 
     
| مەن جالاپ ئەمەس(راست ئىشلار خاتىرىسى)(1)& S; ?& O3 L) u. N5 d# p
8 u; o3 T/ @- a( A+ Rمېنىڭ بەش يىلىم3 i+ d7 {5 d% D; M' R2 ]& }
9 i- B, r0 z' ^1 L: F3 _ئاپتورى: نۇرئىمانگۈل ئابلىز& k9 q& _3 }* {) V% b3 w 7 G/ @3 x# _2 M 8 h, R8 o3 M0 e4 Z& g 1. ياق، مەن جالاپ ئەمەس/ }1 D3 x3 N0 Q ـ دادا، مېنى بارغىلى قويۇڭ، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىرى مېنى ساقلاپ قالىدۇ. رۇخسەت بېرىڭە دادا. 5 `. a v" W: T6 l( t5 |ئۆتۈنۈپ قالاي.7 {1 \4 U6 v% H8 O$ a9 @) D' t ـ ئانا، دادامغا گەپ قىلىڭە، بۈگۈن قىلىدىغان ئىشلىرىمنى كىچىدىن ئۇخلىماي تۈگەتكەندىكىن.9 ?' x8 r; [0 u+ I q' \' c& W ـ ئانام لەۋلىرىنى مىدىرلىتاي دەپ تۇرۇشىغا دادامنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى يەنە ماڭا قادالدى.2 O2 A8 q9 _1 a ـ ياق، ھەرقانچە ناھىيىنىڭ ھاكىمى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ بۈگۈن ھېچيەرگە بارمايسەن.5 ^: u1 _$ K0 \. y- d0 x$ d دادامنىڭ ئەلپازى بەكلا قەتئىي ئىدى.9 q- B) E7 ~5 ` ـ بۈگۈن بارماقچى بولغان يىرىڭنىلا ئەمەس، قىلماقچى بولغان پۈتكۈل ئىشلىرىڭنى توختات. بۇ مېنىڭ ساڭا قىلغان بۇيرۇقۇم. نەچچە يىلدىن بېرى تىرىغان باش ئاغرىقىڭ يېتىپ ئاشىدۇ. 2 n& X( ^% a" H* O# g! w: \- P( gدادامنىڭ ئېيتقانلىرى دەرھەقىقەت، مېنىڭ ئۆيدىكىلەرگە سالغان خاپىلىقلىرىمنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.4 A2 O) i* h( L' ]3 ?0 { ـ دادا، مەن ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى ياقىلايمەن دەپ سىلەرگە نۇرغۇن جاپا سالدىم. بىراق مەن خاتا ئىش قىلمىدىم.& M0 j/ k$ y& j ـ نېمە، يەنە مېنىڭ توغرا دەۋاتامسەن تېخى، دادامنىڭ ئېغىزى يەنە ئېچىلدى، - سىرتتىكى پىتنە - ئىغۋالارغا قاراپ باقە. سەن ئۇياتمىغىنىڭ بىلەن مەن تۇرالمىدىم مۇشۇ مەھەللىدە. ھۇ نومۇسىنى بىلمەيدىغان رەسۋا.2 ~6 |: a9 p9 j; } دادامنىڭ رەسۋا دەپ چالۋاقىشى بىلەن تەڭ خۇددى قوقاس ئۈستىگە دەسسىۋالغان توخۇدەك ئىزىمدا تۇرالمايلا قالدىم.* {: c* h1 ~. G- G0 F' D; c ـ مېنىڭ بىر ۋاقلىقىم خەقنىڭ ئۆيىدە ئەمەس دادا. باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق. ئۆزۈمنىڭ قىلغىنى ئۆزۈمگە دۇرۇس بىلىنسىلا شۇ يولدا داۋاملىق ماڭىمەن. بىر ياراتقان ئاللاھتىن قورقمىساق ئۇياتساق بولىدۇ، مېنىڭ يولۇمنى ھېچكىم توسالمايدۇ. كوچا - كويلاردا ئۆسەك سۆزلەرنىڭ بولۇشى ئۇ تەبىئىي ئەھۋال. مەن شۇنىڭدىن قورقۇپ سىرتقا چىقمامدىم. - مېنىڭمۇ ياشاش ئەركىنلىكىم بار، دېدىم مەن ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ. - O. C: R. _, |2 Q" Z7 J( z3 Oـ ھەي، ھايۋان. مەندىن بىر كۈن رۇخسەت سورىدىڭما سەھەردە چىقىپ كەتسەڭ، قاراڭغۇ چۈشمىگىچە ئۆينى تاپالمايسەن. نەگە بارغىنىڭنى كىم كۆرۈپتۇ. خەقنىڭمۇ كۆزى بار. شامال چىقمىسا دەرەخ تەۋرىمەيدۇ.+ X. q& `4 M6 W. \( { ـ دادا مەن خەقنىڭ ئىغىزىغا چىقىپ كۆزىگە چىلىققۇدەك قايسى ئىشنى خاتا قىلدىم؟ - يىغلاپ تۇرۇپ چىچىلدىم مەن. ' G2 E$ }: x! {2 c3 }+ u: Bـ ئۆزۈڭ بىلىدىغانسەن نېمە قىلغىنىڭنى. ئىشقىلىپ بۈگۈن بىر ياققا بېرىشىڭغا رۇخسەت يوق.9 l9 B* B& X9 B' Q0 C7 X; I; ~/ n; O مەن دادامغا يالۋۇرۇپ يىلىندىم، ئەھۋال چۈشەندۈردۈم، ئۆتۈمدۈم. بىراق دادام پەقەت گەپ يىمىدى. ئاخىرى دادامنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىمايلا گۈللۈكنىڭ پەشتىقىغا قويۇلغان سومكامنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقماقچى بولدۇم. 