سىز بۇ تېمىنىڭ 1699 - كۆرۈرمىنى
aksabalangzi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 61 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2410 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 ئۈچ قىلىچۋاز رىۋايىتى ...

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرئاي بۇ تېمىنى خەۋەر-ئۇچۇرلار دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-02-06)

   ھەر قانداق بىر پۇتبول سۆيەر كىشى بۇ << ئۈچ قىلىچۋاز >> دىگەن ئىسىمنى تېخى يادىدىن چىقارمىغان بولىشى مۇمكىن ، 80 - يىللارنىڭ ئاخىرى 90 - يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ ئۈچ قىلىچۋازنىڭ تازا ئۇچرۇم بولغان ۋاقىتلىرى ... ئەينى چاغدا ئا س مىلان كوماندىسىدا شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ ، پۇتبول خۇمارلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . ئا س مىلان كوماندىسىدا
<< ئۈچ قىلىچۋاز >> رىۋايىتىنى ياراتقان ... بۇلارنىڭ جەسۇرانە قىياپىتى ھىلى ھەم كۆز ئالدىمدا ...

                                    

                                                     گوللاندىيىلىك << ئۈچ قىلىچۋاز >> ....

گوللاندىيە شەمشىرى ۋان باستېن ...



ئىسمى ــ ماركو ۋان باستېن

ئېنگىلىزچە ئىسمى ــ (Marco Van Basten)

دۆلەت تەۋەلىكى ــ گوللاندىيە

بوي ئېگىزلىكى ــ 1.89 مېتىر

ئېغىرلىقى ــ80كىلوگىرام

توپ ئوينىغان كوماندىلار :ــــ

گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى
ئۇترىخ كوماندىسى
ئاياكىس كوماندىسى ــ ( 1981 ــ 1987 ــ يىلى )
AC مىلان كوماندىسى ــ ( 1987 ــ 1995 ــ يىلى )
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى :ـــــ
1988 -،1989 -، 1992 -يىللىرى <<ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى>> بۇلۇپ باھالىنىپ <<ئالتۇن توپ >> مۇكاپاتىغا
ئېرىشكەن . 1987-يىلى ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ مۇنەۋەر نۇمۇر ئالغۇچى بۇلۇپ باھالىنىپ <<ئالتۇن ئاياغ >> مۇكاپاتىغا
ئېرىشكەن . 1988- ،1992 -يىللىرى <<دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى>> بۇلۇپ باھالانغان .1988-يىلى ياۋرۇپا ئەللىرى
پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1989- ،1990 -، 1994 -يىللىرى ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ
چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1987- يىلى ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ غالىپلار لوڭقىسى
پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1989- ،1990 -يىللىرى <<تويوتا>> لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون
بولغان .1982 -، 1983 -، 1985 -يىلىرى گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇدابىقىسىدە چىمپىيون بولغان..
1983 - ،1984 -، 1987 -يىللىرى گوللاندىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1988-
، 1992 - ، 1993-، 1994- يىللىرى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان..
باستېن 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى گوللاندىيىدىكى ئۇترىخـف تۇغۇلغان . باستېننىڭ دادىسى پۇتبول
مەستانىسى بۇلۇپ ، دادىسىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ قەلبىگە پۇتبول ئۇرىقى چىچىلىدۇ . دادىسى باستېننىڭ بالىلىق چاغلىرىنى
ئەسلەپ :<< ھەر كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا باستېن مەيداندىكى قىززىق ئىشلارنى سۆزلەيتى . بىر كۈنى مەن ئوغۇرلىقچە
ئۇنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرگىلى باردىم ، توپ ئېلىو مىڭىش ماھارىتى پىششىق ، تېخنىكىسى ئەتراپلىق بولغان بىر ئۆسمۈر
مىنى ھەيران قالدۇردى . ئۇ بالا توپنى ئەپچىللىك بىلەن ۋارتاغا كىرگۈزۈپ بەدىنىنى بۇرىغاندا ، ئۇنىڭ ئوغلۇم ئىكەنلىكىنى
كۆردۈم >> دەيدۇ ~باستېن گوللاندىيىنىڭ 70- يىللاردىكى داڭلىق چولپىنى كرويفتىن تەلىم ئالغان بۇلۇپ ، جاپالىق مەشىق
ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا يىتىلدى .. 1981-يىلى ئەمدىلا 16 ياشقا كېرگەن باستېن ئۇترىخ ۆومفنژخسىدىن كۈچلۈك
كوماندا ئاياكېس كوماندىسىغا ئالمىشىپ بېرىپ ، ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ .. باستېن 1984-يىلى
گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 28 توپ كىرگۈزۈپ ، ياۋرۇپا <<كۈمۈش ئاياغ>> مۇكاپاتىغا
ئېرىشىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ياۋرۇپاغا تۇنىلىدۇ .....

