13 ياشلىق ئوغۇل بىلەن 15 ياشلىق قىز پەرزەنتلىك بولدى
يېقىندا ئەنگىلىيىلىك 13 ياشلىق ئوغۇل بالا ئارفا پاتۇن بىلەن 15 ياشلىق قىز بالا ساندىرا قىز پەرزەنتلىك بولدى . 13 - فىۋرال ئەنگىلىيە «قوياش گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئارفا پاتۇننى زىيارەت قىلغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن زاكىنى كۆرۈپ باقىمىغانلىقىنى ، بىر پارچە زاكىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ يەنە : «ساندىرانىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىمدا ، بالىنى چۈشۈرۋەتمەسلىكنى ئويلىدىم . ھەر ئىككىلىمىز ھامىلىنى چۈشۈرۋىتىشكە قارشى تۇردۇق . بىز ئىككىلىمىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن كىشىدىن پەرزەنتلىك بولۇش ئىدى . بىز ئۇنى قانداق بىقىشنى ئويلاشمىدۇق . يانچۇقىمىزدا بىر سىنىتمۇ پۇل يوق ، بەزىدە ئاتام ماڭا 10 دوللار پارچە پۇل خىراجىتى بىرىدۇ . بىراق بۇ پۇل قىزىمىزنى بىقىشقا يەتمەيدۇ . باشقىلارنىڭ بىزگە باشقىچە كۆز قاراشتا بولۇشىنى ياقتۇرمايمىز .» دېدى .
مۇخبىر ئارفانىڭ ئاتىسىنى زىيارەت قىلغاندا ئاتىسى : «ئارفا ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ ، ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ » دېدى .
ئارفانىڭ 10 ياش تۇرۇپلا پەرزەنتلىك بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ، تور دۇنياسىدا بىر مەھەل كۈچلۈك بەس مۇنازىرە قوزغىدى . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيىدە ، ئارفا يىشى ئەڭ كىچىك ئاتا بولماستىن ، شوئىن سىتورت ئىسىملىك بىر بالا ئەڭ كىچىك ياشتىكى ئاتا ئىكەن . ئۇ 1998 - يىلى 12 ياش ۋاقتىدىلا ئاتا بولۇپ بولغان ئىكەن . بۇ 12 ياشلىق ئاتىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئانىسى قوشنا قورۇدىكى بىر كىچىك قىز بالا ئىكەن . بالا تۇغۇلۇپ 6 ئايدىن كېيىن ئۇلار ئايرىلىپ كەتكەن ئىكەن . سۈرەتتە : 13 ياشلىق ئارفا بىلەن 15 ياشلىق ساندىرا پەرزەنتلىك بولدى .
سۈرەتتە : 13 ياشلىق ئارفا قىزىنى سۆيمەكتە .
سۈرەتتە : 13 ياشلىق ئارفا قىزىغا سۈت ئىمىتمەكتە .
http://news.sina.com.cn/s/p/2009-02-13/220917211046.shtml[ بۇ يازما ...yasir تەرپىدىن2009-02-14 01:44دە قايتا ]