0 _) w) r) E6 t5 x8 j) Aـ بوسۇغا ئاتلايدىغان بولساڭ ئائىلە ئەزالىق تىزىملىكىدىن رەسمى ئۆچۈرىلىسەن. ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچى بولما! / x$ {' C+ c6 K$ Kمەن بىر ئىزىمدا خۇددى قېقىپ قيغان قوزۇقتەك تۇرۇپ گويا باش باھارنىڭ يامغۇرىدەك ياش تۆكتۈم. ئەتراپ جىمىپ قالدى. : p7 }) Z" }2 k1 z1 D/ qـ ئىختىيارىڭىز دادا، مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئەنە شۇنداق ئېغىر بىسىم، بۇيرۇق پەرمانلار مەندىن خالىي ئەمەس. سۇنى سىقسا ئالقاندا تۇرماپتۇ دېگەندەك شۇنداق تۇرۇپمۇ مەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ تۈگەتتىم. ئابرويلۇق ئائىلىنىڭ قىزى بولماق خويمۇ قىيىنكەن. ئۆزىڭىزنى ئاسرىغايسىز!& G3 D/ I# M3 r: b! b : s1 _2 }; [8 ~$ o W مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ئىككى تەرىپىدىكى ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈۋاتقان سۇۋادان تىرەكلەر مەھەللە يولىدا مەن ئۆزۈم تەنھا كېتىۋاتىمەن. ياز ئايلىرىنىڭ يىقىملىق شاماللىرى ياپيېشىل تەبىئەت مېنىڭ سۇلغۇن كەيپىياتىمغا تەسەللى قىلىۋاتقاندەك، كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. قەدەملىرىم شۇنچە مەيۇس، ئىچ - ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ئازابلىق كۆز ياشلىرىم ئاپئاق يۈزلىرىمنى چالا يۇيۇلغان ئالمىغا ئوخشىتىپ قويغانىدى. مېنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم ئازاپ ئوتىدا ئۆرتىنەتتى. چۈنكى مەن باش پاناھىم، مەدەتكارىم بولغان دادامغا گەپ ياندۇرۇپ ئۆيدىن يىنىپ چىقتىم ئەمەسمۇ. مېنى ئادەم دېگىلى بولاتتىمۇ. بۇ دادامنىڭ مېنى ئۈچىنچى قېتىم ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىشى. بىراق ئالدىنقى قېتىملىرىدا ئائىلە ئەزالىق نوپۇسىدىن ئۆچۈرۈلدۈڭ دەپ باقمىغان. بۇقېتىم يامان يىرىگە بېرىپ يەتتى. مەن ئەنە شۇنداق خىيال دەرياسى ئىچىدە ئەللەيلىنىپ يىزىمىزدىكى ماشىنا توختاش بېكىتىگە بېرىپ توختىدىم. سائىتىمگە قارىسام مەن دېيىشىۋالغان ۋاقىتقا يېرىم سائەتلا قاپتۇ. خېلى ساقلىغان بولساممۇ ھېچبىر ماشىنا كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئاخىرى تېلېفون بوتكىسىا بېرىپ ئانام تەرەپ تاغامغا تېلېفون قىلىپ ماشىنا ئېلىپ چىقىشنى ئېيتماقچى بولدۇم. تېلېفون ئۇلاندى، لېكىن ئېلىنمىدى. مەن جىددىيلەشكەن ھالدا تۆت تەرەپكە تەڭ قاراپ قانداقتۇر بىرەر ماشىنىنىڭ كېلىپ قىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدىم. * {5 x9 Q" P1 s3 O4 Y0 e1 z. _ـ ھە، ھازىر تېخى تېلېفون قىلغانما. ار ئۇ جالاپ. نېمىلىرى بولىدۇ ئۇ جالاپ.ـ تېلېفونچى قىزنىڭ قوپال تەلەپپۇزدا، قەستەن ماڭا ئاڭلىتىپ ۋارقىراپ سۆزلىشى مېنى ئۆزىگە قاراتتى. قارىسام ئۇ قىز قولىدا تېلېفوننى تۇتۇپ تۇراتتى. 2 Z! ~" u0 }. ~! ?. s' eـ بۇ ماڭا كەلگەن تېلېفونمۇ نېمە؟ ھۇي نېمىشقا قويۇۋېتىسىز؟ سورىدىم مەن مەيۈس ھالەتتە. 9 i0 j9 N) Y* j7 V5 G/ o5 y6 ?ـ تېلېفون مېنىڭ بولغاندىكىن قانداق قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن، بولماپتىما، ھۇ بۇزۇق جالاپ." j- q5 ]: m$ I x# Q5 U ـ ۋېيەي، سىز كىمنى تىللاۋاتىسىز؟ سورىدىم مەن.2 ~$ y3 m* I. L+ a2 K; u, W ـ ۋاي قوۋۇرغام، قانداق قىلاي ئەينۇلىقىنى، ئالدىمدا كىم تۇرغان بولسا ئەلۋەتتە شۇنى دەيمەندە... / F% A% a# | z( V5 X6 C" sشۇ ئارىدا ئەتراپىمىزنى مىژژىدە ئادەملەر توپى ئورىۋېلىشتى، شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى چىقىپ، ئايىمگۈل بۇ قىز ئەخەت ئوسمان ھاجىمنىڭ نەۋرىسى نۇرئىمانگۈل ئەمەسمۇ، خاتا تونۇپ قالمىغانسىز - ھە؟