ھۆرمەتلىك مۇنبەداشلار ، مەن بۇ تېمىنى ئىلگىرى شەبنەم مۇنبىرىگە ئەسلى كىتاپ ئاپتۇرى مەمتىمىن ھوشۇر نىڭ قەلىمىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، چىن يوللىغان، ھەم نەشىرياتتىن چىققان ھالەتتە يوللىغان، ئەمما بىرەر گەپنى بىلىپ - بىلمەي جۆيلەپ سالدىممۇ تەستىقلانماي قالدى، شۇڭا بۇ قېتىم قايتا تەھرىرلەپ ، كۆپ ساغلاملاشتۇرۇپ ، شەبنەم مۇنبىرنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ يوللىدىم، مۇنبەرداشلار ئىلمىي ئىنكاس يوللىسا، تېمامنى پ ئامبىرىغا چۈشۈرۈپ قويمىسىكەن!
تارىخچىلار ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسدا تارىخ پۈتىشىدۇ. لىكىن ، بىرگىچە يېتىپ كېلەلىگەن يازما خاتىرلەرنىڭ زادى قانچىلىكى راست!؟...... ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن تېخى يېزىلمىغان ياكى يېزىلىپ ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ.
*********************************
__ مۇنۇ كوچىدا قېلىچ ئېسىپ لاغايلاپ يۈرگەنلەر كىم ئۆزى؟
__ كىم دەيدۇ ئەيتاۋۇر ، شەرقتىكى چوڭ بىر پادىشاھلىقنىڭ لەشكەرلىرى ئىمىش.
__ ئۇلار بۇ يەردە نېمە ئش قىلىدۇ؟
__ ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈپ ، قورساق باقىدۇ، شۇ ! تىلەمچىلەر بىلەن ئوخشاش، ،،،يەنە تېخى شەرق ئۈچۈن مول بولغان پۇل- مال يېغىپ ، پادىشاھىغا يوللايدۇ.
__ توۋۋا ، ئۆمرۈمدە مەن مۇنداق قىلىچ ئاسقان تىلەمچىلەرنى كۆرمىگەنكەنمەن!؟
****************************
شەرقتىكى قۇياشتىن ئۇلۇغ شاھ ،غەربتىكى سېپىلسىز شەھەر ---- بىغەملەر شەھىرىگە قوشۇن تارتىپ ئەل قىلماقچى بولۇپ ۋەزىر ۋۇزرا، ئالىم- ئۆلىمالىرىنى ، سەركەردىلەرنى يېغىپ مەسلىھەتلىشىدۇ.
___ بىز نېمە دەپ خەقنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالىدىكەنمىز ؟ - دېدى ۋەزىر
___ شۇنداق ، ئۇ يەر بىزگە ئەزەلدىن تەۋە بولۇپ باقمىغان ياكى بولمىسا ئۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى بىز بىلەن ئازارلىشىپ باققان ئەمەس-دە! بىز نېمىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ تىنىچ ياتقان خەلقنىڭ ئۈستىگە قىلىچىمىزنى يالىڭاچلاپ بارىمىز؟ - دەيدۇ يەنە بىرى.
سەركەردە بۇ قەلەمكەش ، ۋەزىرلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ تاشلايدۇ ھەم ئۇلارغا چۈشەندۈرۇدۇ:
________- دەستەك دېدىڭما ؟ ئاڭلاپ تۇر ، بىز ئاۋۋال ئۇيەرنى كۈچ بىلەن بېسىۋالىمىز . ئاندىن دەستەك بولىدىغان نەرسىلەردىن كۈرمىڭنى ئويدۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇ يەردە بىزنىڭ تەۋەيىمىزدىن سودا- سېتىق ئىشى بىلەن بېرىپ ، شۇ شەھەردە ئۆلگەن بىرەر سودىگەرنىڭ كونا قەبرىسى، قاچاندۇر بىر چاغلاردا بىزدىن شۇ شەھەرگە ئېزىپ بېرىپ قالغان بىرەر ھاڭۋاقتىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان ئەسكى چاپىنى ياكى بىزنىڭ پادىشاھلىقىمىزدا قويۇلۇپ قولدىن - قولغا ئۆتۈپ بىرەرسىنىڭ يانچۇقىدا شۇ شەھەرگە بېرىپ قالغان پۇچۇق يارماق ياكى بولمىسا كىملەرنىڭدۇر شۇ شەھەرگە بېرىپ قايتىپ كەلگەندە يازغان ئەسكى خاتىرلىرى دېگەندەكلەر تېپىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى دەستەك قىىلىپ تۇرۇپ بۇ ئوردىدىكى نانقېپى قەلەمكەش تارىخچىلار شۇنداق تارىخلارنى يېزىشىدۇكى ، ھېلىقى سېپىلسىز شەھەر -- < بىغەملەر شەھىرى > دېگىنىڭ خۇدا تېخى بۇ زاماننى ئاپىرىدە قىلماستىن ئىلگىرىلا بىزگە تەۋە ئىكەنلىكىنى سۆزسىز ئىسپاتلاپ چىقىدۇ.
قالايمىقان ئۇچۇر يازماڭلار، بولمىسا ، شۇنداق ياخشى تېمام ، ئەخلەت ساندۇقىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ !
مەنبە: قۇم باسقان شەھەر ( رومان ) --------- مەمتىمىن ھوشۇر
( شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. 2000- يىل 11- ئاي 1- نەشىرى 1- بېسىلىشى )
[ بۇ يازما hujaabdulla تەرپىدىن2008-12-18 01:09دە قا ]