                        
-يىلى AC مىلان كوماندىسىنىڭ خوجايىنى ئۆز كوماندىسىنى كېڭەيتىپ باش كۆتىرىش ئۈچۈن ، ئاياكىس كوماندىسىغا
بىرىپ 8 مىليون ئامىرىكا دوللىرىغا ئالمىشىش ھەققى بىلەن باستېننى ئۆزكوماندىسىغا يۆتكەپ ئەكىلىدۇ . گوللاندىيىلىك
ياخشى دوستلىرى بولغان گۇلىت ، رىجكارتلار بىلەن مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ مارادوننا باشچىلىقىدىكى ناپولى كوماندىسىنى
ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇق ئورنىدىن چۈشۈرىۋىتىپ ، AC مىلان كوماندىسىنى چىقىرىدۇ.
1988-يىلى 6-ئايدا ئايدا 8 -نۆۋەتلىك ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى سابىق غەربىي گېرمانىيىدە
ئۆتكۈزىلىدۇ . مۇسابىقىدىن ئىلگىرى باستىن نۇرغۇن قېتىم زەخمىلەنگەن بۇلۇپ ، زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مۇسابىقىگە
قاتنىشىدۇ .. گۇرۇپلار بويىچە ئىنگىلاند كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە باستېن ئۆزى يالغۇز ئۈچ توپ كېرگۈزۈپ
ۋارتاغا توپ ئۇرۇش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ ... 6-ئاينىڭ 25 -كۈنى گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن سابىق سوۋېت
ئىتىپاقى كوماندىسى ئولتۇرسىدا چىمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ .. مۇسا بىقە باشلىنىپ 54 مىنوت
بولغاندا ، باستېن يىراقتىن چەكلەنگەن رايوننىڭ سىرتىغا قاراپ ئۇچىۋاتقان توپقا ئىتىلىپ بېرىپ ، چاققانلىق بىلەن بەدىنىنى
بۇراپ ، توغرا سىزىقتا دېگۈدەك تۇرۇپ توپنى بوشلۇقتىن ۋارتاغا تېپىدۇ ، توپ ۋارتاغا كىرىپ كېتىدۇ . داڭلىق ۋاراتا
داسايىف كۆزىنى ئىچىپ قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالىدۇ .. بۇ توپ ئالاھىدە ماھارەت بىلەن كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ ئاخپاراتچى
ۋە پۇتبول ساھەسىدىكىلەر ھەيرانلىق بىلەن <<ئەسىر ھالقىغان توپ >> <<مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چىرايلىق كىرگۈزۈلگەن
توپلارنىڭ بىرى >> دەپ مەدھىلەيدۇ ...1988-يىلى <<دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى >>دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىدۇ ....
باستېننىڭ يىڭى دەۋرىدىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مەبۇدىسىگە ئايلىنىدۇ .....
1990-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باستىننىڭ پۇتبول ھاياتىدىكى ئەڭ تۆۋەن نوقتا بولىدۇ . چۈنكى ...
تېرىنىر بىلەن كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئەپ بولماسلىقى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرشى ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كۈچلۈك
ھېسابلانغان گوللاندىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى سەككىز كوماندا ئىچىگە كىرەلمەي
پۈتكۈل توپ مەستانىلىرىنى ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ ....
1991-يىلى مارسىل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن AC مىلان كوماندىسىنىڭ بىر يىلغىچە ياۋرۇپادىكى كۇلۇپلار
مۇسابىقىسىگە قاتنىشى چەكلىنىدۇ ... كوماندا ئەزالىرى بوشاشماي داۋاملىق تىرىشىپ ئىتالىيە پۇتبول ساھەسىدە يەنە بىر
قېتىم مۆجىزە يارىتىدۇ . 1991- ،1992-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 34 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرمايدۇ
باستېن 25 توپ كىرگۈزۈپ ئەڭ كوپ توپ كىرگۈزگۈچى بۇلۇپ باھالىنىدۇ ... 1992- ،1993-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە
گەرچە باستېن زەخمىلىنىپ ، مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇسابىقىلەرگە چۈشەلمىگەن بولسىمۇ ،لىكىن 13 توپ
كېرگۈزۈپ AC مىلان كوماندىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر بولىدۇ ..1992-يىلى <<ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى>
ھەم <<دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى >> بۇلۇپ باھالىنىدۇ ...
1993-يىلدىن بويان ، باستېن زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن 1994-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش
سالاھىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ . لىكىن AC مىلان كوماندىسى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندە پۇتۇن دۇنيادىكى پۇتبول
مەستانىلىرى باستېننى ئەسلىشىدۇ . باستېننىڭ يىشىل مەيدانغا تېزراق قايتىپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ . ئەپسۇسكى يارلىنىش
سەۋەبىدىن 1995-يىلى باستىن پۇتبول مۇنبىردىن ۋاقىتسىز ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .....
2004 -يىلى 7 -ئاينىڭ 28 -كۈنى باستېن گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ........
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمايدۇ ~~~

