ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2488 - كۆرۈرمىنى
saadat
قار~لەيلىسى
ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10093
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 3101
شۆھرەت: 3573 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 105130 سوم
تۆھپە: 846 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1022 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2721(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 مىنىڭ ئاتام(سائادەت)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما sabiha تەرپىدىن (2009-02-23)دە نادىرلاندى
قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بۇ ئاۋات چوڭ شەھەرنىڭ قىشتا مۇشۇنچىلا سوغۇق بولىدىغىنىنى بۇرۇن ھىس قىلمىغان بولغىيمىدىم؟سوغۇق كوچا،سوغۇق چىرايلار.....بۈگۈن ھەممە ماڭا شۇقەدەر سوغۇق،مۇدھىش بىلىنمەكتە.كىشىلەر نىمىگىدۇر ئالدىراش يۈرىشەتتى،بىراق مەن ئېغىر قەدەملىرىمنى تولىمۇ تەستە ئېلىپ نىشانسىز،ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن كىتىۋاتىمەن.پايانسىز خىياللار ئۈچۈن تەشنالىق ئىچىدە جاۋاپ تاپماقچى بولغاندەك،ھەممە ياقلارغا ئۆچەكتىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان قۇش بالىسىدەك....تەلمۈرۈپ كىتىۋاتىمەن....
_قانداق قىلارمەن؟!ئاھ خۇدا،جانابىي اللاھ ئىگەم ماڭا يول كۆرسەتكىن.ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويىدىغاندەك ئەنسىز،تەشۋىش بۈشۈكلىرىدە يىنىك تەۋرىنىپ بارماقتىمەن...يۈرەكتىن چىقىۋاتقان سۇئاللىرىمدىن،نىدالىرىمدىن تەسىرلەنگەن پايانسىز ئاسمان سۇئاللىرىمغا ئۈنسىز جاۋاپ بېرىۋاتقاندەك ئۈستى-بېشىمنى چۇلغىماقتا.ئەتراپىمدا ناتۇنۇش،ئالدىراش سىمالار،ئۈستىۋېشىدىكى ئاپپاق قارلار... مانا بۇ ھاياتلىق،مانا بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنى!بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم،ئاپپاق تۈسكە كىرگەن ئاسماندىن تۇمان،ۋە قار ئۇچقۇنلىرىدىن باشقا ھىچنىمە كۆرۈنمەيتتى.ئەنە شۇ ئاسمانغا قانچە قېتىملاپ مىھرىم بىلەن رازىمەنلىك بىلەن قارىغىنىمنى ساناپ تۈگىتەلمەيمەن.لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭغا بارچە قەھرىم،نارازىلىقىم...بىلەن ئاچچىق تىكىلمەكتىمەن.
ئاياق ئاستىمدا قېلىۋاتقان قارنىڭ غىجىلدىغان رېتىملىق ئاۋازى ئۈمىدلىرىمنى ئويغاتماقتا.خىيالىم چەكسىزلىك مەنزىللىرىدىن جاۋاپ تاپماقتا.يۈرىكىم سىزىملىرى ئۆزىگە نىدا قىلماقتا...
تۇمانلىق ئاسمان،ئۇنىڭ پايانسىز قۇچىقىدىن تۆكىلىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى ...
كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇپ كەتتى!
ئەنە ئەركە بالىلىق چاغلىرىم،ئەنە مەن ئۈنقويغۇدىن ياڭراۋاتقان تەمبۈر مۇزىكىسىنى چەكسىز ھوزۇر ئىچىدە ئاڭلاۋاتقان سۈيۈملۈك ئاتامنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ  ئايغا تىكىلگىنىمدە ئاي تولىمۇ سېخىلىك بىلەن نۇر چېچىپ تۇراتتى،يۇلتۇزلار ناز ئىچىدە كۆزلىرىنى قىسىشاتتى....
ئەنە ئاتام بىر قۇلىقىنى تۇتۇۋېلىپ (ھالايلاڭ)ناخشىسىنى ئېيتماقتا،بۇغدايلىقتىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ناخشىسىغا جۆر بولۇپ ئوما ئورىماقتا.....
ئەنە ئاتام كۆپ كۆك ئاسمان بىلەن تۇتاشقان خامانلىقتا مۇڭلۇق دۇتتار كۈيلىرىنى چالماقتا.ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ، بىلىنەر بىلىنمەس باشلىرىنى گىلدىڭشىتىپ ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا كۆزلىرىنى يۇمۇپ چالغان(ئۇششاق باللا ئوينايدۇ،تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ،مۇساپىر باللا يىغلايدۇ ئۆز يۈرتىنى ياد ئىتىپ....)ئاۋازى تىترەپ چىقماقتا.
ئەنە ئاتام مەكتەپ قوروسى ئالدىدا يوللىرىمغا تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرماقتا،يۈگۈرۈپ چىقىپ بوينىغا گىرە سېلىشىمنى،يەلكىسىگە مىندۈرۈپ ماڭغىنىدا سۆگەت شاخلىرىدىن (شۈمەك)ئۈزىشىمنى سۆيۈنۈش ئىچىدە تاماشا قىلماقتا...
ئەنە ئاتام ماڭغان يوللار،ئاتام ئىز سالغان ئېتىز-قىرلار،ئاتام تىككەن كۆچەتلەر،ئاتام مىھنەت بىلەن ئەجىر قىلغان باغلار.....

ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ئاچچىقلىنىپ باققان ئەمەس،ياكى كۆپ سۆزلەپمۇ باققان ئەمەس،ئۇ دائىم ماڭا مۇڭلىنىپ تىكىلىپ قارايتتى،قاراشلىرىدىن بىر خىل مىسكىنلىك،ئازاپ-دەرت،ئەلەم،ئېچىنىش ...چىقىپ تۇراتتى.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا كۆزلىرىمىز ئۈچرىشىپ قالغىنىدا ئۇ پەقەت(ھىم)دەپ ئاچچىق تىنىپ بېشىنى لىڭشىتىپ قوياتتى.ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىن بىر خوشاللىقى مۇزىكا ۋە مەن ئىدىم.ئارتۇقچە سىرتلارغا چىقمايتتى ئادەم كۆپ جايلاردىنمۇ ئۆزىنى قاچۇراتتى.ئاخشاملىرى كۆزەينىكىنى تاقىۋېىلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا خاتىرە يازاتتى،لېكىن بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ بېقىشىمغا قۇشۇلمايتتى.
-ئاھاي بالام بۇ دۇنيانىڭ قىزىققۇدەك نىمىسى بار؟كۈلۈپ كەتكۈدەك نىمىسى بار؟.دەپ قوياتتى ئۇ بەزىدە خۇددى ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىغاندەك.
ئۇنىڭ كۈلگىنىنى بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىدىم،ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلارمۇ بارغانسىرى مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى.بەزى گەپلىرى ھەسرەت بىلەن ئېيتىلسىمۇ تولىمۇ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بېرىلگىنىدە مەن ياكى ئاڭلىغۇچىلار ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتسەك ئۇ يەنىلا (كۈلگىدەك ئىشلار جىق،لېكىن ئاچچىق ئۇھسىنىشتىن باشقا كۈلكىلەرنى ھەممىسى ياسالمىلىق،ساختىلىق....بۇ دۇنيادا كۈلۈپ كەتكۈدەك خوشاللىق يوق......دەيتتى.)
ئۇ كەتتى....بارچە ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرىنى يۈرىكىنىڭ پىنھانلىرىغا
ۋە ئاشۇ قاپارغان قوللىرىدا تولا ۋاراقلىنىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن خاتىرە بەتلىرىگە
سىڭدۈرۈپ،ئۈن-تىنسىز كىتىپ قالدى.
خاتىرىنىڭ ھەر-بىر بېتىنى ئۆرىگىنىمدە ئۇنىڭ ئازاپلىرى،نارازىلىقلىرى.... مىنىڭ يۈرىكىمدە بىخ سۈرۈپ چىقىۋاتاتتى....
ئۇ كەتتى....مىنىڭ بارچە خوشاللىقىم،شوخ كۈلكىلىرىمنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كىتىپ قالدى.
ئۇنىڭغا دىمەكچى بولغان نۇرغۇن گەپلىرىم،سورىماقچى بولغان نۇرغۇن سۇئاللىرىم جاۋاپسىز قالدى.ياق،ئۇ ئاشۇ مۇڭلىرى بىلەن ماڭا ھەممىنى سۆزلەپ بەرگەن بۇلىشى مۇمكىن بەزىلىرىنى مانا ئەمدى چۈشىنىشكە باشلىغىنىم راست،بەلكىم بارا-بارا نۇرغۇنلىغان سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى ئۇنىڭ قەلبىمگە سىڭدۈرگەن سىماسىدىن تېپىۋېلىشىم مۇمكىن...
ئەنە ئاتام چالغان دۇتتار،تەمبۈر....
مانا ئاتام قالدۇرغان خاتىرە ۋە مىڭلىغان سۇئال...


(سائادەت يازمىلىرى)

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شەبنەم پۇلى:+10(totem) ئاتىلار تاغ
  • تۆھپە:+10(deldax) ئىجادىي ئەسە ..
  • ياخشى باھا:+10(REYAT51) بەك ياخشى يې ..
  • ياخشى باھا:+10(mehrigiya) ئىجادىي ئەسە ..
  • ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

    شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
    قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت.

    تېمىلىرىم:./search.php?authorid-10093.html
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-18 23:36 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    ZIYARATQI2
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 62463
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 180
    شۆھرەت: 181 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3118 سوم
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 371(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    مانا بۇ ھەقىقى يېزا ۋە دىھقانلار تۇرمۇشىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى .

    basbas
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 00:05 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    kainat@
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 9396
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 178
    شۆھرەت: 194 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1444 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 84(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-21

     

    پەرزەنىتنىڭ ئاتىغا بولغان سېغىنىشى مۇشۇنداق چۇڭقۇر بولسا ھە!
    بارىكاللا!!!!!

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ھەممىمىز كائىناتتىن كىلىپ كائىناتقا قايتىمىز.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 00:10 |
    REYAT51
       2008.6.28رىــيــات
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30111
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1806
    شۆھرەت: 2089 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 0 سوم
    تۆھپە: 324 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 414 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2295(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-01

     

    (مېنىڭ ئاتام) ماۋزۇلۇق بۇ نەسىرىڭىز ئۆز نۆۋىتىدە بۈيۈك ئارزۇ ئارمانلارنى قەلبىگە پۈكۈپ ئەنە شۇ ئارمانلارغا يىتەلمەي ھەسرەتتە كەتكەن غورۇرلۇق ئاتىلىرىمىزنىڭ قەيسەر ئوبرازىنى يارقىن يۇرۇتۇپ بېرىپتۇ....سىزگە تەشەككۈر! قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!!!

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    http://i222.photobucket.com/albums/dd28/green_lover_4ever/Islam/islam-_1.gif
    تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.       
    مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
    ھاياتىم گوياكى دولقۇنلۇق دەريا،قىرغاققا قارايمەن مەن ئۆزۈم تەنھا.
    مەنزىلىم ۋەسلىگە يىتەلمەي تۇرۇپ،بۇ كۆڭلۈم خالىماس ئارتۇقچە ھەمرا.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 00:15 |
    mehrigiya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9032
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1687
    شۆھرەت: 1827 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17040 سوم
    تۆھپە: 483 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 399 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 827(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    بۇ نەسىردىن يۈرۈگۈم ئېزىلدى .اللاھ ئاتىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلار .
    ئاتىڭىزدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقسىز دوستۇم . مەن سىزنىڭ تېخىمۇ قەيسەر ياشىشىشىڭىزنى تىلەيمەن .

    بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 00:21 |
    deldax
    كامىلجان ناسىر(دىلداش)
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29503
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 1305
    شۆھرەت: 1508 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1720 سوم
    تۆھپە: 365 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 369 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1080(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    ۋاپادار پەرزەنت تۆھپىكار ئاتا -ئانىسىدىن چەكسىز سۈيۈنۈشكە ھەقلىق،شۇنداق بولغاچقا سىزمۇ سۈيۈملىك  ئاتىڭىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىشكە ھەقلىقسىز ، ھەقىقەت ھېسلىرى بىلەن جۇلالانغان بۇ نەسىرىڭىزدىن ئاتا-ئانا شۇنداقلا ھاياتقا بولغان ئەقىدىڭىزنى كۆرگەندەك بولدۇم.سىزنىڭ تېخىمۇ قەيسەر ياشىشىشىڭىزنى شۇنداقلا ھايات ھەقىقەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىڭىزنى جانابى ئاللادىن تىلەيمەن.  

