بلوگ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىكەن - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...

تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  

 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | دوسىتلىشىش

بلوگ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىكەن
  • مەنبە: www.techweb.com.cn
  • 2011-02-23 11:48

  • سۆز بېشى: چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى:<<مىكرو بلوگ مۇلازىمىتىنى تەمىنلەش تور بېكىتى Tumblr نىڭ CEO سى داۋىد.كارىپ (David Karp) ھەپتە ئاخىرىدا تېلېۋىزىيە پروگراممىسى <ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى> (Founder Stories) نىڭ مۇخبىرى چقىرىس. دىكىسون (Chris Dixon) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇندىن تۆت بۇرۇنقى Tumblr نى قۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ:<مېنىڭچە بولغاندا ئالاقە تورى ساھەسىدە بلوگ قورالى ئېھتىياجى تەمىنلىيەلمەيدۇ> دېدى>>.
    نۆۋەتتە ئالاقە تورى ساھەسىدە بلوگ ۋە مىكرو بلوگنىڭ زادى قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار بېسىقماي تۇرۇپ، Tumblr كىشىلەر تەرىپىدىن خۇددى Twitter ۋە Facebook قا ئوخشاش مىكرو بلوگ دەپ قارالدى. ئەمەلىيەتتە، Tumblr نىڭ مېڭىۋاتقىنى بولسا ئۇچۇر يېڭىلىنىشچانلىقى تېز بولغان Twitter ۋە Facebook بىلەن چوڭ ھەجىمدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا ماس كېلىدىغان WordPress ئارىسىدىكى <<مۆتىدىل>> يول ئىكەن.
    Twitter ۋە Facebook نىسبەتەن ئېيتقاندا، <<مىكرو بلوگ>> دېگەن بۇ نام Tumblr غا تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. چۈنكى ئابونتلار Tumblr دا قىسقا ھەجىملىك ماقالىلەرنى يازغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ بەلگىلىك ھەجىمدە رەسىم قىستۇرالايدۇ، ھەم سىن ھۆججەتلىرىنى چىقىرالايدۇ.
    داۋىد.كارىپ زىيارەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ بۇندىن تۆت يىل ئاۋۋالقى مىكرو بلوگ Tumblr نى قۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:<<مەن ئەينى ۋاقىتتىلا بلوگنىڭ ئالاقە تورى ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. چۈنكى  بلوگ سۇپىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئۇسلۇب ئىشلىتىدۇ، مەن شۇ ۋاقىتتا بلوگنىڭ شەكلى تېخىمۇ ئازادە ۋە ئەركىن بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشغۇلاتمۇ ئۇنچە مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى>>.
    ئۇ يەنە مۇنۇلار بىلدۈرگەن:<< كىشىلەر بلوگ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرخىل ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بلوگ مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان سۇپىلار WordPress، Blogger، TypePad قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇلاردا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، تۇنجى بلوگ ساھەسىگە قەدەم بېسىۋاتقانلارغا نىسبەتەن خىلى كۆپ ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدۇ. مەن بۇ خىل سۇپىلارنى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرۇپ كېتەلەيدۇ، دەپ قارىمايمەن. چۈنكى سىز بۇ خىل سۇپىلاردا يازغان ماقالىڭىزنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن بىر سائەت ئەتراپىدا ۋاقتىڭىزنى كېتىدۇ>>.
    ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، WordPress چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشقا ماس كېلىدىغان سۇپا ئىكەن. ئەمما ئۆزى خۇددى پايتىمىدەك ئۇزۇن ھەم نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، بۇ تازا ماس كېلىپ كەتمەيدىكەن. ئۇ بۇ بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن Tumblr نى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئابونتلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ۋە تۈرلۈك تەسەۋۋۇر -خىياللىرىنى ناھايىتى ئەپچىل ئۇسۇلدا، قىسقا ۋاقىتتا
    ھەمدە ئاددىي مەشغۇلات باسقۇچلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىشقا ھەقىقىي ياردەم بېرىش ئىكەن.
    ئەمما، Twitter ۋە Facebook يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئابونتلارنىڭ مەشغۇلات قىلىش قەدەم -باسقۇچلىرىنى ئاددىيلاشتۇرماسمۇ؟ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئۇ مۇنداق دېدى:<< مېنىڭچە Twitter ۋە Facebook تا كۈچلۈك خاسلىققا ئىگە بولغان ئىپادىلەش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىشىلەر ئىجادىي ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدىغان سۇپىسى ئەمەس، مېنىڭچە ھازىر بىرەر ئادەم ئۆزىنىڭ Facebook تىكى سالاھىيىتىدىن پەخىرلىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمما Tumblr نىڭ پرىنسىپى بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، سىز بۇ يەردە ئۆزىڭىز پەخىرلەنگۈدەك بىر <ئائىلە>ڭىزنى قۇرۇپ چىقالايسىز. Tumblr بولسا بىر ئۆزگىچىلىككە ئىگە لايىھىلەشنى يېتەكچى قىلغان سۇپىدىن ئىبارەت، سىز ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرالايسىز، بۇ قەدەم-باسقۇچىلار MySpace تىكىگە ئوخشاش مۇرەككەپ ئەمەس. مېنىڭچە، Twitter ۋە Facebook باشتىن-ئاخىر ئابونتلارنىڭ ئىجادىي تەسەۋۋۇرلىرىنى ئېلان قىلىشىغا ئېتىبارسىز قاراۋاتىدۇ>>.