2 . ئۆرۈمە چاش يىگىت - گۇللىت ...



ئىسمى ــ رۇد گۇللىت

ئېنگىلىزچە ئىسمى ــ (Ruud Gullit)

دۆلەت تەۋەلىكى ــ گوللاندىيە

بوي ئېگىزلىكى ــ 1.91 مېتىر

ئېغىرلىقى ــ83كىلوگىرام

توپ ئوينىغان كوماندىلار :ــــ

گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى
خارلېم كوماندىسى - (1972- 1982-يىلى)
چېسلى كوماندىسى ــ ( 1995 ــ 1998 ــ يىلى )
سامپدورىئا كوماندىسى ــ ( 1993 ــ 1995 ــ يىلى )
ئېينخوۋېن كوماندىسى- ( 1985 ــ 1987 ــ يىلى )
فېييېرنورد كوماندىسى ــ ( 1982 ــ 1985 ــ يىلى )
AC مىلان كوماندىسى ــ ( 1987 ــ 1993 ــ يىلى )
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى :ـــــ
1984- ،1986- ،ۋە 1987-يىللىرى گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇدابىقىسىدە چىمپىيون بولغان، 1984-
يىلى گوللاندىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1988-يىلى گوللاندىيە كوماندىسى
بىلەن بىرگە ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1988- ،1992- ،ۋە 1993-يىللىرى
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان. 1989- ۋە 1990-يىللىرى ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . يەنە شۇيىللىرى <<تويوتا>> لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1994-يىلى ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1986- ۋە
1987-يىلى << گوللاندىيە پۇتبول ئەپەندىسى>>بۇلۇپ باھالانغان . 1987-يىلى <<ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى>> بۇلۇپ
باھالانغان . 1987- ،ۋە 1989 -يىلى <<دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى>> بۇلۇپ باھالانغان .
رۇد گۇللىت 1962-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستىردام شەھرىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە
دۇنياغا كەلگەن ... دادىسى ھىندىئان قان سېستىمىسىدىن بۇلۇپ سۇرىناملىق ، ئاپىسى گوللاندىيىلىك ئىدى . ئۇ كىچىكىدىنلا
ئەقىللىق ، قەددى قامەتلىك بۇلۇپ ، كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ماھىر ئىدى . گۇللىت مۇنداق دەيدۇ <<بالىلىق
چاغلىرىمدا كەلگۈسىدە پۇتبول چولپىنى بۇلۇش خىيالىمغىمۇ كەلمىگەن ، پۇتبول ئارقىلىق نام چىقىرىشىمنى ئويلاپمۇ
باقماپتىكەنمەن .>> گۇللىت ئولتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ، مەكتەپنىڭ ئايال تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ پۇتبول تالانتىنى
بايقايدۇ ھەم مەخسۇز تەربىلەيدۇ ..ئۇ ھەر ۋاقىت گۇللىتنى << گۇللىت كوماندىدا سەنلا يالغۇز ئەمەس ، قالغان ئون
سەبدىشىڭمۇ بار ،توپنى پاس بىرىشنى ئىسىڭدىن چىقارما >>دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ .. 1979-يىلى گۇللىت خارلېم كۇلۇبىغا
قۇبۇل قىلىنىدۇ ...ھەم مۇنتىزىم مەشىق ئىلىپ بارىدۇ . 18يىشىدا گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كۆزگە
كۆرىنىشكە باشلايدۇ ...
1982-يىلى گۇللىت، گوللاندىيىدىكى داڭلىق ئۈچ كوماندىنىڭ بىرى فېييېرنورد كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارىدۇ . 1983-يىلى
