور پەن-تېخنىكا شىركىتىگە ئايلاندى. مەزكۇر شىركەتنى باشقۇرۇش، مەھسۇلات ئېچىش ۋە تىجارەت قاتارلىق كۈندىلىك ئىشلار ناھايىتى مۇرەككەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خادىم سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى، شىركەت خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق بىر قىسىم سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن.
پەج گۇگېل شىركىتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى شىركەت ۋاقتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پەج بۇندىن بۇرۇن بۇنداق چوڭ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ باقمىغان.
2.گۇگېل ئۈچۈن ئىككىنچى چوڭ كىرىم مەنبەسى تېپىش
ھەممە كىشى بىلىدۇ، گۇگېلنىڭ مۇتلەق كۆپ كىرىمى يەنىلا ئىزدەش مۇلازىمىتى ئېلانىدىن كېلىدۇ. گەرچە گۇگېل پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆرۈنمە ئېلاننى كۆچمە ئىزدەش قاتارلىق ساھەلەرگە يۆتكەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگىچە، گۇگېل يەنىلا كىرىم جەھەتتە تېكىست ئىزدەش ئېلانىغا تايىنىپ كەلدى. پەج گۇگېلنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بىرى شۈبھىسىزكى گۇگېلنىڭ ئىككىنچى چوڭ كىرىم مەنبەسىنى تېپىشتىن ئىبارەت.
مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، گۇگېل خۇددى مىكروسوفت (مىكروسوفتنىڭ ئىككى چوڭ كىرىم مەنبەسى: بىرىWindows مەشغۇلات سىستېمىسى، يەنە بىرى Office يۇمتاللىرى)قا ئوخشاش، كەم دېگەندىمۇ ئىككى كىرىم مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق. پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى BGC Partners نىڭ ئانالىزچىسى كولىن. گىللىس (Colin Gillis) بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«بىز پەجنىڭ گۇگېلنىڭ تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلىرىنى باشقا بىر سودا شەكلىگە يىغىنچاقلاپ، شىركەت ئۈچۈن يېڭى كىرىم مەنبەسى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
3.نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىلەن پىكىرلىشىش
گۇگېل شىركىتى نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى سودا كومىتېتى ((FTC) نىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گۇگېل بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇندىن كېيىن پەج بۇ خىل تەكشۈرۈشلەر گە قانداق تاقابىل تۇرىدۇ، كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا ئىستېمالچىلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار مەزكۇر شىركەت قارىشىنى بەلگىلەيدۇ.
گەرچە گۇگېل شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت يېغىنىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى سچمىد بۇ ئىشلارغا مەسئۇل بولسىمۇ، ئەمما پەج شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ خىل مۇھىم ئىشلارغا قاتنىشىشتىن قۇتۇلالمايدۇ.
4.كىرىمنىڭ ئېشىشى ۋە مەبلەغ سېلىش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش
پەجنىڭ بۇ قېتىم گۇگېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن ۋاقتى دەل ئامېرىكا ھەقلىق ئىزدەش بازىرىنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئەڭ ئاستا مەزگىلىگە توغرا كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، گۇگېل شىركىتى بارلىق خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى %10 ئۆستۈرۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى.
بۇ گۇگېل شىركىتى ئومۇمىي چىقىمنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ۋال سترېت كوچىسىنىڭ گېزىتىنىڭ مۇھىمى مەزكۇر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارنىڭ شىركەتنىڭ ھەر پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى قانداق ئىجرا قىلىش ئىپادىسىگە قارىسا بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مەزكۇر شىركەت كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە مەبلەغ سېلىش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا موھتاج.
ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا بازار تەتقىقاتى شىركىتى Stifel Nicolaus نىڭ ئانالىزچىسى جوردان. روھان (Jordan Rohan) گۇگېلنىڭ بىرىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدىن ئەنسىرەپ قالغان. ئۇ يېقىنقى كۈنلەردە ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن:« مەن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، ئامېرىكا ھەقلىق ئىزدەش مۇلازىمىتى پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇگېل شىركىتى خادىملىرىنىڭ مائاشىنى ئۈستۈرۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇ بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گۇگېل شىركىتىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتى كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن».
5.  گۇگېلنىڭ ئاممىۋى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
«سان فىرانسىسكو مۇھىم ۋەقەلەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى:« پەج ھازىرغىچە تاشقى دۇنياغا بىر خىل سوغۇق تەسىر قالدۇردى. شۇڭلاشقا، گۇگېل بۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق ئاممىۋى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، گۇگېلنىڭ ئاممىۋى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
         كۆرۈلۈشى:591     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:54يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

فوكىس شىركىتى ھەققىد..
جوبىزنىڭ مۇۋەپپەقىيە..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682