مەقسەتكە كەلسەك يېقىندىن بېرى بېكىتىمىزدە جۇغلانما ئاشۇرۇش مەقسىدىدە بىرەر جۈملە مەزمۇننىلا تېما قىلىپ يوللايدىغان، تېمىلارغا a, b, c, q دىگەندەك بىرەر تال ئىنگىلىزچە ھەرىپنىلا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولغىلى تۇردى. شۇنىىڭ بىلەن بىرگە مىكرو بىلوگ شەكلىدە يوللىسىمۇ بولىدىغان ھەتتا بىرەر جۈملىگىمۇ تۈزۈك توشمايدىغان مەزمۇنلارمۇ تېما سۈپىتىدە يوللىنىپ يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. بىز يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنى بايقىغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تېما-ئىنكاسلارنى تازىلاش بىلەن بىرگە شۇ ئەزانىڭ بېكىتىمىزدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ۋاقىتلىق چەكلىۋىتىشكە مەجبۇرى بولدۇق!0 @. L/ o- A( }1 `! e$ L# [8 X+ h # i2 j+ i; o' o& u0 ~2 g" Z بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تورداشلارغا ئەركىنلىك بېرىشنى، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى چەكلىمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىمىز. تورداشلار دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزام، سىياسەتلىرىگە زىت بولمىغان ئاساستا بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارغا خاس دائىرە ئىچىدە خالىغانچە پىكىر قىلسا بولىدۇ، ئەمما بېكەتنى قالايمىقان قىلىش مەقسىدىدە ياكى باشقىچە مەقسەتتە يۇقارقىدەك ھىچقانداق مەنە بىلدۈرمەيدىغان ھەرپ بەلگىلەرنى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللىسىڭىز بىز سىزنىڭ بېكىتىمىزدىكى ھوقۇقىڭىزنى مۇئەييەن دەرىجىدە چەكلەشكە مەجبۇر بولىمىز، داۋاملىق دىققەت قىلماي داۋاملاشتۇرسىڭىز بىزنى بارلىق ھوقۇقىڭىزنى مەڭگۈلۈك چەكلىۋىتىشكە مەجبۇر قىلىسىز. 1 v: g' g6 b) j$ V( l$ Zدۆلەتتە قانۇن بولىدۇ ئائىلىدە مىزان دىگەندەك بېكىتىمىزنىڭمۇ سىز رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك قائىدە-تۈزۈملىرى بار، بۇنىڭدىن كىيىن ھەممەيلەننىڭ دىققەت قىلىشىنى ۋە ئىناق ئىتتىپاق بولغان بىلىم-مائارىپ باغچىسىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۇقارقىدەك ئەھۋاللارغا ھۇشيار، سەزگۈر بولۇپ بايقىغان ئەھۋاللارنى دادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.* u/ L" Z0 y0 p ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارغا دىمەكچى بولغىنىمىز شەربەتكە سانمۇ مۇھىم، ئەمما سۈپەت ھەممىدىن مۇھىم! + ^* k7 D4 H( d' V; {' W9 c - Q9 d2 ~. L3 C0 |* ]8 Zشەربەت بىلىم-مائارىپ تورى( N, x4 m. w- G) J [! S 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى |