ئىزدەپ باردىم قوناقلىقىڭغا
ئاپتۇرى: ئەمەتجان ئاۋۇت پىنھانى
ئىزدەپ بارسام سەن يوق ئۆيۈڭدە،
ئاستا قايىتتىم كۆڭلىم غەش بولۇپ.
دىۋالغۇم كەلدى گەپلىرىمنى ،
ئازراق ئىچىپ چالا مەس بولۇپ.
تومۇز پەيتى كۈنمۇ بەك ئىسسىق،
سىنى ئىزدەپ ماڭدىم ھەر قايان.
ھارغىنلىقىم بىلىنمەس پەقەت،
بۇ ئارزۇيۇم ۋىسالىڭ تامان.
ئىزدەپ باردىم ئىش ئورنىڭغىمۇ،
بۈگۈن رۇخسەت ئالغان ئۇ دىدى.
ئاكا-ئاچا، ئىنە-سىڭلىڭمۇ،
ياق،چوڭ ئۆيدە قالغان ئۇ دىدى.
كۈڭۈل قويماس ئىزدىمەي دىسەم،
چىدىمايمەن ئوماقلىقىڭغا.
قوزىلارغا ئوت ئالغان بولۇپ،
ئىزدەپ باردىم قوناقلىقىڭغا.