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دىلداشنىڭ سادالىرى بۇ ئادرىستا مەرھەممەت قىلىڭ،
    ./search.php?authorid-29503.html
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 00:32 |
    tasalli
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 14831
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 107
    شۆھرەت: 108 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    بۇ ئەسەرنى كۆرۆپ نىمە دىيشىمنى بىلەمىدىم بەك ياخشى ھەم بەك مەزمۇنلۇق ۋە بەك چىن ھىسيات بىلەن ھەم سىغىنىش بىلەن يېزىلىپتۇ .شۇنداق بۇ ئالەم بەكمۇ ئىللىقلىققا تۇلغان مۇھەببەتكە تۇلغان سەمىمىلىككە تۇلغان قىرىنداشلىق مۇھەببىتى نىمدىگەن چۇڭقۇر ھە  ..      رەخمەت يەنە مۇشۇنداق بىزگە ھەرجەھەتتىن ئۇزۇق بۇلدىغان مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ بىزلەردىن ئايمىغايسىز  سىزگە ئامەت خۇشاللىق بەخىت تىلەيمەن .....يەنە مەن سىزگە شۇنداق ئامراق

    گۈللەر قېنى ئاھ نازۇك گۈللەر؟تەكچىسىدە قاپتۇ پەقەت يالغۇز يۇپۇرماق....
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 00:47 |
    judun
    ئالاھىدە تۆھپە ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6908
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2610
    شۆھرەت: 2959 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 19043 سوم
    تۆھپە: 718 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 561 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 851(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-24

     

    مەرھۇم دادىڭىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ...سىز ناھايتىمۇ ئۈمۈدۋار ئايالسىز .بىز سىزدىن تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى كۈتىمىز سائادەت . خۇدايىم ،دادىڭىزنىڭ دۇئاسىدا ئەڭ بەخىتلىك كىشلەردىن بولغايسىز .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قوللىرنى كۆيدۈردۇ!
    _ _ _ بوئسىت _ _ _
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 01:00 |
    HISLAT
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4870
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1460
    شۆھرەت: 1565 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8668 سوم
    تۆھپە: 8 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 630(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-03

     

    دادىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن  سائادەت  .  
    ئۆزىمىزنىڭ  بالىلىق ھەم ئانىلىق بۇرچىمىزنى تولۇق ئادا قىلالىساقالا ئانىلىرىمىز ھەم دادىلىرىمىزنىڭ ئارمانلىرىغا دەرمان بولۇپ ، ئۇلارنى ئارزۇلىرىغا يەتكۈزگەن بولىمىز .
    سەن پەرزەنتلىك بۇرچىڭنى ھەم ئانىلىق بۇرچىڭنى ياخشى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان ئانا ، داداڭ سەندىن پەخىرلىنىدۇ  . ئۇنىڭ  كېيىنكى ئارزۇلىرى سەن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ  ، شۇڭا  سەن قەيسەرلىكىڭنى يوقاتماي ئۈمۈدلىك بولغىن . شۇ تاپ ساڭا نىمىلەرنى  دەپ تەسەللى بېرىشكىمۇ ئاجىزمەن .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دۇنيا ئالىدىغان نېسىۋىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل ، بېرىدىغان نېسىۋىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن رەزىلدۇر .  
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 01:03 |
    0999yurut
    ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31008
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2432
    شۆھرەت: 2502 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 225 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 211 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1103(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ، قانچىلىغان ئاتىلار ئارماندا كەتتى .......ھەي ئاتىلار ، كۆزلىرى ياش قالغان بالىلار .
    بىزدەك ئاددى پۇقرانىڭ توھپە بەرگۇدەك ھوقۇقىمىز بولمىغاچقا ئاز بولسىمۇ ئىنكاس يىزىپ تاپقان بىر ئاز پۇلۇم بارئىكەن (1120 سوم ) ، ھىچنەگە ئۆتمىسىمۇ مۇشۇ شەمنەمگە ئۆتە . شۇنى توھپە ھىسابىغا سوغا قىلاي .......

