شەندۇڭدا غايەت زور «ئالتۇن دۆلىتى» بايقالدى: 470 توننا ئالتۇن زاپىسىغا ئىگە!
ۋاقتى: 2015-11-10
ئاۋاتلىقى: 2895 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يېقىندا شەڭدۇڭ ئۆلكىسى 3-گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىقلارنى قېرىدىپ تەكشۈرۈش ئورنى لەيجۇ ئۈچ تاغ ئارىلى (三山岛)نىڭ شىمالىي دېڭىز رايونىدىن بىر ئالتۇن كاننى بايقىغان بولۇپ، مەزكۇر ئالتۇن كاندىكى ئالتۇن زاپاس مىقدارى 470 توننىدىن ئاشىدىكەن (ئادەتتە ئالتۇن زاپاس مىقدارى 20 توننىدىن ئاشسا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كېنى، 50 توننىدىن ئاشسا ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كېنىغا تەۋە بولىدۇ.)
لەيجۇ ئۈچ تاغ ئارىلىنىڭ شىمالى دېڭىز رايونى ئالتۇن كېنى ھازىرغا قەدەر مەملىكەت بويىچە تۇنجى دېڭىز ئۈستىدىن بايقالغان ئالتۇن كېنى ھېسابلىنىدۇ. مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇنچە چوڭ «ئالتۇن بوۋاق» ئەڭ ئاخىرى لەيجۇ شەھەرلىك رۈيخەي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن.