« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 511 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەم ساھەلەر پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

atom
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 209
شۆھرەت: 284 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2043 سوم
تۆھپە: 106 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەم ساھەلەر

      ھەممىمىزگە ئايان، خەلقىمىزقاراخانىيلار....... يۈەن، مىڭ، چىڭ،...سۇلالىرى ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولسۇن، ئاساسي جەھەتتى تېنىچ ياشاپ، كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئۆتۈپ كەلگەن ۋە ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ كەلگەن خەلق بولۇپ، نۇرغۇن دەۋرلەردىن بۇيانقى ئاسايشلىق ئىچىدە ياشاش ھالىتى نەتىجىسىدە، بىز ئۇچرىغان ئىچكى، تاشقى بېسىملار خېلى كۆپ قىسىم مىللەتلەردىن ئاز ھىساپلىنىدۇ. خۇددى فىزىكا ئىلمىدە «كۈچ تەسىرى» ئۆز -ئارا بولغاندەك، بىز ئۇچرىغان بۇرۇنقى بېسىمنىڭ ئازلىقى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى باشقا ئەللەرنىڭ تېز تەرەققي قىلىشى ئىلىپ كەلگەن غايەت زور بېسىم نەتىجىسىدە، ئارىمىزدا ئاز ساندىكى« خۇدىنى يوقىتىپ قويغۇچىلار» كىلىپ چىقتى. ئەتراپىمىزدىكى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا خىزمەت تېپىش بىسىمى، ئۆي سېتىۋىلىش بىسىمى، نامراتلىقتىن، قۇتۇلالماسلىق......جان بېسىمى، نان بېسىمى  قاتارلىقلار ئاساسلىق قاقشايدىغان تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. بىز يولۇقۇۋاتقان بۇ كېرزىسلارنى ھەل قىلىش نۆۋەتتىكى خەلق-سۆيەر كىشىللىرىمىزنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەجبۇرىيتى ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا بىز نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كۆپ بېسىملارنىڭ ئاستىدا قالدۇق؟
1. بىزدە ئاساسەن ئېغىر سانائەت يوق.
ئېغىر سانائەت بولسا ئېنىرگىيە خام ماتېرىياللار سانائىتىنى ئاساس قىلغان، قۇراشتۇرۇش كەسپى، ئېلىكتىرون-ماشىنىسازلىق سانائىتى، خېمىيە سانائىتىنى ئاساسي گەۋدە قىلغان سانائەت. مەسلەن: مېتاللورىگىيە، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە، نېفىت ، كۆمۈر، تەبئىي گاز قېزىش،خېمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى قاتارلىق خەلق ئىگىلىكىنى خام ماتېرىيال، يېقىلغۇ، ئېنىرگىيە، تېخنىكا ئەسۋابلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسىپلەر. ئېغىر سانائەت ئەمىليەتتە مەلۇم دۆلەت، رايوننىڭ ئۇنۋېرسال كۈچىنى ئىپادىلەيدىغان ئاساسلىق  ئۆلچەملەرنىڭ بىرى.
خەلقىمىزدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سانائەت يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، لىكىن ئاساسەن يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلغان سانائەت بىزدىكى سانائەتنىڭ ئاساسي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. بىر شىركىتىمز ئىچىملىك ياسىسا كەينىدىن شۇ خىل ئىچىملىكنى ياسايدىغان باشقا بىر نەچچە شىركەت «يېتىشىپ چىقتى»، بىرەرسى تەييار چۆپ، قوناق مىيى ياسىسا يەنە نۇرغۇنلىغان شۇ خىلدىكى  مەھسۇلاتنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان (ئىچكىرىدە ياسىتىپ ئۇيغۇرچە چاپان كەيدۈرۈپ قويىدىغانلارمۇ چىقتى) شىركەتلەر بارلىققا كەلدى، بۇ بىزدە ئىككى خىل  يۆنىلىشنى، يەنى ئېغىر سانائەت كەسىپلىرىنىڭ بىر چەتتە قىلىشى ۋە شىركەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا قارىغاندا دوراپ ياساشقا ئۇستا بولۇپ كىتىشىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. يېغىپ ئېيىتقاندا، بىزدە ئىستىمال ۋاستىللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشنى ئاساس قىلغان زاۋۇت-كارخانىلار دەسلەپكى كۆلەمدە شەكىللەنگەن بولسىمۇ ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرىنى ياساشنى ئاساس قىلغان ئېغىر سانائەت تېخى شەكىللەنمىدى. مانا بۇ بىزنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچىمىزنىڭ كىيىن قىلىشىدىكى ئاساسي ئامىل. باشقىلارنىڭ بىزدىن بىر كىلو پاختىنى بىر نەچچە كويغا ئىلىپ، ئۇنىڭدىن كىيىم تىكىپ بىزگە نەچچە ھەسسە يۇقۇرى باھادا سىتىشى نەتىجىسىدە باشقىلار بارغانسىرى بېيىپ كەتتى، بىز يەنە شۇ بۇرۇنقى پىتى. شۇڭا ئارمان، ئىخلاس قاتارلىق بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدىكى شىركەتلىرىمىزنىڭ كىيىنكى دەۋىرلەردە تېخىمۇ روناق تىپىپ، مىللىتىمىز ئېغىر سانائەتگە تۆھپە قوشۇشىنى، مىللىتىمىزنىڭ ئۇنۋېرسال تەرەققىياتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشىگە يەنىمۇ بىر قەدەن ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ياپونىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق خەلق ئېگىلىكى ئېغىر سانائەتنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچىنىڭ يۇقۇرىلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىقى  بىزدە ئېغىر سانائەتنى تەرەققي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلايدۇ ئەلۋەتتە.
2. مائارىپتىكى كەمتۈك ساھەلەر
يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان دۆلەر ئىچى سىرتىدا شۆھرەت مۇتەللىپ، ئەركىن سىدىق.... .... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىزنىڭ بارلىقنى ھېس قىلىپ ئالەمچە خۇشال بولدۇق. بىزدىمۇ ئالىملار يوقلۇقتىن بارلىققا، كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى.مەسلەن: شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا 10 يىلنىڭ ئالدىدا بىزدىن چىققان ئاسپىرانىتلارنىڭ سانى 10 نەچچە بولسا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نەچچە يۈزگە يىتىپ باردى. چەت دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بىزدە نىمە كەم؟ بىزدە مەلۇم ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار كەم. بىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن بۇيان فىزىكا، خېمىيە، ماتېماتىكا قاترلىق پەنلەرنى ئاساسلىق پەن دەپ قاراپ باشقا پەنلەرگە سەل قاراپ قالدۇق. ئالي مەكتەپ ئىمتاھانىدا كومپيۇتېر، فىزىكا، خېمىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق ساناقلىق بىر قانچە پەنلەرلا بىزنىڭ تاللايدىغان قىززىق نۇقتىمىزغا ئايلىنىپ قالدى، شۇ سەۋەپتىنمىكىن بىزدىن بىرەر داڭلىق سىياسىيون، قانۇنشۇناس يېتىشىپ چىقمىدى. مەن خىلى كۆپ ساھەدىكى دوكتۇرلىرىمىزنى ئاڭلاپ باقتىم ،لىكىن قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئاڭلاپ باقمىدىم (ئەلۋەتتە بادۇ). سىياسىيون، قانۇنشۇناسلارنىڭ مەلۇم بىر مىللەت، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە بولغان رولى ناھايىتى چوڭ ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىن سىرىت ئىقتىسادشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، ئېگىلىك باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش كەسپى.....  