«شەبنەم تور رادىئوسى» دا تېمىڭىزنى ئېلان قىلىڭ !
_______________________________________________________________
ئەسسالام ھۆرمەتلىك شەبنەم تورى ئىشتىراكچىلىرى :
«شەبنەم تور رادىئوسى» يولغا قويۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشىپ ، تور كۆرۈرمەنلىرىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى . تور رادىئوسى ئۇيغۇر تورچىلىقىدا كەم بولىۋاتقان بىر بوشلۇق بولۇپ ، شەبنەم رادىئوسى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ ھەم تىرىشىدۇ . سىز يېقىشلىق ئىشلەنگەن شەبنەم رادىئوسىنىڭ ھەر بىر سانىدىن ، مۇنبەردىكى نادىر تېمىلارنى ئىزدەپ ئاچماي تۇرۇپمۇ خەۋەردار بولالايسىز ! سىز شەبنەم تور رادىئوسى ئارقىلىق تۇرمۇشىڭىزغا خۇشھاللىق تاپالايسىز ۋە خىلمۇ - خىل يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولالايسىز !
سۈپەتلىك بولغان شەبنەم رادىئوسىنىڭ ئىشلىنىپ چىقىشى ئەلۋەتتە تورداشلار تەمىنلىگەن نادىر ئەسەرلەردىن ئايرىلالمايدۇ ! كېيىنكى سان شەبنەم رادىئوسىدا ئەسىرىڭىزنىڭ ئوقۇلۇشىنى خالىسىڭىز ، دەرھال ئىنكاس شەكلىدە بىزگە ئۆز ئەسىرىڭىزنى تەۋسىيە قىلىڭ ! «شەبنەم رادىئوسى» سىز ۋە بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ئاستىدا تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلىرىنى خەلىققە سۇنغۇسى !
«شەبنەم تور رادىئوسى» ئەڭ ياخشى مۇڭدىشىڭىز !
شەبنەم رادىئوسى - ئۆزىڭىز باشقۇرالايدىغان پروگرامما !
شەبنەم رادىئوسى ئەسەرلىرىنى تاللاش ھوقۇقى پۈتۈنلەي سىزنىڭ قولىڭىزدا !
تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئەسەرلەر ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇلسا بولىدۇ ، ئەسەر ماۋزۇسى ، ئەسەر ئادرېسى ، نېمە ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىڭىزنى قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ ! (ئەسەرنىڭ قىسقا ، ئىخچام ، تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى مول بولۇشىغا دېققەت قىلىڭ !)