-
ھاراق بىزنى نىمىگە ئىرىشتۈرۋاتىدۇ - [ئەسەرلەر]Feb 3, 2009
مەن سەلكىن تورىنى ئارىلاۋىتىپ بۇ تېمىنى كۆرۈپ قالدىم.
ھاراق بىزنى نىمىگە ئىرىشتۈرۋاتىدۇ
ئەكبەر جاپپارمەلۇم بىر كۈنى بىر نەچچە دوستۇم بىلەن توخۇ قورىمىسى يىيىش ئۈچۈن بىر ئاشخانىغا كىرسەك،20نەچچە ياشلاردىكى5ياش بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن.بىز ئۇلانىڭ يىنىدىكى بىر بوش ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇق ۋە ھېلىقى بالىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا قىلىشىۋاتقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇق.بولدى ئەمدى ئىچمەيلى ھىلىمۇ بىكاردىن-بىكار ئىچىپ ساق بىشىمىزنى چۆرگىلىتىۋالدۇق.نىمە دوسلار ئاران بىر جەم بولغاندا قۇلاق مىدىرلىغىچە ئىچىمىز دىسەم غىڭشىغىلى تۇردىغۇ ماۋۇ .بولدى ئىچمەيلى يەنە بىرسىنىڭ دىگەن بۇ گىپى بىلەن باشقىلار كۈلۈشۈپ كەتتى.ۋە پىسەنت قىلماي بىر پوتۇلكا ھاراق بۇيرىدى،ئاشخانىدىن چىقىپ بىز ھاراقنى نىمىشقا ئىچىمىز ھاراقنى ئىچىپ قانچىلىك پايدىغا ئىرىشىۋاتىمىز.كۈندە قاۋاق رىستورانلارغا كىرىپ ھاراق ئىچكۈدەك باي بولۇپ كەتتۇقمۇ.كىتابخانا،كۈتۈپخانىلارغا ھاراق سورۇنىغا چاچقاندەك چاچقان بولساق نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە.دىگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزۈپ ھاراق ئىچىشتىن چىققان ھەر خىل زىيانلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كىلىپ ناھايىتى بىئارام بولدۇم.ئويلاپ باقسام بىر قىسمىمىز خۇمارىمىزنى بىسىش ئۈچۈن،بىر قىسمىمز ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر قىسمىمىز بىرەر دوستىمىزنى كۈتۈۋىلىش بىرەر ئىشنى تەبرىكلەش بىرەرسىگە خۇشامات قىلىش ئۈچۈن ئىچىدىكەنمىز.ئىچكەندىمۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئاشقازىنىمىزغا پاتماي قالغۇچە ھەتتا ھەپتىلەپ خامۇش يۈرگۇچە ئىچىدىكەنمىز.مەيلى قانداق سورۇن بولسۇن باشتا ناھايىتى ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئولتۇرغان بولساق ئاخىرىدا ئەدەپ-ئەخلاق شەرمى ھايانى يوقاتقىچە نەدە ئولتۇرغىنىمىزنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىچىدىكەنمىز. بۇنىڭ بىلەن بەزىلىرىمىز ھەرخىل كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ نۇرغۇن پۇلغا داۋالىنىدىكەنمىز .بەزىلىرىمىز ھاراقتىن ئىرىشكەن كىسىلىمىزگە داۋا تاپالماي بۇ دۇنيا بىلەن ئەجىلىمىزدىن بۇرۇن خوشلىشىدىكەنمىز،قىسقىسى ئۆزىمىزگە ئەسلا ياراشمايدىغان بۇ ھاراقنى ئىچىپ ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ كۆپ پۇشايمان قىلىشتىن بۇرۇن ھاراقنى كۆپ ئىچمەيلى ياكى تاشلايلى.
مەنبە >ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى<دىن ئېلىندى
سەلكىن تورىدىن كۆچۈرۈپ يوللاندى.