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 01:19 |
    uq-kun
    تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15524
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 257
    شۆھرەت: 315 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2560 سوم
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 175 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2461(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    ئاتا دۇئاسى ئالغان ھەر قانداق كىشى بۇ دۇنيادا خار بولماس ،ئاشۇ دۇئالارنىڭ باركاتىدىن كوكلەپ باراقسان بولغۇسى.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 02:51 |
    AbdulQuddus
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13111
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 565
    شۆھرەت: 807 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5810 سوم
    تۆھپە: 409 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 491 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1268(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    بۇ بەتتە ئوڭۇشسىزلىق يۈزبەرگەنلىگىدىن ئۆزۈر تىلەيمەن......
    [ بۇ يازما AbdulQuddus تەرپىدىن2009-02-19 05:41دە قا ]

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 05:06 |
    AbdulQuddus
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13111
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 565
    شۆھرەت: 807 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5810 سوم
    تۆھپە: 409 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 491 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1268(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    قەدىرلىك سىڭلىم !

    چۇڭقۇر مەنا ، ئېغىر قايغۇ - ھەسرەت - نادامەت بىلەن تولغان بۇ تەسىرلىك يازمىڭىزنى كۆرۈپ تەكرار ئوقۇپ چىقتىم ۋە سىز بىلەن ئوخشاش ھىسياتتا چايقىلىپ ، چۇڭقۇر سۈكۈت بىلەن خېلىغىچە ئولتۇرۇپ قالدىم ..... !
    جەنابىي اللە رەھمەتلىك ئاتىڭىزنىڭ جايىنىڭ جەننەتتە بولىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي !
    سىزنىڭ رەھمەتلىك ئاتىڭىزغا بولغان ئالىي ھۆرمىتىڭىز ، ماھىيەتتە مىليونلىغان پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇيدىغان مىھىر - مۇھەببىتىنىڭ يالقۇنلۇق ئىنكاسى ، ئەلبەتتە !

    بۇشاشماڭ ! « قار - شىۋىرغانلىق سوغۇق كۈنلەر » مۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، قۇياشلىق باھار كېلىدۇ ، مۇڭ بىلەن چېلىنغان تەمبۇر - دۇتتارلاردىن يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان شوخ كۈيلەرمۇ ياڭرايدىغان بولىدۇ !
    مۇشۇنداق ياخشى يازمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز .

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 05:39 |
    bilkizpak
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 37932
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 342
    شۆھرەت: 345 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3440 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 53 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 799(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    ئاللا دادىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننىتى قىلار.

    قەلەم كۇچىڭىز كۈندىن كۇنگە قۇۋىتىنى تاپقاي ،قەلەم تۇلپارىڭىز قانات ياساپ ئۇيغۇر ئەدىبىيات گۇلزارلىغىدا ئۇچقاي ،بەخىت سىزنىڭ ئېتىكىڭىزدىن قاچمىغاي ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

    كۇلگەنلەر كۇلۇۋەرمەيدۇ،يىغلىغانلار يىغلاۋەرمەيدۇ
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 05:51 |
    abdul
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2105
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 603
    شۆھرەت: 603 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5834 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 164(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    Quote:
    بۇ مەزمون13قەۋەتتىكىbilkizpakنىڭ2009-02-19 05:51 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئاللا دادىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننىتى قىلار.

    قەلەم كۇچىڭىز كۈندىن كۇنگە قۇۋىتىنى تاپقاي ،قەلەم تۇلپارىڭىز قانات ياساپ ئۇيغۇر ئەدىبىيات گۇلزارلىغىدا ئۇچقاي ،بەخىت سىزنىڭ ئېتىكىڭىزدىن قاچمىغاي ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

    ھەممىسى ھەممىمىز ئۈچۈن
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 09:01 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-07 03:35, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