خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پۇتىننىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئوبامانىڭ يېغىرىغا تېگىپ كەتتى

پۇتىننىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئوبامانىڭ يېغىرىغا تېگىپ كەتتى

ۋاقتى: 2015-10-26 ئاۋاتلىقى: 2729 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ۋالدېيېر كۇلۇبىدىكى يىغىندا قىلغان بىر ئېغىز سۆزى خۇددى يىڭنىگە ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ يېغىرىغا سانجىلدى. 
پۇتىن مۇنداق دەيدۇ: سۈرىيە مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى باشار زۇڭتۇڭدىن قۇتۇلۇش، رۇسىيەنىڭ مەقسىتى بولسا تېررورىزىمدىن غالىپ كېلىش. پۇتىن سامان تېگىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ ئامېرىكىغا: «ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن. بىر تەرەپتىن تېرورىزىمغا جەڭ ئېلان قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا شەرققە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىشتەك ئىككى يۈزلىمىلىك رول ئېلىش ھەقىقەتەن قىيىن.» دەيدۇ. 
پۇتىننىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى مەخپىيەتلىكىنى قىپيالىڭاچ ئاشكارىلىۋېتىش بىلەن بىرگە، رۇسىيەنىڭ ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت قارىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قىلغاندىن بۇيان، پۇتىن سۈرىيە مەسىلىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاۋبامانىڭ نوپۇزىنى يەرگە ئۇردى.
يېقىندا سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد رۇسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. ئۇنداقتا باشار ئەسەدنىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى سۈرىيەلىكلەرگە تىنچلىق ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟
پۇتىننىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 21-ئۆكتەبر مۇنداق دېدى: سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد 20- ئۆكتەبر كەچتىن باشلاپ دۆلىتىمىزدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى، زۇڭتۇڭ پۇتىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشتى. باشار ئەسەد پۇتىنغا سۈرىيە ۋەزىيىتى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانىنى دوكلات قىلدى. پۇتىن بىلەن ئەسەد رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇساپىسى، سۈرىيەدە تېررورىزىم ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى. رۇسىيە زۇڭتۇڭ تور بېكىتىنىڭ 21-ئۆكتەبردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن 20-ئۆكتەبردىكى كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېگەن: خەلقئارا تېررورىزىم ئوتتۇرا شەرقتىكى كەڭ زېمىننى كونترول قىلىۋېلىپ، رايون مۇقىملىقىنى بۇزماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئېنىقلا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلدۇ. سۈرىيەدە جەڭ قىلىۋاتقان قورالىق ئۇنسۇرلار ئىچىدىكى 4000 كىشى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن، رۇسىيە ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، كاللىسى يۇيۇلغاندىن كېيىن رۇسىيەدە پەيدا بولۇشىغا يول قويمايدۇ. پۇتىن سۆھبەت جەريانىدا سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئۇرۇشتا ئاكتىپ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا بارلىق سىياسى كۈچلەر، مىللەت ۋە دىننى مەزھەپلەر قاتناشقان شارائىتتا سىياسى يول بىلەن ئۇزۇ مەزگىللىك ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت، ئەمما قارار چىقرىش ھوقۇقى يەنىلا سۈرىيە خەلقىنىڭ قولىدا. رۇسىيە سۈرىيەدىكى تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ۋە سۈرىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلشىغا ئەڭ زور چەكتە تۆھپە قوشۇشقا تەييارلاندى. رۇسىيە سۈرىيە كرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى