. جاكار : سەبۇرى ئېلان مۇلازىمەت ھەمكارلىقى سىزنىڭ ئېلان بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ ! |
-
2009-03-16
تۈركىيە يۇلتۇزى - تاركان - [مەشھۇر شەخىسلەر]
تاركان1972-يىلى گېرمانىيىدە بىر تۈرك كۆچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،.1986-يىلى تۈركىيىگە قايتىپ مۇزىكا كەسپىدە تەربىيىلەنگەن . تاركان تۈركىيە مودا مۇزىكا ساھەسىدىلا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ قالماي ئوتتۇرا شەرق ، شىمالى ئافرىقا ،ياۋروپا ،ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى رايۇنلىرىدىكى ناخشا مەستانىلرىنىڭ قەلبىدىمۇ خىلى يۇقۇرى ئورۇن ئالغان.
رەسىم :چۈشەندۈرۈشى : «Simarik» (ئامرىقىم) دېگەن ناخشىسى ئۇ 1997-يىلى چىقارغان 3-پىلاستىنكىسى «Olurum Sana» (سەن ئۈچۈن سەۋدايى بولدۇم) دىكى بىر ئەسەر بولوپ بۇ ناخشا تېزلا تۈركىيە ۋە پۈتكۈل ياۋروپا مىقىياسىدا مودا بولغان .مەزكۇر پىلاستىنكىمۇ بىر مەزگىل تەمىنلەسنى قامدىيالماي قالغان .پەقەت تۈركىيىدىلا 3مىليۇن دانە سىتىلغان ،ئۇنىڭدىن تاشقىرى ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەردىمۇ بازىرى ئىتتىك ناخشا پىلاستىنكىلىرىڭ بىرى بولوپ قالغان .
رەسىم :چۈشەندۈرۈشى : يەنە شۇ مەزگىللەردە تاركان ئۆزىنىڭ «Simarik» قاتارلىق نادىر ناخىشلىرى بىلەن نۇرۇغۇن قىتىم دۇنياۋى سەييارە ئويون كۆرسىتىشلەرگە قاتناشقان ،ئۇ ياۋرۇپادا ئەنگىلىيە ، روسىيە،ئاۋىستىريە ، گىرمانىيە ، بىلگىيە ،گوللاندىيە ، فىرانسىيە ، پورتىگالىيەلەردە ئافىرىقىدا ماراكەش ،تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەردە ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزگەن . ئۇ تازا نام قازىنىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە توساتتىن تۈركىيە گېزىتلىرىدە تاركاننىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن قاچقانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا 18ئايلىق ئۇزارتىلغان ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش جازاسى بىرىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىپ تاركاننىڭ تازا ئۆرلەۋاتقان ئابرۇيىغا چوڭ قاراداغ چۈشۈشكە تاس قالىدۇ ، بىراق ئۇنىڭ تەلىيىگە يارىشا ئۇزاق ئۆتمەي تۈركىيە ھۆكىمىتى چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈركىيە ئەرلىرىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەتنى پۇل ئارقىلىق تاماملىسا بولدىغانلىقىغا دائىر قانۇنىنى ئېلان قىلىدۇ ، تاركان ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئاھالىسى بولوش سالاھىيىتى بىلەن سىموۋول خارەكتىرىدە پەقەت بىرئايلا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئىمتىيازىغا ئىرىشىدۇ .
رەسىم :بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي ھايات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى سەپىرىنى باشلاپ مىكسىكىدا چوڭ تىپلىق ناخشا كىچىلىكىنى ئۆتكۈزىدۇ ،بۇ قىتىمقى ناخشا كىچىلىكىگە قاتناشقان تاماشىبىن سانى 250مىڭدىن ئىشىپ كىتىدۇ . ئۇ بۇ قىتىمقى سەپىرىدە يەنە ۋىنسۇئېلا ۋە پانامالاردىمۇ زور ئالقىشقا ئىرىشىپ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان رىچ مارتىن (98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ناخشىسىنى ئىيتقان) نىڭ لاتىن ئامېرىكىسىكى مونۇپولىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ !..
评论