سىز بۇ تېمىنىڭ 208 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ﺗـﯘرﻏـﯘن ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

★★★★★
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72167
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 550 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 ﺗـﯘرﻏـﯘن ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى tughrul بۇ تېمىنى خەۋەر-ئۇچۇرلار دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-02-06)

ﺗـﯘرﻏـﯘن ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ

    ﺗـﯘرﻏـﯘن ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ (ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ) 1964 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27- ﻛـﯜﻧـﻰ ﻟـﻮپ ﻧـﺎﮬﯩﻴﯩـﺴـﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺑـﯘﻳـﺎ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺰﯨﻴﺎ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪە زﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. 1970- ﻳـﯩـﻞ 9- ﺋﺎﻳـﺪﯨـﻦ 1979- ﻳـﯩـﻞ 7- ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚز ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﻧﺰﯨﻴﺎ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪە ۋە ﻳﯘرۇﯕﻘﺎش ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ- ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. 1979- ﻳﯩﻞ 9 - ﺋﺎﻳﺪا ﻗـﺎراﻗـﺎش دارﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎق ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ رەﺋﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ۋەزﯨﭙﯩﻠﻪردە ﺑﻮﻟﻐﺎن. 1981- ﻳﯩﻞ 9 - ﺋﺎﻳﺪا ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪلا ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻣلاپ، «ﺧﻮﺗﻪن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯘﻳﻐـﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﻘﺎن. 1985 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1987 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩـﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن؛ 1989 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1991 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽـﻪ ﻗـﻪﺷﻘﻪر ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘرﻏﺎن؛ 1999 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2000 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩـﭽـﻪ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚزﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎن؛ 2003 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2005 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ - ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗـﯘپ ﺋﺎﺳـﭙﯩﺮاﻧـﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎن.
     ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ 1981 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1986 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ «ﺧﻮﺗﻪن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗـﻪﮬـﺮﯨـﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪە ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﻚ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ۋە ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺑﻪﺗﻠﻪر ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن؛ 1987 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳـﻐـﯘر ﻧـﻪﺷـﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن ﮬﻪﻣﺪە ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜم ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﻳﺎﭼﯧﻴﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻣﯘدﯨﺮى، ﻣﯘدﯨﺮى، ﻛـﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن؛ 2002 - ﻳﯩﻞ 6 - ﺋﺎﻳﺪﯨـﻦ 12 - ﺋﺎﻳـﻐـﯩـﭽـﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ «ﺷﺎﯕﯟۇ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ»دا ۋەزﯨﭙﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﻨﯩﻘﻘﺎن. 2004 - ﻳﯩﻞ 11 - ﺋﺎﻳﺪا ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯧﮭﺘـﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑـﯩﻠﻪن، دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴـﺎﺗـﻰ»ﻧﯩﯔ ﺷـﯩﻨﺠـﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪن؛ 2005 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2007- ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧـﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ»ﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠـﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻣﯘدﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى، ﺋﯩﺪارە «ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن. 2008- ﻳﯩﻞ 1- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ، «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴـﺎﺗﻰ»ﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠـﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ (ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ، ﻗﺎزاﻗﭽﻪ ژۇرﻧﺎﻟلار)ﻧﯩﯔ داﺋﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻣﯘدﯨﺮى(ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ)، ﺋﯩﺪارە ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﻳﺎﭼﯧﻴﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮاﺋﯩﻴﻪ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى، ﺋﯩﺪارە «ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.
     ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ 1978 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ژۇرﻧﺎﻟلاردا 1000 ﭘﺎرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﮬـﻪر ﺧﯩﻞ ﺷﯧﺌﯩـﺮﻟﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. «ﻳﯘرۇﯕﻘﺎش ﺷﺎدﻟﯩﻘﻰ»، «ﺗﻮي ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﺴﻰ»، «ﻣﻪﺳﻪﻟﻠﻪر ﺧـﻪزﯨـﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ»، «ﺋﺎرزۇ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻰ»، «ﻛﺎرۋان(3)»، «ﻛﺎرۋان(6)»، «ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە راۋان ﻳﻮﻟلار»، «ﺋﺎھ، ﻧﯘرﻟﯘق ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪر»، «ﻳـﻮل راۋان، ﺋﻪل ﺷﺎدﯨﻤﺎن»، «ﺗﺎﻟلاﻧﻐﺎن رۇﺑﺎﺋﯩﻴلار» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﻧﺪﯨـﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺗـﻮﭘلاﻣﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺷﯧﺌﯩﺮ ۋە داﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮى ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﺋﯘﻳـﻐـﯘر ﺷـﯧﺌﯩـﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪە ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻪزى ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎراﺷﻠﯩﺮﯨﻢ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩـﺲ ژاﻧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗـﻪﺑﯩﺮ»، «ﻧﻪۋاﺋﯩﻲ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎت ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 50 ﭘﺎرﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ - ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﻣـﻪﺗـﺒـﯘﺋﺎﺗلاردا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﻟﯘم ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮزﻏﯩﻐﺎن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮى ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ۋە ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﺗﯜرﻟﯜك ﺑﺎﮬﺎلاﺷلاردا ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗلاﻧﻐـﺎن. «ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ»، «ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮى»، «ﺷﯩﻨـﺠـﺎڭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺸﭽﯩلار ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ»، «ﻛﺮوران» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎل ژۇرﻧﺎﻟلار ﮬﻪﻣﺪە «ﺷﯩﻨﺠـﺎڭ ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﯩﺮى» ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ، «ﻗﻪﺷﻘﻪر ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»، «ﺧﻮﺗﻪن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠـﻪر، ﻣـﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧـﻪﻟـﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﺧﺒﺎرات- ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻐﺎن. ﺋﯘ ﻳﺎزﻏﺎن ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻓﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺋﯩﺘﻮت ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴـﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳـﯜرەﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﺋﯘ  ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮزﻏﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن 1999 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ۋە 2004 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ «ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮى ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن.
     ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻟﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟلاپ «ﻣـﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻟﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﺮى» (ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1991 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، ﻧﺎدﯨـﺮ ﮬـﻪﺟـﯟﯨﻲ ﺷـﯧﺌﯩﺮلارﻧﻰ ﺗﺎﻟلاپ «ﻗـﺎﻣﭽﺎ» (ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1993 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺋﯧﺴﯩﻞ رۇﺑﺎﺋﯩﻴلاردﯨﻦ ﺗﺎﻟلاپ «رۇﺑﺎﺋﯩﻴﻠﯩﻖ ﻛﺎﻟﯧﻨﺪار» (ﻗـﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1998 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، ﺋﻪﻧﯟەر ﮬﻮﺷﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭘﺮوزﯨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺗﺎﻟلاپ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ(1) _ «ﺋﯘزاق ﻛﯧﭽـﻪ» (ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐـﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2000 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑلارﻧﻰ ﺗﯜزۈپ ﮬﻪم ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪۇرۇپ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺑﺪۇﺧﯧﻠﯩﻞ ﺋﺎﺑﺪۇﺧﯧﯟﯨﺮ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮى (9)» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ۋە «<ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﺴﻰ> ﺟﻪۋﮬﻪرﻟﯩﺮى» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﻪﺧـﺴـﯘس ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯜزۈپ، ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗلاردا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن. «ﺗﯩﻞ ۋە ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺑـﻮﻳﯩﭽـﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرﻏﺎن «ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن <ﺗﺎڭ دەۋر ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮى>ﻧﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ»ﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩـﺸـﯩـﭗ 3 - دەرﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﮬﻪر ﺧﯩﻞ دەرﺳﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن.
     ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺋﺎرﺧﯩﭙﻰ» (داﺳﺘﺎﻧلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1996 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، «ﺋﺎﭼـﻘـﯘچ ﺋﯧﺴﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺑﺎلا» (ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷلار - ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪر ﻧـﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1996 - ﻳﯩﻞ ﻧـﻪﺷﺮى)، «ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺗﯘﻣﺎرﻟﯩﺮى»(ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1997 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى)، «ﺟﺎﻧﺎن ﻛﯧﻠﯩﺪۇ» (ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧـﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999 - ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى) «ﻳـﻮل، ﻳـﻮل، ﻳـﻮل...» (داﺳﺘﺎﻧلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2000 - ﻳﯩﻞ ﻧـﻪﺷﺮى) ﻧﺎﻣلاردﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى ﻛﻪڭ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﻗﺎ - ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜز ﻛﯚرۈﺷﻜﻪن.
     ﺗـﯘرﻏـﯘن ﻳﯩـﻠـﺘﯩﺰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ.

