• لەنەت - [ئەسەرلەر]Jan 10, 2009


     مەن بۇ شىئىرنى بىر سورۇندا ئولتۇرغان چاغدا بىر دوستۇم دىكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن، بۇنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر بولغانلىق ئۈچۈن بۇ شىئىرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىگە كەلدىم، بەلكىم بۇ شىئىرنى ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغان بولۇشىڭلار مۇمكىن،  ئاڭلىمىغان بولساڭلار قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بىرەرسىلەر

    لەنەت
    ئاپتۇرى <<نامەلۇم>>

    ئەزەلدىنلا گۈل ئىدى بىزئۇيغۇرنىڭ قىزلىرى،
    ئانار كەبى رەڭ ئالغان قىزىل ئىدى يۈزلىرى.
    تارىخلارغا يىزىلغان ھەربەتلەرگە ئىزلىرى،
    قالمايتتغۇ ئۇيغۇرنىڭ ئاشۇ گۈزەل قىزلىرى.

    ياراشمامدۇ ئەتلەستىن كۆينەك كىيسە چىرايلىق،
    سىزىلەمدۇ يا ئۇلارغا كالتە يوپكا قولايلىق.
    كالتە بولسا شۇ يوپكىلار ئورىۋالسۇن قول ياغلىق،
    زاماندىكى ھاياسىز شۇ قىزلارغا مىڭ لەنەت.

    كىيىۋاپتۇ تارئىشتان چىقىرىپ ھەم كاسسىسىنى،
    نىمە سەت بۇ ئويلىمامدۇ ئاتا بىلەن ئانىنى.
    ئۆتسە ۋاقىت بۇ قىزچاقلار تۇتۇپ قالار ياقىنى،
    زاماندىكى ھاياسىز شۇ قىزلارغا مىڭ لەنەت.

    ياغلىق چىگگەن ھالى بار تارتىپ ئىڭەك كاپكاستىن،
    قىلار گىرىم ئالدىراپ تىخى تاڭمۇ ئاتماستىن،
    يۈرىدىكەن كوچىدا ئۈيدە بىر كۈن ياتماستىن،
    زاماندىكى ھاياسىز شۇ قىزلارغا مىڭ لەنەت.

    كىندىك بىلەن كۆكسىنى ئوچوق قويسا مودىكەن،
    ئىپپەت ساتسا ھىچ گەپ يوق، ئۇمۇ بىرخىل سودىكەن،
    جاھان دىگەن ئاجايىپ ھەركىم ھەرخىل ئويدىكەن،
    مىللەت ئۈچۈن مىخ بولغان شۇ قىزلارغا مىڭ لەنەت.

    بۇ شىئىر شەپقەت بىلوگى بىلەن ئابدۇللا بىلوگىغا خاس، قالايمىقان كۆچۈرمەڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!!





发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我
center>