مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدەتۇغۇلغان،1962-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1967-يىلى شىنجاڭئۇنۋىرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىتات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن؛ 1968-يىلىدىن 1972-يىلىغىچەغۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان
.
1975-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975-يىلىدىن
1979-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىي قۇرۇلۇش ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى
قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئشلىگەن:
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1979-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە «ئىلى دەرياسى»ژورنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق'يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە شۇ جەمىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق
ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. يازغۇچىنىڭ «ئالما» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1965-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان؛ 1978-يىلىدىن
ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا 100پارچىدىن ئوشۇق ھېكايە،
پوۋېست، ئەسلىمە ۋە ئەدەبىيات، تارىخقا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى . ھەمدە ئاساسلىق ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.
يەنەبىرقىسىم ئەسەرلىرى قازاق،ئۆزبېك ئېنگىلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قازاقىستان،ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە بېسىلدى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ
ھازىرغىچە نەشىردىن چىققان كىتاپلىرى: «نەي ئاۋازى» (ھېكايىلەر توپلىمى، شىنجاڭ
خەلق نەشىرياتى)، «كونا-يېڭى ئىشلار» (ھېكايىلەر توپلىمى، مىللەتلەر نەشىرياتى
«نوزۇگۇم» (پوۋېست، موڭغۇل تىلىدىكى كىتاپ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى)، «يىللار شۇنداق
ئۆتكەن» (بىئوگرافىيلىك قىسسە، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى)، « ئۆلۈككە خەت» (ھېكايىلەر
توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى)، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى»
ئەسەر، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى)، «قۇم باسقان شەھەر» (رومان، شىنجاڭ
ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى). بۇ كىتاپلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ھېكايە ۋە پوۋېست
توپلاملىرى مەملىكەت، ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدىكى ھەرخىل ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا
ئېرىشكەن
.
مەنبە: مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم
باسقان شەھەر» ناملىق رومانىدىن ئېلىندى
http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=2706[ بۇ يازما باياۋان تەرپىدىن2009-02-15 09:52دە قايتا ]