« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 822 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتى نىمە ئۈچۈن تۆۋەن؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

turditohti
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 58030
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 451
شۆھرەت: 509 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4584 سوم
تۆھپە: 111 نۇمۇر
ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 893(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتى نىمە ئۈچۈن تۆۋەن؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2009-02-06)دە نادىرلاندى
تۇردى توختى
مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنىڭ نىمە ئۈچۈن تۆۋەن بولىۋاتقانلىغىنى ھەر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈلۈپ كىشىلەردە بەلگىلىك قاراش پەيدا قىلىندى.چۈشەندۈرگەنلەرمۇ كەڭ دائىرىلىك،ھەر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا مەسىلىنى ماھىيىتىدىن ئەمەس بەلكى سىرتقى شەكىلدىن ئىزدەشتەك چەمبىرەكنىڭ ئىچىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى.مىنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم نۇرغۇن كىشىلەر تەربىيىلىنىش شارائىتى بىلەن ھېسابلاشماي شۇ ۋاقىتتىكى ئەمىلى ئەھۋالنى(ياكى ئىمتىھان نەتىجىسى،ياكى ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى...) چىقىش قىلىپ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكچى بولدى.شۇنىڭ بىلەن زادى قانداق قىلغاندا مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرەلەيمىز دېگەن مەسىلە ھەقىقىي جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.
    بۇنداق، جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىك بىزنى دادىللىق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىيەلمەيلا قالماي سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا تەدبىر بەلگىيەلمىدى،بەلگىلىسىمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان بەلگىلىمىلەر تۈزۈلۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى بوغۇش بىلەن بىرگە ئوقۇتقۇچىلارنى نەيرەڭۋاز قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.بۇ نۇقتىنى مەن تەكىتلىمىسەممۇ كەڭ كەسپداشلار ئوبدان چۈشىنىدۇ.
مەن تۆۋەندە مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ.كەڭ كەسپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
                                                 1.ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پەرق
    بىر ئۈستقۇرۇلمىغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي بازىس ئۇنى روياپقا چىقارغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇ خىل ئۈستقۇرۇلما ئىقتىسادىي بازىس تەرىپىدىن ھەر تەرەپلىمە يېتىلىش شارائىتىغا ئېرىشىپ تەرەققى قىلغاندا  چاغدىلا ،ئىقتىسادىي بازىس ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇ ئوبېكتىپ  قانۇنىيەت بولۇپ ،بۇ قانۇنىيەت بۇزۇلسا ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىس بىر-بىرگە ماس كەلمەي قالىدۇ....
   رايونىمىزنىڭ مۇرەككەپ جۇغراپىيىلىك شارائىتى  رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ  كېيىن قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.قىسقىسى رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى مەيلى ئوبېكتىپ مەيلى سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدىن بولسۇن ئېلىمىز ئىقتىسادى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.بۇنداق پەرق تەبىئىي ھالدا رايونلار ئوتتورىسىدىكى مائارىپ شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇپ،بۇنداق تەربىيىلىنىش پۇرسىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تەبىئىي ھالدا رايونىمىز مائارىپىنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەن ئىشىنىمەنكى رايونلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادى پەرق ئازايسا ياكى تۈگىتىلسە مائارىپتىكى تەربىيىلىنىش پۇرسىتى باراۋەرلىككە ئېرىشىدۇ-دە مىللى مائارىپ سۈپىتى ۋە مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ ئېڭى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ.