0 L9 C8 S/ A6 I4 O ـ ياق، ھەرگىز خاتا تونۇمىدىم. ھازىر ھاىملار ئائىلىسى جالاپلار ئائىلىسىگە ئايلىنىپ قالاي دېدى. ئۇزۇن كىيىم كىيىپ يۈرگىنى بىلەن ئايىغىنى ئوچۇق قويىدىغان جالاپ خىنىملارنىڭ ھالىغاۋاي. مۇشۇمۇ شۇ خىنىملارنىڭ بىرى. ئاچىسى ئاينۇر جالاپنىڭ سىڭلىسى نۇرئىمانگۈل جالاپ دەل ئۆزى شۇ. ئاينۇر جالاپنىڭ كاساپىتىدىن مېنىڭ ئىككى بالام يىتىم بولاي دەۋاتىدۇ. ئەتراپىمدىكى كىشىلەر بىردەم بىر - بىرىگە قاراپ كۇسۇلداشسا، بىردەم مېنىڭ چىرايىمغا، ئۈستى - بېشىمغا تەكرار سەپسالاتتى. # ?& C# X e9 |* d! \4 oبىرسىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ بىرنەرسە دېسەك بولمىغىدەك. قارىسا شۇنداق نەپىس كىنىۋاپتۇ بۇ قىز. ئىسلام كىيىملىرى ئىشرەتۋاز ئاياللارنىڭ ياخشى نىقابى بوپتۇغۇ ئەمدى. 0 J6 O' K& e! w) D/ o0 ^ئوتتۇرا بوي، ئارا سىمىز بىر ئەركىشىنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ماڭا قادالغان كۆزلىرىدىن، كۇس - كۇس پاراڭلىرىدىن قاتتىق ئەلەم ۋە خورلۇق ھېس قىلدىم. نومۇسنىڭ كۈچىدىن ئۆلۈپ كەتمىدىم، باشقىسى بولدۇم. شۇ مىنۇتلاردا ئاسمانغا چىقىپ كېتەي دېسەم يىراق، يەرگە كىرىپ كېتەي دېسەم قاتتىق، شەلپەردەك قىزارغان يۈزلىرىمنى يەردىن كۆتۈرەلمەى ئېغىز ئېچىشقا ئامالسىز، ئۇلاردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەزەلدىن ئۇنداق كۆپ ئادەملەر، بولۇپمۇ ئەرلەر ئالدىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمايتتىم. تەلىيىمگە ماشىنىمۇ كېلىپ قالدى. 8 L4 b' u3 a: A" i' r5 F" E7 j: e% Kمەن جالاپما؟ ئۇلار مېنى ھاجىملار ئارىسىدىن چىققان جالاپ خېنىم دەيدىغۇ. ياق، مەن جالاپ ئەمەس. مەن دېگەن قارىھاجىمنىڭ نەۋرىسى، مەن جالاپلىق قىلمىغان تۇرسام ئۇلار مېنى نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ. زادى، مەن نېمىشقا ئۇلارنىڭ سۆزىگە قارىتا گەپ قىلالمىدىم، ئۇلار مېنى تىللىدى، مەن تىللىيالمىدىم.9 f$ q2 F) O/ s% i5 o- U0 { دېمەك مېنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا تىلىم كىسىك، جەمەتىمىز ئىچىدىن نەۋرە ئاچامنىڭ شۇنداق يولغا مىڭىپ قالغانلىقى دەرھەقىقەت. بىراق مېنىڭ قايتا - قايتا نەسىھەت قىلىشىم بىلەن ئاچام توغرا يولغا قايتىپ ئاشخانا ئاچتىغۇ. ھازىر ھالال كەسپى بىلەن كۈندارچىلىق قىلىۋاتىدىغۇ؟ ئەجىبا ئۇ بىر ئۆمۈر جالاپ دېگەن نام بىلەن ياشارمۇ؟ جەمئىيىتىمىز، نادان خەلقىم سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھىنى تونۇشىغا پۇرسەت بەرسەڭلار نېمە بولار!! z4 f+ M: P- g* t2 S شوپۇرنىڭ بېكەتكە كەلدۇق دېگەن ئاۋازى مېنىڭ خىيالىمنى بۆلدى. باشقىلار ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەمشىلىۋېتىپتۇ. ئۇلار مېنى «ھەي جالاپ، سەنمۇ چۈشە» دەپ قويۇپ چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك شوپۇرمۇ مېنى «ھەي، جالاپ چۈشمەمسەن ماشىنامدىن» دەپ تىللاپ كېتىۋاتقاندەك دەرھال بېكەتتىن چىقىپ ماڭدىم. بىراق يول ئۈستىدە ماڭا يولۇققانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى جالاپ دەپ تىللايدىغاندەك، نەۋرە ئاچامنىڭ ئىشلىرىنى يۈزۈمگە سالىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. پۈتكۈل جاھان كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ ماڭىدىغان يولۇمنىمۇ ئايرىيالماي بېشىم قايغان تەرەپكە كېتىپ قاپتىمەن. توساتتىن بېسىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئاغرىق ئازاۋىغا بەرداشلىق بېرەلمەيلا قالدىم. گاللىرىم قۇرۇپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى، بېشىم گويا كۈچلۈك پالتىدا چىقىلىپ ئۇۋۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك سىقىراپ ئاغرىيتتى. كۆزۈمنى ئاچسام تۇرمۇش نەرسە - كېرەكلىرى ساتىدىغان ماگىزىننىڭ ئالدىدىكى كارىۋاتتا يىتىپتىمەن. ئاپئاق يۇمشاق بىر جۈپ قول چىكەمنى ئۇۋۇلاپ، يۇمۇلاق بىر جۈپ مېھرىبان كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپتۇ. «قايسى ئىشرەتخانىدىن كەلگەن جالاپسەن» دېگەن ئاۋاز قۇلۇقۇمغا ئاڭلانغاندەك بولدى. ۋارقىراپ كەتتىم.1 i7 ? p1 y# b4 @ ـ ياق، مەن جالاپ ئەمەس، مەن جالاپ ئەمەس، مەن دېگەن ھاجىمنىڭ نەۋرىسى، ئىشرەتخانىغا كىرىشىمدە سەۋەپ بار. , Q2 T# F* z: o' Oـ كىم سىزنى جالاپ دېدى. ھېلىقى مېھرىبان چىراي يۈز - كۆزلىرىمنى سۈرتتى، توپىلىرىمنى قاقتى.+ ~& n2 @4 D6 c! I. Y. |. Y ـ سىزگە نېمە بولدى؟ ئىسمىڭىز كىم؟/ M! G- h( f6 U+ Q ـ ئىسمىم نۇرئىمانگۈل.3 P/ q( ~! k4 c9 S, t2 v' z, J ـ ئاۋۇ يەردە ئايلىنىپ يىتىپ قاپتىكەنسىز، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىزنى كۆتۈرۈپ بۇ يەرگە ئەكېلىپ ياتقۇزدۇم. سىزگە تاماق بۇيرۇتقان ئىدىم، قېنى ئىچىڭ، قىززىق ئاش ئادەمنىڭ زەھىرىنى ئالىدۇ. # `) \ d( ]8 j+ \, @3 s+ gئالدىمدا تۇرغان بۇ ئايال مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قىززىق چۆچۈرە ئاشنى بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن ئىچۈردى. يەنە كېلىپ چۆچۈرە مېنىڭ ئەڭ ئامراق تامىقىم ئىدى. مەن بىر تەرەپتىن بۇ ئايالنىڭ ماڭا قىلغان ھېسداشلىقىدىن سۆيۈنۈپ جاھاندا يەنىلا ياخشى ئادەملەر باركەنغۇ دەپ مەمنۇن بولۇپ ياش تۆكسەم، يەنە بىر تەرەپتىن تېخى نەچچە سائەت ئالدىدىلا ئائىلەمدە ۋە تېلېفون بوتكىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە مەن ئىشرەتخانىغا كىرىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھېلىقى قىزلارنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى خىيالىمنى ئەگىيتتى. جەمئىيىتىمىزدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق خاتا كۆزقاراشلىرى، پىتنە - ئىغۋالىرى نۇرغۇن قىزلارنى ھالاكەت يولىغا باشلاپ نابۇت قىلىۋاتىدىغۇ دېگەنلەرنى ئويلايتتىم - دە ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمنى تۆكەتتىم. ھېلىقى چۆچۈرە كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ ئىچىلىۋاتاتتى. 1 g b S) f! x5 f: y6 ]% Z- R4 pـ بولدى، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ، بىرەر ئىشتىن خاپا بولۇپ قالغاندەك قىلىسىز. % z: L/ k1 ?% e7 y7 oمېنىڭ خاپا بولغانلىرىم بەك جىق، كىمدىن خاپا بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ ئويلاپ يېتەلمىدىم. مېنى بەكرەك خاپا قىلغىنى جەمئىيەت بىلەن نادان خەلقىمدەك قىلىدۇ.