             كۆرۈلۈشى:575     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:48يوللىغۇچى ئەزا:

        
    بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !
    خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | دوسىتلىشىش
    ئەنسەر پەن-تېخنىكا شىركىتىدە مۇنداقمۇ ئىشلەش ئۇسۇلى با..
    شەۋكىران سېھىرلىك پۇت چاپلىغى
    پەن-تېخنىكا گۈللىنىشنىڭ، قۇدرەت تېپىشنىڭ ئاچقۇچى،باي ..
    ئەنسەر پەن-تېخنىكا شىركىتىگە ئىقتىساسلىقلار قۇبۇل قىل..
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن موگۇ زاۋۇتىغا جىددى 30 ن..
    پەنەر زاۋۇتىمىزغا جىددى 30 نەپەر ئشچى قۇبۇل قىلمىز .
    ................[ئەينەك زاۋۇتىغا  جىددى 30نەپەر خىزمەتچى قوبۇل ..
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  A B C پىراۋىلىق شوپۇر جىد..
    خىزمەتچى قوبۇل قىلېمىز
    ماشنا ساتىمەن
    ئشلەمچى لازىممۇ
    قەشقەرشەھەر مىلىشىپاخاننىڭ ئارقىسىدىكى 280پىڭپاڭ ئاق ي..
    كۇرلامېمان كۇتۇش يۇل بۇيدېكې 2500 پېڭپاڭ زېمېن ئەرزان با..
    شىنجاڭ خەلىقئارا سودا چەكلىك شېركىتىمىزگە بىر نەپەركا..
    ئىچىملىك زاۋۇتىغا12 نەپەر ئشچى قوبۇل قىلىمىز.
    ئەرمىدۇن كۆچىتى سېتىۋالىمەن
    ئۇيغۇرچە | ئۆزبەكچە | تۈرۈكچە | ھىندىستان | چەتئەلچە | DJ ناخشىلار | كۈلدۈرگە | قىزىقارلىق
      Till The World Ends
      كۆرۈلۈشى : 706
      2012-2-17 20:43:24
      جىنايەت
      كۆرۈلۈشى : 5240
      2012-2-17 20:35:10
      تۇ كومو يو
      كۆرۈلۈشى : 439
      2012-2-17 20:32:07
      Gordita
      كۆرۈلۈشى : 830
      2012-2-17 20:30:20
      My Heart Is Broken
      كۆرۈلۈشى : 440
      2012-2-17 20:24:26
      You
      كۆرۈلۈشى : 1392
      2012-2-17 20:19:16

    يېڭى تېمىلار

     

    قاتار چاي..
    بولدى قىل..
    مۇزلىغان دىل..
    ۋىجدان..
    چار خورازنىڭ سوقۇشۇش..
    كەتكىن..

    تەۋسىيە تېمىلار

     

    بۇ تۈردە ۋاقتىنچە ماقالە يوق

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682