                                2.مائارىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەۋەبلەر
مەملىكىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورتاق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن شارائىتى ياخشى رايونلار بىلەن ناچار ئورۇنلارنىڭ ئۆتىلىدىغان دەرسلىكىنىڭ سالمىغىدا ھېچقانداق پەرق يوق بولۇپ،بۇنداق دەرسلىك جەھەتتىكى قاتماللىقمۇ سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىرگە مەۋجۇت بولىۋاتقان رايۇنىمىزدىكى بەزىبىر ئوقۇتۇش رېئاللىقلىرىمۇ  سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولىشىنى بەلگىلەپ قويدى.بۇنى تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
    1)ئىككى ئاساسەن ئېلىپ كەلگەن رىيانلىق
    ئىككى ئاساسەن يولغا قويۇلغان ئون نەچچە يىلدا ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپ بەزى نەرسىلەرنى مائارىپىمىزغا ئاتا قىلدى.بۇنداق قانۇنىيەتسىزلىك مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى.
مىسال:ئىككى ئاساسەننىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى«مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش ھەركىتى»ۋە «يىل مائارىپى»(ئىسمى ئوقۇپ،جىسمى ئوقۇمايدىغان ھەركەتلەر)...
   2)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش ئەھۋاللىرى
   مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن پەقەت مائارىپ ساھەسىدە غەيرى مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ قوياي.
   مائارىپ خىزمىتى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى يادرو قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم، بۇ يادرونىڭ ئىچىگە نۇرغۇنلىغان غەيرى يادرولۇق خىزمەتلەر قىستىلىپ كىرىۋېلىپ ،نورمال تەرتىپنى بۇزىۋەتتى... بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمى كۆپىيىپ ئىشنى ئالۋىڭىغا قىلىدىغان ھالەتلەر شەكىللەندى.بۇنداق يۇقىرى بېسىممۇ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ سۈپەتنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەپچى بولدى.
   3)دەرس ۋاقتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسىلىغى
   مەكتەپلەردە، بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلەردە ھەر خىل ئەمگەك،تەكشۈرۈش...قاتارلىقلارنىڭ دەستىدىن ساپ ئوقۇتۇش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىن بولماي قالدى. بۇنداق رېئاللىقمۇ سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
   4)مەكتەپتە ئاز بىر قىسىملارغا يۆلىنىش خارەكتىرى
   مەكتەپلىرىمىزدە 90-يىللاردىن باشلاپلا تەجبىرە سىنىپ،كۈچەيتىش سىنىپ...دېگەندەك «ئالاھىدە» سىنىپلار ئېچىلىپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ ئومۇمى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيىگە سەل قارىدى.بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى بولغان«ئادەتتىكى سىنىپلار» ئېتىبارسىز قېلىپ تەربىيەنىڭ تەسىرىگە بىۋاستە ئەكس تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ ھال ئادەتتە ئاتا-ئانىلارنى غەمگە پاتۇرۇپ قويدى.بۇنداق  قىسمەنلىككە يۈزلىنىش«قوش تىل مائارىپى»يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تازا ۋايىغا يەتتى...بۇنداق رېئاللىقمۇ سۈپەتنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.
   مېنىڭچە يۇقارقى پەرقلەر ۋە مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەكتەپ باشقۇرۇش ھادىسىلىرى تۈپتىن تۈزىتىلسە مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىمۇ تەدرىجى ئۆسۈپ ،ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىشى مۇمكىن.ئەگەر تەربىيىلىنىش شارائىتى جەھەتتىكى پەرق مۇشۇنداق چوڭ بولۇۋەرسە مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىمۇ تۆۋەنلىك ھالىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

مەنبە:ئۆز يازمام.
____________________________

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-06, 09:50

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-06 17:49 |
tunxahzadisi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 12570
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

بۇنى  يېزىپ بۇلغىچە كۆپ جاپا تارتىپسىز دە                                                            

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئوزىنى تەكشۇرۇشلازىم
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 17:56 |
DEWRAN
دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 55117
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 867
شۆھرەت: 1003 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7777 سوم
تۆھپە: 182 نۇمۇر
ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1895(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

  ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىڭىزغا ئاپىرىن! مائارىپ- بىر مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى.شۇڭا مائارىپتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى مانا مۇشۇنداق تېپىپ چىقىپ، ئۇنى ۋاقتىدا تولۇق ھەل قىلىش-تولىمۇ تەخىرسىز ۋەزىپە!

ھەقىقىي مىسۋاك
بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                  ***      ***       ***
                  
مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
- ياسىنجان ئوسمان دەۋران
./read.php?tid-89120.html
./search.php?authorid-55117.html


      دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار يۇقىرىقى تېمىلاردا بار. خالىسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:05 |
atom
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 209
شۆھرەت: 284 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2043 سوم
تۆھپە: 106 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتى نىمە ئۈچۈن تۆۋەن؟
يەنە بىر سەۋەبى مائارىپىمىزدىكى «ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولالماسلىق ۋە ئىگە بولالىغۇدەك ئادەملەرنىڭ چىقماسلىقى( باشقىلار تەرىپىدىن چىقتۇرۇلماسلىقى)»

