. جاكار : سەبۇرى ئېلان مۇلازىمەت ھەمكارلىقى سىزنىڭ ئېلان بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ ! |
-
2009-03-14
Google بەيدۇغا <<جەڭ>> ئىلان قىلدى - [خەۋەر-ئۇچۇرلار]
Google نىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، جوڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ باش لىدىرى لىكەيفۇ .
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا 2008-يىلى Google (جوڭگۇ) نىڭ ئىشىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %109ئاشقان بولۇپ ، بۇ يىل Google نىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرى شىددەت بىلەن ئۆرلەش باسقۇچىغا كىرگەن.
Google نىڭ مۇئاۋىن لىدىرى،جوڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ باش لىدىرى لىكەيفۇ Google نىڭ يۇقارقى نەتىجىلىرىنى ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان،بىرسى ئىزدەش كەسپى،يەنە بىرسى ئىلان كەسپى.
2008-يىلى Google نىڭ جوڭگۇدىكى خەرىتە ۋە كۆچمە مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئىزدەش كەسپى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4ھەسسە ئاشقان.
Google نىڭ رىقابەتچىسى بولغان بەيدۇ نىڭ مەھەللە ، ئىلىكتىرۇنلۇق سودا ، خەۋەرلىشىش يۇمشاق دىتاللىرى قاتارلىق كەسىپلىرى كۆپ خىل ئوموملىشىش ئالدىدا لىكەيفۇ Google نىڭ 2009-يىلى يەنىلا ئىزدەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردىغانلىقىنى ، 2009-يىلى 2-ئەۋلاد بىرىكمە ئىزدەشنى ۋۇجۇدقا چىقرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
لىكەيفۇ Google نىڭ جوڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى بولغان بەيدۇغا <<جەڭ>> ئىلان قىلدى . ئۇ مۇنداق دىدى، ھازىر 3دىن 2قىسىم كىشى Google بىلەن بەيدۇنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىدۇ ، بىز بۇ يىل باشقا 3دىن1قىسىم بەيدۇنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنى ئۆزىمىزگە قارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز دىدى.مەنبە : تىڭشۈن تورى