* Z) B6 d ?! o, k- s قارىغاندا سىزنىڭ پىكرىڭىز باشقىچىرەك تۇرىدۇ. خېلى مەزمۇنلۇق سۆزلەيدىكەنسىز. خەلقىمدىن خاپا بولدۇم دەيسىزيۇ، نېمە ئۈچۈن خاپا بولغىنىڭىزنى دېمىدىڭىزغۇ. خەلق دېگەن شۇنچە جىق تۇرسا، كونكرېتراق دېمەمسىز. . s& m$ I8 g* z( ]/ A! `# g/ |جەمئىيىتىمىزدىكى خاتا چۈشەنچە، خەلقىمىزدىكى خاتا قاراش، پىتنە - ئىغۋا، ئۆسەك سۆزلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشرەتخانىدا دەپسەندىلىك، خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتسا مەن ئازابلانماي تۇرالايتتىممۇ. ; F9 @4 u$ z& i/ g" y' T; zـ قارىغاندا، بىشىڭىزغا خىلى ئېغىر كۈنلەر كەلگەندەك تۇرىدۇ. شۇنداق يولدىن ئازغان قىزلار توغرۇلۇق مەلۇم چۈشىنىشىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟4 N8 {2 X* `: ~' w ـ ھەئە، مەن شۇنداق قىزلارنى كۆرگەن، مۇڭداشقانمەن. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىە لايىق ئارزۇلىرى بار. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ. كۆيۈشكە، سۆيۈشكە، مېھرىبانلىققا ئېرىشسەم، ئىناق ئائىلىگە ئىرىشسەم دەيدۇ. ئېغىزدىن بەدبۇي ھارۈق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان، قىلىشلىرى شۇنچىلىك لاۋزا، شۇنچىلىك قوپال ئەرلەرنى كۈتۈشتىن ئۇلارمۇ سەسكىنىدۇ. * l8 [* B0 R( F0 H+ f" J4 M+ g ]ـ ھوي گويا ئۇلار بىلەن تونۇشىدىغاندەكلا سۆزلەيسىزغۇ؟: ]& c4 n2 S2 T# [6 Y' O ـ توغرا، مەن شۇنداق ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. چۈنكى مەن ئىشرەتخانىلارغا كىرگەن. 9 C9 T- w) t; e! Q8 L: wـ نېمە، سىز تېخى شۇنداق جايلارغا كىردىڭىزما؟ قانداق سەۋەپ بىلەن شۇنداق جايلارغا كىردىڭىز؟ ئەمىسە بايامزە شۇنداق جايدىن چىقىپتىكەنسىز - دە. - S5 _# Q4 P6 E% }4 m. o# Wـ ياق، ياق، سىزمۇ مېنى خاتا چۈشەنگىلى تۇردىڭىز. ئۇنداق ئەمەس، مەن راستىنلا شۇنداق جايلارغا كىرگەنى، نېمىشقا دېسىڭىز جەمئىيىتىمىزدە شۇ يولدىكى قىزلارغا يىغىۋاتقا نەپرەتنىڭ كۆپلىكى، جەمئىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى «جالاپ، جالاپ» دەپ ھاقارەتلەشنىلا بىلىشى، لېكىن بۇلارنىڭ مۇشۇنداق يولغا كىرىشىگە زادى نېمە سەۋەب بولدى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەردى بولۇشى مۇمكىن دەيدىغانغا ئادەمنىڭ يوقلىقى...% k) U( J0 H/ G مەن دەسلىۋىدە جەمەتىمىزنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغداپ نەۋرە ئاچام ئاينۇرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن شۇنداق جايلارغا كىرگەنتىم. بەكلا ئىچكىرلەپ كىرىپ بەش يىل شۇ پاتقاق ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم. شۇ جەرياندا ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى پۈتكۈل قاۋاقخانىلارغا بىر قۇر كىرىپ چىقتىم. شۇ قىزلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم. شۇ جەرياندا قىمار قەرزىگە ھېسابلاپ ئۆز قىزىنى ئەرلەرنىڭ ھوجرىسىغا كىرگۈزۈپ بەرگەن، قىزىنىڭ لايىغى بىلەن تۆشەكتە يېتىپ قىزىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان، ئاي - كۈنى يىقىنلاپ قالغان كىلىننى خۇراپاتلىقنى ياقىلاپ، تەتۈر پىشانە دەپ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان، شۇنداقلا ئۆلۈم خەۋپىنى پەيدا قىلغان، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەڭ نەچچە يىلنىڭزى سەرپ قىلىنغان چىقىملارنى تۆلەيسەن دەپ قىزىنى بىسىم ئاستىغا ئېلىپ، ھالاكەت يولىغا باشلىغان، قىزىنى كۆزلەپ ئانىسى بىلەن توي قىلىپ، ئانا - بالا ئىككىلىسىنى تەڭلا ئاياس ئاستى قىلغان، ھايۋان سۈپەت دادىلارنى، ئانىلار، قىيىنئاتا - قىيىنئانىلارنى، تىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەس، ئىسلام تونىغا ئورۇنىۋېلىپ ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ بارغان بىچارە قىزلارنى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنغان مىللى مۇناپىق ھاجىملارنى بايقىدىم... مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈممۇ يەتكىچە خورلۇق، دەرد ۋە ئەلەم تارتتىم. كۆرمىگىنىم قالمىدى. شۇنداق جايلاردا باش يىلدەك يۈرۈپ خىلى كۆپ قىزلارنى يامان يولدىن قايتۇرۇپ، نەۋرە ئاچامنىمۇ تېپىپ ئىشلار ئوبدان يۈرۈشكەندە بولسا خەلقئالەم ئارىسىدا ئۆزۈم يامان ئاتاقلىق بولۇپ قالدىم. تېخى ئۆيدىن ھەيدەلدىم دەڭا.