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ھامان بىر كۈن ... ...
http://postimg1.mop.com/200807/02/08/2453308/20080709195340219.GIF
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:10 |
karakuyun2
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70546
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

  yakxi  yizipsiz   ,timingizga  rahmat  ,likin   bir  nuhtoluk   masilini  kisip  koymapsiz   ,yani  ali  maktaplani  okup  kalgan  laning  ixka  orunluxux  pursitining   towan  bolixi  ,ixtatning  kam  bolixi  ,asaslik  masila

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:17 |
kurxat
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11786
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 851
شۆھرەت: 959 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8555 سوم
تۆھپە: 128 نۇمۇر
ياخشى باھا: 105 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 943(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

خاسلىقنى يوقاتقان مىللىي مائارىپ، ھەممىيسى مەقسەتلىك بولىۋاتقان ئىشلار.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:27 |
turditohti
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 58030
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 451
شۆھرەت: 509 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4584 سوم
تۆھپە: 111 نۇمۇر
ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 893(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىkarakuyun2نىڭ2009-02-06 18:17 دە يوللىغان يازمىسى   :
  yakxi  yizipsiz   ,timingizga  rahmat  ,likin   bir  nuhtoluk   masilini  kisip  koymapsiz   ,yani  ali  maktaplani  okup  kalgan  laning  ixka  orunluxux  pursitining   towan  bolixi  ,ixtatning  kam  bolixi  ,asaslik  masila

ئەسكەرتكەنلىكىڭىزگە رەھمەت،بۇ تەرىپىنى مىللى مائارىپىنىڭ تەرەققىيادى ۋە ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۋاتقان ئامىللار دىگەن ماقالەمدە ئوترىغا قويغان شۇڭا يەنە قايتىلىماي دىدىم.
رەھمەت سىزگە
./read.php?tid-70702-keyword-.htmlدىن كۈرۈپ باقارسىز

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:29 |
salamjian007
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72565
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

مىللى مائارىپىمىزنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىنى بەكمۇ ئۇمۇت قىلىمەن.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:35 |
مۇھتاج
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72423
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 89 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 890 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

تېمىڭىزغا رەھمەت .....
ھارمىغايسىز.....

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:50 |
padiqiygit
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 54581
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 540 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

ھازىر مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئوقوتۇش سۇپتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتشىدە يەنە بىر سەۋەپ  شەكىلۋازلىق بەك ئىغىرلاپ كەتتى!

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 18:55 |
SIRDAX22
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

ئاپرىن -ئەگەر  ھەممەيلەن سىزگە ئوخشاش بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىزغا مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلگەن بولسا ئوقۇتۇش سۈپىتى چوقۇم ئۆسەتتى.]

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 20:21 |
jessur
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 10424
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

بۇ توغۇرلۇق مۇلاھىزە قىلغاننىڭ پايدىسى بارمىدۇ ؟

تۇڭگۇز قوي بولماس ،دۈشمەن ئۆز بولماس .
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 20:35 |
ئۇيغۇرئاي
دىل ئازاردىن خۇدا بىزار
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 2343
شۆھرەت: 2556 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 23730 سوم
تۆھپە: 603 نۇمۇر
ياخشى باھا: 473 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

Quote:
بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىjessurنىڭ2009-02-06 20:35 دە يوللىغان يازمىسى   :
بۇ توغۇرلۇق مۇلاھىزە قىلغاننىڭ پايدىسى بارمىدۇ ؟



پايدا-زىياننى سۈرۈشتۈرسەك ئۆلدۈم دەپ ياتماقتىن باشقا ئامال يوق

ھەقىقىي مىسۋاك



                ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 20:38 |
0991sumruh
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 27435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1648
شۆھرەت: 1649 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 39 نۇمۇر
ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1525(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

تەھلىللىرىڭىزغۇ خېلى ئورۇنلۇق بوپتۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم سەۋەپتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىپسىز.

./?u=27435
قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 21:13 |
arpatjian
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

راس!مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى-مىللىي مائارىپ.
لېكىن بىزنىڭ مىللىى مائارىپىمىز خەتەرلىك ھازىر بۇرۇلۇش ھالىتىدە!

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 21:24 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
XabnamBBS » مائارىپ ۋە بىز
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-07 22:10, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