ئاسىيادىكى 12 دۆلەت ۋەكىلى ب د ت غا جەم بولۇپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى
يانفوندا كۆرۈش
19-مارت ئافغانىستان، قازاقىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ئېران، تۈركىيە قاتارلىق 12 دۆلەت ۋەكىللىرى ب د ت غا جەم بولۇپ، ئاسىيانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىكى ئەنئەنىۋى بايرام--نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى پەن جىۋېن ۋە 69-نۆۋەتلىك چوڭ بىرلەشمە رەئىسى كۇ تەيسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋەكىل ھاۋالە قىلىپ بۇ دۆلەتلەرنى تەبرىكلىدى.
تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، نورۇز قەھرىتان سوغۇقنىڭ ئاخىرلىشىپ، باھار كەلگەنلىكىدىن، پۈتۈن كائىناتنىڭ جانلىنىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: نورۇز پەقەت تەبئىيەت دۇنياسىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيەت ھادىسىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە، نۇرغۇن رايونلاردا ئات بەيگىسى، قوي سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋىي بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ بىر خىل مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، نورۇز يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلەر ئۆزئارا يوقلىشىشىدىغان، بەخت-تىلەك تىلىشىشىدىغان، ئىناقلىققا، ئىجىللىققا ئىنتىلىدىغان بايرام.
دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ نوزۇر بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان ئەنئەنىسى بار. نورۇز 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، قار-مۇزلار ئېرىپ، ئوت-چۆپلەر كۆكىرىشكە، چارۋىلار ئاينىشقا باشلايدىغان مەزگىلدۇر.
دېھقان-چارۋىچىلار بىر تەرەپتىن شاد-خۇراملىققا چۆمۈلۈپ ناخشا-ئۇسۇل ناۋاسىنى ياڭراتسا، يەنە بىر تەرەپتىن قىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن چارۋىلارنى ئېدىتلاپ، باھاردىكى تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا تەييارلىق كۆرىدۇ.
ھازىرقى زامان دەۋرىگە قەدەم قويغاندىمۇ، نورۇز يەنىلا ئەنئەنىۋىيلىكنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، قويۇق «سەنئەت بايرىمى» تۈسىنى ئالغان. نورۇز بايرىمى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ھەر قايسى جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا باردى-كەلدىسىنى كۈچەيتىپ، دوستانە، ئىجىل بولۇپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، بولۇپمۇ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.