ئەنگىلىيەدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى توردا 14 ياشلىق بالىنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى
ئەنگىلىيەدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 42 ياشلىق ئايال ئوقۇتغۇچىسى تور ئارقىلىق 14 ياشلىق بىر كىچىك بالىغا شەھۋانى مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىش بىلەن بىرگە ئۇ بالىنى ئالدىغان. يېقىندا ساقچى تەرەپ بۇ ئايالنى 12 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
ئەنگىلىيەنىڭ « كۈندىلىك تىلگىرامما خەۋىرى» گە ئاساسلانغاندا Lynn Walls ئىسىملىك بۇ ئايال توردا « 魔兽世界 » ئۇيۇنىنى ئويناۋاتقاندا 14 ياشلىق ئوغۇل بالا بىلەن دوست بۇلۇپ قالغان. خەۋەردە دىيىلىشىچە، بۇ ئوغۇل بالىنىڭ يېشىنى بىلگەندىن كىيىن، بەدەن قۇرۇلىشى سىمىز كەلگەن Walls ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەندە ئۆزىنى«زىلۋا ، كىلىشكەن ، ئالتۇن چاچلىق كۆك كۆز كەلگەن » بويىغا يەتكەن قىز دەپ تەسۋىرلىگەن. تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ دىيىشىچە ، Walls نىڭ بۇ كىچىك ئوغۇل بالىغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى ئىنتايىن شەھۋانى ، يالىڭاچ بۇلۇپ Walls كىچىك بالىنى يەنە « جىنسى ئۇيۇنى » ئويناشقا تەكلىپ قىلغان . كىيىن ئوغۇل بالىنىڭ دادىسى بۇ ئىشنى بايقاپ قېلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
Lynn Walls ئىنگىلاندنىڭ شەرقى- شىمالىدىكى 森德兰 دىگەن يەردىن كەلگەن بۇلۇپ ، توي قىلغىلى 20 يىل بولغان ئىكەن ھەمدە بىر بالىسى بار ئىكەن .
http://www.chinanews.com.cn/gj/dqsj/news/2009/02-14/1563413.shtml