. جاكار : سەبۇرى ئېلان مۇلازىمەت ھەمكارلىقى سىزنىڭ ئېلان بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ ! |
-
2009-03-06
2009-يىللىق HSK ئىمتاھاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى - [خەۋەر-ئۇچۇرلار]
ئاپتونۇم رايۇنمىزدا 2009-يىللىق HSK ئمتاھاننىڭ ئېلىنىش ۋاقتى .
ئالدىنقى يېرىم يىلدا: 4 -ئاينىڭ 25-كۈنى،ئالى دەرىجە 高等
5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوتتۇرا دەرىجەكىيىنكى يېرىم يىلدا : 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ،ئالى دەرىجە 高等
11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئوتتۇرا دەرىجە 初中等تىزىملىتىش ۋاقىتى:
ئالدىنقى يېرىم يىلدا:3-ئاينىڭ 2-كۈندىن 13-كۈنىگىچە (خىزمەت كۈنى)
كىيىنكى يېرىم يىلدا: 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە (خىزمەت كۈنى)
تىزىملىتىش ئورنى:
ئوتتۇرا دەرىجە ئىمتاھانى: ھەر قايسى ۋېلايەت،ناھىيە ۋە ھەر قايسى HSK ئىمتاھانى تەسىس قىلىنغان ئورۇنلار ؛ئالى دەرىجە ئىمتاھانى : شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئونۋېرسىتېتى HSK مەركىزى
تىزىملىتىشتا كېرەكلىك نەرسىلەر:
(1) ئىناۋەتلىك كىملىگىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى،كۆپەيتىلمە نۇسخىسىدىن ئىككى تال( ئالى ،ئوتتۇرا تىخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى ئاسپىرانىت،چوڭلار مائارىپ ئوقۇغۇچىللىرىدىن باشقىلار ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى بىلەن تىزىملاتسا بولىدۇ) ئېلىپ كىلىپ تىزىملىتىدۇ.
(2) 6ئاي ئىچىدە يالاڭباش چۈشكەن بىر سۇڭلۇق رەسىمدىن ئىككى تال ئېلىپ كىلىدۇ.
(3) تىزىملاتقان ۋاقىتتا ،كامېرا( 摄像头) دا رەسىمگە تارتىلىدۇ.
ئىمتاھان ھەققى:
ئوقۇغۇچىلار : ئالى دەرىجە ئۈچۈن 110يۈئەن، ئوتتۇرا دەرىجە ئۈچۈن 40يۈئەن؛
باشقىلار: ئالى دەرىجە ئۈچۈن 120يۈئەن، ئوتتۇرا دەرىجە ئۈچۈن 50 يۈئەن.ئەسكەرتىش:
(1) بۇ يىلدىن باشلاپ ئاڭلاش 听力 ئىمتاھانىدا ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئىشلىتىلمەي،بىردەك CD پىلاستىكىسى ئىشلىتىلدۇ.
(2) ئىمتاھانغا تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم ئۆزى تەۋە ئورۇندا تىزىملىتىدۇ.رايون ياكى ناھىيە ئاتلاپ تىزىملاتقانلارنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ.
سەلكىن تورىدىن ئېلىندى
评论