% L, V+ j P! b1 J ـ ئەستا، بۇ ئىشنى قارىڭە، بەش يىل جەريانىدا سىزگە باشقىچە قاراشتا بولمىغان ئاتا - ئانىڭىززە ئەمدى نېمىدەپ سىزنى ئۆيدىن قوغلىۋەتكەندۇ، ئەمدى.( m/ f$ B5 {9 G* k/ d ـ راستىنى ئېيتسام، بەش يىلدىن بېرى گەرچە ئۆزۈم شۇنداق جايلاردا تۇرۇپ، قىزلارنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى ئىشتىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشنىڭ چارە - ئاماللىرىنى ئىزدەۋاتقان چاغلىرىمدا ئاتا - ئانام قارشى تۇرغان بولسىمۇ لېكىن قولىغا چىققۇدەك يامان ئىللەتلىرىم بولمىغانلىقى سەۋەپلىك كۆڭلىدە بىلىپ، ھەرھالدا مېنى «قىزىم» دەپ يۈرگەنىدى. بىراق ئۇلارنىڭمۇ سەۋر - تاقىتى چەكلىك - ھە. مەھەللە كويلاردا ئېقىپ يۈرگەن پىتنە - پاساتلار تۈپەيلىدىن توي ئىشىممۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم بۇزۇلۇپ كەتتى. يەنە كېلىپ مەن قىلىمەن دېگەنىمدە چىڭ تۇرۇپ كەلدىم، شۇڭا. 6 Y' Z( l' `, d6 p! u+ Iـ بايام سىز نەۋرە ئاچامنىمۇ تاپتىم، ئىشلار خىلى ئوبدان بولدى، دېگەنتىڭىزيۇ، يەنە شۇنداق جايلارغا بارىدىغاندەكلا «دادام بىلەن قارشىلىشىپ، قىلىمەن دېگىنىمدە چىڭ تۇردۇم» دەيسىزغۇ؟ زادى چىڭ تۇرغۇدەك قانداق ئىشتى ئۇ.1 J& A2 |9 j7 o' M2 p# _' z! n# c- S3 A ـ مېنىڭ تىككۈچىلىك ھۈنىرىم بار. شۇڭا مەن بەش يىلدىن بېرى كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمدىن ئازراق بولسىمۇ خۇلاسە چىقىراي، خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇ قىزلىرى ئۈستىدە ئازراق ئويلۇناي دەپ ئويلۇدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن توپ - توغرا بەش يىل ئىزدەندىم. شۇ پاھىشە قىزلارنى چۈشەندىم، قۇدرىتىمنىڭ يىتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ھەق يولغا دالالەت قىلدىم. گەرچە جەمئىيەت مېنى توغرا چۈشەنمىگەن، قارىلانغان بولساممۇ لېكىن تەڭرى ئالدىدا، ئۆز ۋىجدانىم ئالدىدا پاك بىر قىزمەن. شۇڭا مەن بىر تىككۈچىلىك كەسپى سىنىپ ئېچىپ، شۇ سىنىپنى كارخانىلاشتۇرسام، ئىشسىز قىزلارنى ئازايتسام ئازراق بولسىمۇ شۇلارغا چىقىش يولى بىغىشلىيالىسام بولاتتى دېگەن غەرەزدە ئازراق ئىش قىلغان ئىدىم. بۈگۈن شۇ ئىش ئۈچۈن دادام بىلەن تىكلىشىپ قالدىم. قارىسام مەن ئىشرەتخانىغا كىرىپ سۆھبەتلەشكەن قىزلارنىڭ %70 %80 سەھرا قىزلىرى ئىكەن. شۇڭا مەن ئىشنى سەھرادىن باشلىماقچى ئىدىم. 9 A- p z' a6 C4 Lـ قىلالىشىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟ 2 l1 p" l$ A+ @4 x) s! Bـجىنىم تىنىمدە بولسىلا چوقۇم قىلالايمەن. مەن مۇشۇ ئارقىلىق ساددا، نادان سەھرا قىزلىرىنىمۇ ھەقىقى بىر ياشاشقا كۆندۈرمەكچىمەن. ئويلاپ باقسام شەھەر قىزلىرى بىلەن سەھرا قىزلىرى ئارىسىدا خىلى ئوبدانلا پەرق باركەن. شەھەر قىزلىرى بولسا تولۇقسىزنى ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىن تارتىپ جەمئىيەتنى ئازراق بولسىمۇ بىلىدىكەن، پايپاق ياكى ئوسما بولسىمۇ ئېلىپ ساتىدىكە. ۋەزىيەتمۇ شۇنىڭغا قىستايدىكەن، چۈنكى ئىككى موچەن