ئادەم بەدىنى ئوت ،ھاۋا ،سۇ ،تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت ئاساسى ماددىدىن تەركىپ بولۇپ ،ئوتنىڭ تەبىيىتى قۇرۇق ئىسسىق ،ھاۋانىڭ تەبىيىتى ھۆل ئىسسىق ،سۇنىڭ تەبىيىتى ھۆل سوغۇق ،تۇپراقنىڭ تەبىيىتى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ .شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئىنسانلارنىڭ مىزاجىمۇ قۇرۇق ئىسسىق ،ھۆل ئىسسىق ،ھۆل سوغۇق ،قۇرۇق سوغۇق دەپ ئايرىلىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەر سەپرا مىزاج ،ھۆل ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەر قان مىزاج ،ھۆل سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر بەلغەم مىزاج ،قۇرۇق سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر سەۋدا مىزاج دەپ ئاتىلىدۇ . ئەگەر سەھەر ئورۇندىن تۇرغاندائېغىزنىڭ داۋاملىق ئاچچىق بولىشى سەپرانىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ.بۇنىڭدە سوغۇق خۇسۇسىيەتلىك ،ئاچچىق -چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. ئەگەر سەھەر ئورۇندىن تۇرغاندا ئېغىزنىڭ داۋاملىق تاتلىق بولىشى قاننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولوپ،قاننى پەسەيتىشكە چارە قىلماق كېرەك. ئەگەر سەھەر ئورۇندىن تۇرغاندائېغىزنىڭ داۋاملىق تۇزلۇق بولىشى بەلغەمنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ.بۇنىڭدا ،ئىسسىق ۋە قۇرۇق نەرسىلەردىن كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك . ئەگەر سەھەر ئورۇندىن تۇرغاندا داۋاملىق ئېغىزنىڭ بەتبۇي بولىشى بەدەندىكى بىرەر كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ ،بۇ ھالدا سۈرگە ئىچىش ياكى قۇستۇرغۇچى دورىلارنى ئىچىش ۋە ياكى ئېغىزنى بىر نەچچە قېـتىم چايقاپ غار -غار قىلىش كېرەك. ئاغرىقنىڭ كۈندۈزى ئېغىرلىششى ئىسسىقلىقنىڭ ئالامىتى : كېچىسى كۈچىيىشى سوغۇقلىقنىڭ ئالامىتىدىندۇر . |