قاتارلىق خىلى كۆپ ساھەلەردە يىتىشىپ چىققان كىشىللىرىمىزمۇ ناھايىتى ئاز. بۇھال رايونىمىزدىكى مەلۇم ساھەلەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىچىدە بىزدىن چىققان بىرەرەمۇ  كىشىنىڭ بولماسلىقىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. ئەلۋەتتە فىزىكا، خېمىيە، ماتېماتىكا، ئەدەبىيات قاتارلىق كەسىپلەمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم. لىكىن بىزنىڭ كەسىپ تاللاش، شۇغۇللىنىش دائىرىمىز پەقەت بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كىرەك.
3. تەنتەربىيە
بىرازىليە، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەردە يېتىشىپ چىققان نۇرغۇن تەنھەركەتچىلەر ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ دۇنيا سەھنىللىرىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ ئائىلىسىدىكلەر، خەلقلىرىگە نۇرغۇن پايدا ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ. لىكىن ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدە بالىسىنى ناخشىچى، ئۇسسۇلچى قىلىشقا خوشتار ئادەملىرىمىز باركى، بالىسىنى تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويىدىغان ئائىلىلەر ئاز. كۆپىنچە ئائىلىلەر بالىسىنى فىزىكا، خېمىيە، ماتېماتىكا، تىل، كومپيۇتېر قاتارلىق كەسىپلەردە ئوقۇسا خىزمەت تېپىش قۇلايلىق دەپ ئويلاپ بالىسىنىڭ تەنتەربىيەدە تالانتى بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى تاللىشىغا يول قويمايدۇ. بىزدە بەدەن ساپاسى ياخشىلار ئاز ئەمەس، لىكىن ئەتراپلىق مەشىق بولمىغانلىقى نەتىجىسىدە نۇرغۇن تەنتەربىيە ھەركەتلىرىدە بىرەرمۇ كەسپي تەنھەركەتچى يوق. بىز ئۆزىمىزنى ئالداپ «ئۇيغۇرلاردىن شىجيىبىي غا 4-5 ئادەم ئالسا جۇڭگو چىمپىيون بولىدۇ، ياخشى نەتىجە ئالىدۇ» دەيمىز. لىكىن بىزدە كەسپي تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەنھەتكەتچىلەر بولمىغاچقا نۆۋەتتىكى كوماندىمىزنىڭ ئۇدا بىر قانچە يىلدىن بۇيانمۇ ب گورۇپپا ئايلانما مۇسابىقىسىدىن چىقالمىغانلىقىمىزدەك رىئاللىقنى ئېتراپ قىلمايمىز. كىسىپ ئىيتىمەنكى نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان كوماندىمىزنى ( ئاساسەن ئىشتىن سىرىتقى) «شىجيىبىي » (ئەسلى دۇنيا لوڭقۇسىتى، بىزدىن مۇشۇنداق ئاتايدىغانلار جىققۇ، بەزىللىرى مۇشۇنداق دىمىسە چۈشەنمەيدۇ تېخى)ئەمەس، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مۇسابىقىسىگە سىلىپ قويسىمۇ10-1 ئۇتتۇرىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن سىرىت، يىنىڭ ئاتلىتكا.... قاتارلىق تۈرلەرمۇ شۇ.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي، داۋامىنى كىيىن داۋملىق يوللايمەن. ئەلۋەتتە يازمامدا نۇقسانلار كەم ئەمەس، بەزى كەسپي سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىشىممۇ توغرا ئەمەستۇ بەلكىم، توغرا چۈشۈنەرسىلەر.
ئاتوم  


تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-06, 10:25

 

ھامان بىر كۈن ... ...
http://postimg1.mop.com/200807/02/08/2453308/20080709195340219.GIF
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-06 18:03 |
HENRY
ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 26768
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2937
شۆھرەت: 2948 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 46 نۇمۇر
ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 837(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

باش سۆرەت شاشقۇ    ؟؟

شىنجاڭ تور مەكتىپى
                                                    
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:33 |
turditohti
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 58030
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 453
شۆھرەت: 511 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4604 سوم
تۆھپە: 111 نۇمۇر
ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 900(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ھەقىقەتەن ئاجىزلىقلار بار؟چۇقۇم ھەممىمىز ئورتاق كۈچىشىمىز كېرەك

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:34 |
atom
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 209
شۆھرەت: 284 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2043 سوم
تۆھپە: 106 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكى HENRYنىڭ2009-02-06 18:33 دە يوللىغان يازمىسى   :
باش سۆرەت شاشقۇ    ؟؟

شۇ  ھىنرىيجوووووووون ، ئىسمىمغا سۆرەت ماسلاشماپتىكەن ،شۇڭا ئۆزگەرتىۋالدىم. ما سۆرەت كۆزەمگە «شۇشەن» كۆرىنىپ قاپتى...........

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ھامان بىر كۈن ... ...
http://postimg1.mop.com/200807/02/08/2453308/20080709195340219.GIF
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:36 |
HENRY
ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 26768
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2937
شۆھرەت: 2948 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 46 نۇمۇر
ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 837(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

ئەمدى شۇ  بۇرۇنقى باش سۆرەتلىرى بەك ئۇماقتى دىسە،،.

ھەقىقىي مىسۋاك
                                                    
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:40 |
Shebnem2008
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 29264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 445 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

لىكىن بەك ئاددى ئويلاپسىز..................

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:44 |
atom
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 209
شۆھرەت: 284 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2043 سوم
تۆھپە: 106 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكى HENRYنىڭ2009-02-06 18:40 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئەمدى شۇ  بۇرۇنقى باش سۆرەتلىرى بەك ئۇماقتى دىسە،،.

بۇرۇنقىسىغۇ راسلا ئوماقتى، لىكىن بالاڭزا يىلپىزتى دەڭلا. «كىچىك بالا ئەمەسمەن، ئەمدى يىلپىز مىنمەيمەن» دەپ ئۆزگەرتىۋەتتىم، 2يىللىق قەدىناس باش سۆرىتىمنى «ئىسلاھ قىلىپ» تاشلىۋەتتىم شۇ.

ھەقىقىي مىسۋاك
ھامان بىر كۈن ... ...
http://postimg1.mop.com/200807/02/08/2453308/20080709195340219.GIF
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:45 |
atom
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 209
شۆھرەت: 284 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2043 سوم
تۆھپە: 106 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىShebnem2008نىڭ2009-02-06 18:44 دە يوللىغان يازمىسى   :
لىكىن بەك ئاددى ئويلاپسىز..................

مۇرەككەپ ئويلىغان يەرلىرىڭىز بولسا پىكىرلەشمەمدۇق! مەنمۇ شۇ مۇشۇنداق تېمىلارغا ئامراقراق ئادەم، ياخشى پىكىرلەر بولسا پايدىلانساق دەپ يازدىمغۇ! سىزنى چەكلىمەگەندىكىن ياخشى پىكىرلەر بولسا ئوتتۇرغا قويۇڭ،تۆت خەت بىلەنلا ئېنكاس توشتۇرماي. بىزمۇ بىرەر بىلىملىك بولاپ قالىلى مۇنداق.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ھامان بىر كۈن ... ...
http://postimg1.mop.com/200807/02/08/2453308/20080709195340219.GIF
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:48 |
مۇھتاج
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72423
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 89 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 890 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

مىللى مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى....

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:48 |
mum
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72401
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

لىكىن ياخشى بۇلۇپتۇ. تىرىشىڭ

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 19:01 |
Shebnem2008
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 29264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 445 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

Quote:
بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىatomنىڭ2009-02-06 18:48 دە يوللىغان يازمىسى   :

مۇرەككەپ ئويلىغان يەرلىرىڭىز بولسا پىكىرلەشمەمدۇق! مەنمۇ شۇ مۇشۇنداق تېمىلارغا ئامراقراق ئادەم، ياخشى پىكىرلەر بولسا پايدىلانساق دەپ يازدىمغۇ! سىزنى چەكلىمەگەندىكىن ياخشى پىكىرلەر بولسا ئوتتۇرغا قويۇڭ،تۆت خەت بىلەنلا ئېنكاس توشتۇرماي. بىزمۇ بىرەر بىلىملىك بولاپ قالىلى مۇنداق.

ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز جەمىيەتنى چوڭقۇر كۈزىتىپ بىلىڭ ..

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 19:05 |
Nuzug-New
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 41055
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 86 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 59 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