بولمىسا ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ. بىراق سەھرا قىزلىرى ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. سەھرا قانچىلىك گۈزەل بولسا سەھرا قىزلىرىمۇ شۇنچىلىك تەبىئىي، شۇنداق گۈزەل. ئۇلار ياسالمىلىقتىن، ساختىلىقتىن ىالىي تەبىئىي مۇھىت ئىچىدە ياشىغاچقىمۇ بەكلا ئاق كۆڭۈل ھەم ساددا، باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ. سەھرا قىزلىرى خوراز چىللاش بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ، قۇياش پاتقانغا قەدەر ئېتىزدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەجىر - مېھنىتىدىن پۈتكۈل كائىنات بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، شۇنداق ئەجىر ئىگىلىرى بىر ئۆمۈر ئېتىۋارسىز ھالەتتە ياشايدۇ. سەھرا قىزلىرىدا قىلچە ئەركىنلىك يوق. ئۇلار قىلىمەن دېگىنىنى قىلىپ، ئارزۇلىرىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇلارنى قوللايدىغانلار، چۈشىنىدىغانلار يوق. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلار ئاسانلا ئىرادىسىنى يوقۇتىدۇ. & e2 N6 R& d; F0 X مەسىلەن ئالايلى: شائىرە مەلىكە ئاماننىسا خېنىممۇ سەھرا قىزى. ئۇ گۈزەل جامالى ۋە ئىستىبداتى بىلەن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننى كۆيدۈرەلىگەن. ئاماننىساخاننى ئوردىغا خانىش قىلىپ يۆتكەيدىغان چاغدا «سەھرا قىزى» بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئوردىدا نۇرغۇن پىكىر، ئىختىلاپلىرى بولغانغۇ. كېيىنكى كۈنلەردە ئاماننىساخان سۇلتاننىڭ ياخشى كۆرۈپ قوللىشى بىلەن 12 مۇقامنى رەتلەپ چىقتى. ئۇ رەتلەپ چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقى مانا ھازىر پۈتۈن دۇنياغا قەدەر تونۇلدىغۇ. مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى بىرەر شەھەر يىگىتى سەھرا قىزىنى تويلاپ ئەكىرمەكچى بولسا، شەھەر قىزى بىلەن سەھرا قىزى ئوتتۇرىسىدىكى توي مىلى ياكى تويلىق پۇل پەرقى، ھازىرقى ئەھۋالدا مىڭ يۈەندىن 3 مىڭ يۈەنگىچە بولىدىغان گەپكەن. بۇنداق ئەھۋاللار دېگەن جىق. تولۇقسىزنى پۈتتۈرە - پۈتتۈرمەيلا ھېلىغۇ ئالىي مەكتەپكەن، شەھەردىكى بىرەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىنمۇ ئاتلىيالمايۋاتقان نۇرغۇن سەھرا قىزلىرى بار. بۇنداق ئىشلارنى ئويلىسام يۈرىگۈم بىگىز سانجىغاندەك ئاغرىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈم بىر سەھرا قىزلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ باقاي دەپ شۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم. مەن گويا ئۇزۇن يىل سولاقتا يېتىپ ئادەم قارىسىنى كۆرمىگەن، بىرەر بىر ئادەم چىرايىغا تەشنا بولغان كىشىدەك ئالدىمدىكى ئاق يۈزلۈك، يۇمۇلاق كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالغا قارىغىنىچە توختىماي سۆزلەپ كەتكەنىدىم. " z Z |. R' }, s: q0 [& y, pمەن گويا ئۇزۇن يىل سولاقتا يېتىپ ئادەم قارىسىنى كۆرمىگەن، بىرەر بىر ئادەم چىرايىغا تەشنا كىشىدەك ئالدىمدىكى ئاق يۈزلۈك، يۇمۇلاق كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالغا قارىغىنىمچە توختىماي سۆزلەپ كەتكەنىدىم. . M. D/ x' }3 V, G9 R3 Tـ بەكلا ھاسىراپ كېتىۋاتىسىز، دورا بولسىمۇ ئىچىۋالاتتىڭىز، دورا ئەكېلىپ بېرەيمۇ - يا مەن؟ 