komurqibala
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 216
شۆھرەت: 217 نۇمۇر
پۇل: 2160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-22
|
ئىككى خەۋەر كۈرۈپ قويۇڭ؛
پەيزىۋات ناھىيىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدە ئۆلكە ئاتلاپ ئىشلەمچىلىككە چقىقان 80 قىز قايىتىپ كەلدى
11-ئاپرىل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە،ئۇچىسىغا زامانغا لايىق ئازادە كىيىملەرنى كىيىۋالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالىدىن بىر-بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى.ئۇلار جېجىياڭ ئۆلكىسى خەييەن ناھىيىسى جىياشىڭ خۇاشۈن ئۇيۇنچۇق چەكلىك شېركىتىدىكى بىر يىللىق ئىشلەمچىلىك تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشقانىدى.گۈلپىيە ئىسىملىك بىرقىز سومكىسىغا ئېسىۋالغان سېرىق رەڭلىك قونچۇقىنى بىزگە كۆرسىتىپ مۇنداق دىدى؛ ئۆيگە قايىتىش ئالدىدا ئلايىتەن ياسىغان بۇ قونچاقنى ئاتا-ئانامغا كۆرسىتىپ،ئۇ يەردە قانداق ماھارەت ئىگىلىگەنلىكىمنى بىلدۈرگۈم كەلدى.يېڭى ئىشقا چۈشكەندە تېخنىكا سەۋىيەم ياخشى ئەمەس ئىدى،يۇقىرى مۇئاش ئالالمايتىم،كېيىن قۇلۇم ئىشقا كۆنگەنسېرى ئايىق كىرىمىممۇ بارغانسېرى كۆپەيدى،1200يۇەن مۇئاش ئالغان ئايلارمۇ بولدى خەنزۇ تىلىنىمۇ خېلىلا ياخشى ئۈگەندىم..............ئۇلار تولىمۇ خوشال ئىدى. گۆھەرنىسا ماھىر يۇرتىغا قايتقان قىزلار ئىچىدە ئائىلىسىگە ئەڭ كۆپ پۇل ئەۋەتكەن قىزلارنىڭ بىرى بولۇپ،6000يۇەن ئەۋەتىپتۇ،ئۇ يەنە ئۇرۇق تۇققانلىرىغا1000يۇەنلىك سوۋغات سېتىۋاپتۇ.ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى؛مەن ئۇ يەرگە خېلىلا كۈنۈپ قالغانىدىم،خەنزۇ خىزمەتداشلىرىم بىلەنمۇ چېقىشىپ ئۈتەتتىم،ئۇلار مىنىڭ تېخنىكا تىل ئۈگۈنىشىمگە ياردەم بېرەتتى،قايىتىشىمىزدا ئۇلار بىلەن يىغلاپ خوشلاشتۇق.گۇرۇپپا باشلىقىمىز ماڭا چاچ قىسقۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى.بىز يەنە ئۆزئارا ئالاقىلىشىش تېلفۇنلىرىمىزنى يىزىشىۋالدۇق.ئەگەر ئاتا-ئانام قۇشۇلسا يەنە شۇ زاۋۇتقا بېرىپ،ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەشنى خالايمەن. نىمە ئۈچۈن يەنە ئۇيەرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى خالاپ قالدىڭىز؟دەپ سورىدۇق ئۇنىڭدىن،ئۇيۇنچۇق زاۋۇتىنىڭ ئىشلىرى قىزلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىكەن،مەن بۇ ئىشقا خېلىلا كىرىشىپ قالغانىدىم،ئۆيدە ئولتۇرساممۇ ئولتۇرىمىز،ئۇنىڭدىن كۆرە بۇ يەرگەكېلىپ ئىشلىسەك خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالىدىكەنمىز،خېلى كۆپ پۇلمۇ تاپالايدىكەنمىز.دىدى ئۇ. يېتەكچى كادىر تۇتىگۈل ئىدرىس مۇنداق دىدى؛مەن جىئاشىڭنىڭ مۇھىتىغا خېلىلا كۆنۈپ قالغان ئىدىم ھەم قىزلارغا باشقىچە مىھرىم چۈشۈپ قالغانىدى،بىز ئۇ يەردە خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق،خاتىرجەم بىر يىلنى ئۆتكۈزگەنىدۇق،مانا ئەمدى ئۇلارنى ساق-سالامەت يۇرتىمىزغا قايتۇرۇپ كەلدىم.بۇنىڭدىن تولىمۇ خوشال بۇلىۋاتىمەن،قىزلار خەنزۇ تىلى ۋە تېخنىكىنى ياخشى ئۈگەندى،مۇھىمى قىزلىرىمىزدا ۋاقىتنى قەدىرلەش،جاپاغا چىداش،ئىزدىنىش روھى يىتىلدى.يۇرتىغا قايتقان بۇ قىزلاردىن 30نەچچىسى خۇاشۈن ئۇيۇنچۇق شېركىتىدە يەنە ئىشلەش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇردى،شىركەتنىڭ مەسئۇل خادىملىرىمۇ ئۇلارنى قۇبۇل قىلىش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى.
بۇ يىل كۈزدە چۇڭچىڭدىكى 100مىڭ دېھقان شىنجاڭغا پاختا تىرىشقا كىلىدۇ
شىنخۇا ئاگىنىتلىقى ،چۇڭچىڭ خەۋىرى؛چۇڭچىڭ شەھىرى يىقىندا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرلۇش بىڭتۇەنى بىلەن 100مىڭ دېھقاننى شىنجاڭغا پاختا تىرىشقا ئەۋەتىش توغرىسىدا ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىق كىلىشىمى ئىمزالىدى،بۇنىڭ بىلەن2007-يىلى چۇڭچىڭدىكى دېھقانلارنى شىنجاڭغا كىلىپ پاختا تېرىشقا تەشكىللەش خىزمىتىمۇ باشلاندى. سىتاتىستكا قىلىنىشىچە،بۇلتۇر چۇڭچىڭ شەھىرى115مىڭ 900دېھقاننى شىنجاڭغا كىلىپ پاختا تىرىشقا تەشكىللىگەن،ئوتتۇرىچە 2.23توننا پاختا تەرگەن،ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 235مىليون يۇەنگە يەتكەن،ئىككى ئاي ئىچىدە ئوتتۇرىچە كىرىمى 2196يۇەنگە يەتكەن،بۇلتۇر 9-ئايدا چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرلۇش بىڭتۇەنى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. مەنبە ؛شىنجاڭ گېزىتى
تەستىقلىغۇچى: چىن مودەن
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-20 12:59 |
| |