ياخشى تېما ئىكەن ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە مەيلى ئاددىي ئويلايلى ياكى مۇرەككەپ ئويلايلى ، ئويلىغان ،دىگەن بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ ،قاقشاي دىسەك ئون ئاۋياماتكىغا يۈك بولغۇدەك دەرتلىرىمىز بار، لېكىنزە توختىماي قاقشىدۇق ،قاقشاۋاتىمىز نەتىجە نېمە بولدى؟ ئەڭ ياخشىسى مېنىڭچە ، تارىخنىمۇ تولا ئەسلىمەي، كەلگۈسىنىمۇ تولا خىيال قىلماي بۈگۈنىمىزدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولسا قىلىلى ،تىرىشقىدەك يېرى بولسىلا تېرىشىپ گەرچە يوللار ئېتىك بولسىمۇ ،تار بولسىمۇ ،رەقىبلەر كۈچلۈك بولسىمۇ ،سۈۋەرەكتەك يوچۇق تېپىپ قىسىلىپ كىرىشنى ئۆگۈنەيلى ، مەيلى قايسلا ساھەدە بولمايلى مىللىتىمىزدىن كۆپلەپ ئاۋانگارتلارنىڭ ،كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ۋاقتىمىزنى يوقىلاڭ ئىشلارغا سەرپ قىلمايلى !
ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ياخشى نەتىجە ئۇتۇقلارنى تېلەيمەن!
نۇزۇگ.م

ھەق ئىگىلەر سۇنماس!!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 19:09 |
kuyhumar0998
ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 22010
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1367
شۆھرەت: 1442 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20770 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 43 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 675(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىرلەر بوپتۇ، دىمىسىمۇ بىزدە بىرسى ياغ ئىشلەپ چىقارسا ھەممىسى شۇنى ئىشلەپ چىقىپ «يا تازغا ئارام يوق، يا پاشىغا ئارام»دىگەندەك ئەھۋال يۈز بېرىپ ئاخىرقى ھىسابتا ھەممىسى ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.
بولۇپمۇ ھازىرقى گىرىم بويۇملىرى ۋە ئىچىملىك ساھەسىدە بىزدە بار مەھسۇلاتلارنىمۇ كىلونلاپ، مەھسۇلاتنى ئىچكىردە ئىشلەپ، ئۇيغۇرچە ماركىنى  چاپلاپلا بىزنىڭ مىللى كارخانىلىرىمىزنى گۆر ئاغزىغا ئىتتىرىۋاتقان داڭلىق ناخشا چولپانلىرى ساماندەك، مۇشۇ نوقتىدىنلا ئۇ ساختا داڭلىقلارنىڭ بىزنىڭ ماختىشىمىزغا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ھازىر ئىچىملىك ساھەسىدىكى ۋاخاخا، توڭيى ماركىسىدىكى ئىچىملىكلەر شىنجاڭدا ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە خېتى بار ئىچىملىكلەر ئىچكىردە ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتىدۇ، بولسا كارخانچىلار بىرسى تالقان ئىشلىسە ھەممىسى تالقان ئىشلەۋەرمەي، بىرسى تالقان ئىشلىسە يەنە بىرسى شۇ تالقاننى قاچىلايدىغان ئوراش - قاچىلاش بويۇملىرى ئىشلەپ چىقىرىشقا مەبلەغ سېلىپ، باشقا بىرسى ئىچىملىك قاچىلاش زاۋۇتىغا مەبلەغ سېلىپ  ھەمكارلاشسا ياخشى بولاتتى.

ھەقىقىي مىسۋاك
مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس بەلكى ياخشىراق كۆرەلمىگەنلىكىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 19:10 |
atom
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 209
شۆھرەت: 284 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2043 سوم
تۆھپە: 106 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

Quote:
بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىShebnem2008نىڭ2009-02-06 19:05 دە يوللىغان يازمىسى   :

ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز جەمىيەتنى چوڭقۇر كۈزىتىپ بىلىڭ ..

«ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي، داۋامىنى كىيىن داۋملىق يوللايمەن» دىگەن يەرلىرىنى ئوقۇماپسىزدە بۇرادەر. جەمىيەتنى چوڭقۇر كۆزەتكەن كۆز قاراشلىرىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويمامسىز مۇنداق بىزمۇ ئاڭلاپ قالىلى.

ھامان بىر كۈن ... ...
http://postimg1.mop.com/200807/02/08/2453308/20080709195340219.GIF
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 19:10 |
arpatjian
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

رەخمەت قېرىندىشىم!كۆڭلىمدىكى گەپنى دەپسىز ،سىز ئوتتۇرغا قويغان بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن  كۆزئالدىمىزدىكى رىئاللىق.

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 20:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » ئۆزىمىزگە نەزەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-08 13:56, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