2 j1 c0 j) Y9 d. Q4 Aئالدىمدىكى بۇ بىر جۈپ كۆز يەنە ماڭا قاراپ مېھرىبانلىق بىلەن ھېسداشلىق ئارىلاشقان نەزەردە تىكىلىپ تۇراتتى. * F& F0 J- Z q5 E9 Aـ رەھمەت بولدى. مېنىڭ ئۆزۈمدە دورام بار.5 r- N* Y( X3 u4 \ {6 I مەن ئېسىمنى يىغىپ سومكامنى ئالدىم ۋە ئىچىدىكى دورىنى چىقاردىم. ) q, c/ K) v8 j: v2 l' a# b- z4 G# v) bـ ئەكېلىڭە كۆرۈپ باقاي، قانداق دورا بۇ. ئۇكام بۇ دورىنى نېرۋىنى تېنچلاندۇرىدۇ، خاتىرىسىنى يوقاتقانلارغا ئۈنۈم بېرىدۇ، دەپتۇ. سىزنىڭ مىڭىڭىزدە ئۇنداق ئېغىر زەخىملىنىش بولمىغاندۇ؟4 y9 n" Z( b& b. o) u# @ ـ مېنىڭ بۇ كىسىلىم ئانچە يەڭگىل ئەمەس. تېخى بۇ دورىمۇ ئۈنۈم بېرەلمەيۋاتىدۇ. مەن بىرقانچە قېتىم ئىشرەتخانا خوجايىنلىرى تەرىپىدىن، جەمئىيەت داشقاللىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلدۇم. ئاخىرى بۇ ئەھۋال كېلىپ چىقتى. ) s# o0 h8 J6 Q! b1 Xيول بويىغا قاراڭغۇلۇق سايە تاشلىغىلىۋاتاتتى. مەن ئالدىمدىكى بۇ ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قارىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە قاراپ بار - يوق ئەھۋاللارنى بىرقانچە قېتىم ئۇرۇلۇش جەريانىمنى، ئىشرەتخانا خوجايىنىنىڭ مېنى ئۇرغۇزۇپ بولۇپ، ئۆزى چىقىملىرىمنى تۆلەپ داۋالاتقانلىقلىرىنى، ئالدىنقى ئايدا تەكشۈرتكەندە مەىڭە ئۆسمىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى، ئەمدى ئارتۇق داۋالانغۇدەك دەرمانىمنىڭمۇ يوقلىقىنى ئىزىلىپ ئولتۇرۇپ سۆزلەپ بەردىم. بۇ ئايالمۇ بۈگۈن گويا مەن ئۈچۈنلا سىرتقا چىققاندەك جىمجىت ئولتۇرۇپ سۆزلىرىمنى تىڭشىماقتا ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئەگىشىپ، مەن كىرگەن ئىشرەتخانىلاردىكى ئەرلەرنىڭ، خوجايىنلارنىڭ يىرگىنىشلىك ھالىتى، يۇمران غۇنچىدەك قىزلارنىڭ ئېچىنىشلىق، پاجىئەلىك ھاياتى خىيالىمنى ئەگىشكە باشلىدى. ئەتىگەن تېخى ئۆز مەھەللەم ئالدىدا «جالاپ» دېگەن ھاقارەتلىك نام بىلەن بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمەي ماڭغان تۇرسام، تېخى ئۆز دادام تەرىپىدىن «ئائىلە تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلدۈم»... خىيالىم گىچماچلىشىپ كەتتى. كوچا چىراغلىرى يىنىپ قاراڭغۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق چاغلاردا بىرگە چىنار دەرىخىنى يەنە بىرگە قاننى كۆرسەم نېرۋام كاردىن چىقىدۇ. چۈنكى مەن تۇنجى قېتىمدا چىنار دەرىخىگە ئېسىلىپ ئۇرۇلغان... ! K' R; r U s+ }ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتىمەن. ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ دېيىشىچە توختىماي «مەن جالاپ ئەمەس، مەن جالاپ ئەمەس» دەپ تەكرارلايدىكەنمەن. ئاخىرى ئۇ خانىم مېنى يۆلەپ يۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى مەن بىلەن تەپسىلى پاراڭلىشىش ئارقىلىق دادامغا بەزى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ مېنى ئۆيۈمگە ئەچىقىپ قويماقچى بولدى. ماڭا نۇرغۇن ياخشى سۆزلەر بىلەن تەسەللى ۋە ئىلھام مەدەتلەرنى بەردى. شۇ خانىمنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن، بەش يىل جەريانىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمنى ئەينەن بايان قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.# ~- m0 `* C, j2 ^8 s6 j
3 v4 {9 g9 p5 [& v(داۋامى بار) 7 J( y( ]% K9 z" i' o, i5 B2 S+ b0 ]1 t! b5 T6 D/ x مەنبەسى:ئىز تورى, f/ |' h# P! V7 G! |8 h ] , بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەپەندى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-21 17:59 & t: _8 v4 o4 l. v
: U) ]' y9 z2 V4 n# q! v |
|