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-06, 14:51

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-06 22:36 |
ketmenbay
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 274
شۆھرەت: 340 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2755 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 192(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز شېئىرلىرى

ئۇيغۇر دوپپىسى
ئۇيغۇر ئەتلىسى
ئۇيغۇر باغلىرى

http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1259

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 23:06 |
arkhon
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9172
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1167
شۆھرەت: 1243 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11320 سوم
تۆھپە: 215 نۇمۇر
ياخشى باھا: 254 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 4463(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىمنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق ۋە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت  تىلەيمەن

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 23:15 |
gulzar
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 2270
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 113 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 742 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

مەن قول قويغىدەك ئەربابتىن يەنە بىرسى چىقتى.مەن قاچانمۇ مۇشۇنداق باشقىلار ماڭا قول قويغىدەك ئادەم بولارمەن دەپ ئويلايمەن،مەنمۇ خەلقىم مىللىتىم ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىمەن.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
گۈلزار
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 23:26 |
DEWRAN
دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 55117
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 870
شۆھرەت: 1006 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7807 سوم
تۆھپە: 182 نۇمۇر
ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1900(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

    تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز ئەپەندىنىڭ <<جۇڭگو مىللەتلىرى>>ى تۇپرىقىغا تېخىمۇ  چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئىجاد ئېتىزىغا تىنىمسىز تۆكۈۋاتقان كۈمۈش تەرلىرى بەدىلىگە يەنىمۇ كۆپ مول ھوسۇللارنى بېرىشىگە تىلەكداشمەن!!!

ھەقىقىي مىسۋاك
بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                  ***      ***       ***
                  
مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
- ياسىنجان ئوسمان دەۋران
./read.php?tid-89120.html
./search.php?authorid-55117.html


      دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار يۇقىرىقى تېمىلاردا بار. خالىسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 23:29 |
284132237
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68557
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

تىرىشىلى     تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى    تىرىشىلى                             شۇئار  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 00:32 |
judun
ئالاھىدە تۆھپە ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 6908
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 2613
شۆھرەت: 2962 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 19073 سوم
تۆھپە: 718 نۇمۇر
ياخشى باھا: 516 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 768(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

شائىرنىڭ تەخەللۇسىغىمۇ ھەۋەس بىلەن قارايمەن . جانان كېلىدۇ ناملىق توپلامنى سۈيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقىپ ،ئۆزۈم سۆيگەن كىتابلار قاتاردىن ئورۇن بەردىم .

ھەقىقىي مىسۋاك
ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قوللىرنى كۆيدۈردۇ!
_ _ _ بوئسىت _ _ _
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 00:54 |
shemsher26
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72251
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 640 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

«يىلتىز »ئۆزگىچە تەخەللۇس ئىكەن...

بولسا بۇ يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن..







http://shemsher.blogbus.com

شىنجاڭ تور مەكتىپى
http://shemsher.blogbus .com
تور مەھەللەم
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 01:09 |
qogluk3.8
چوغلۇق3.8
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 24818
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1097
شۆھرەت: 1402 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10872 سوم
تۆھپە: 420 نۇمۇر
ياخشى باھا: 757 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 947(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

سۆيگۈئارخىپى  دېگەن كىتاب ئارقىلىق شائېر بىلەن تۇنۇشۇپ چىققان ئىكەنمەن . شائىرنىڭ ئىجاد مھنەتلىرىدىن سۆيۈندۈم . ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، سالامەت بولسىلا .

ھەقىقىي مىسۋاك
ئادەم ئۆزىگە نىسبەتەن رەھىمسىز بۇلۇشنى ئۆگىنۋېلىشى كېرەك.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 01:47 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » مەشھۇر شەخىسلەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-08 11:38, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