بۇ كوماندىغا گللاندىيىنىڭ دەرىجىىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنى كرۇيىف كىلىدۇ . گۇللىت شۇنداق كەمتەر بۇلۇپ كرۇيىفـتىن
نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ .. كرۇيىف ئۇنىڭ ياخشى دوستتى ھەم ئۇستازىغا ئايلىنىدۇ .
گۇللىت گوللاندىيىدە نام چىقارغاندىن كىيىن 1985-يىلى ئېينخوۋېن كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارىدۇ ھەم 1986-يىلى ۋە
1987-يىلى گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . 1987-يىلى ، ئۇ 8 مىليون 500
مىڭ ئامىرىكا دوللىرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ئىتالىيىنىڭ ئا س مىلان كوماندىسىغا يۆتكىلىپ بارىدۇ . ئىتالىيىگە تۇنجى
كەلگەن پەسىلدىلا قېرىندىشى ۋان باستېن بىلەن بىرگە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ ...
1988-يىلى غەربىي گېرمانىيەدە ئۆتكىزىلگەن ياۋرۇپا ئەللىرى ئەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ۋان باستېن ، رىجكارد ، كومان
قاتارلىقلار بىلەن بىرگە چىمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ .... 1988-يىلى رىجكاردمۇ ئا س مىلان كوماندىسىغا كېلىدۇ ، ئا س مىلان
كوماندىسىمۇ ئالتۇن دەۋىرگە قەدەم قويىدۇ .. 1989-يىلى ئەنگىلىيىدىكى نوپۇزلۇق <<دۇنيا پۇتبولى>> تەشكىلىگەن
باھالاشتا ، ئا س مىلان ئەڭ مۇنەۋەر كوماندا ، گۇللىت ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر ، ساچچى ئەڭ مۇنەۋەر تېرىنىر بۇلۇپ باھالىنىدۇ...
ئۈچ خىل شەرەپنىڭ ھەممىسىگە بىر كوماندا ئېرىشىش بۇرۇن بۇلۇپ باقمىغان ئىش ئىدى ..
1990-يىلى ئىتالىيىدە ئۆتكىزىلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە كوماندىسى ئالدىنقى سەككىز قاتارىغا
كىرىشتە غەربىي گېرمانىيە تەرىپىدىن شاللىۋىتىلىدۇ ... بۇ ئىش ئۇنىڭدا ئاچچىق ئەسلىمە قالدۇردۇ ..92-يىلى شۋىتسىيىدە
ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرۇپا ئەللىرى لەۋھە تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە دانىيە كوماندىسىغا ئۇتتىرۋىتىپ ، ھەل قىلغۇچ
مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ ... بۇمۇ ئۇنىڭغا زور زەربە بولىدۇ ...
                                            
گۇللىت يارلىنىش ۋە ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىغانلىقتىن 1992-1993-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە ئاران 15 مەيدان
مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ . ئۇ بۇ ھالدىن نارازى بۇلۇپ 1993-يىلى سامپدورىئا كوماندىسىغا ئالمىشىپ كىتىدۇ . ھەم 1994-
يىلى ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . 1994-يىلى ئامرىكىدا ئۆتكىزىلگەن دۇنيا لوڭقىسى
پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرى بىلەن پىكىر ئېختىلاپى تۇغۇلغانلىقتىن
دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنىپ چىقىدۇ ..1995-يىلى گۇللىت سامپدورىئا كوماندىسىدىن چېسلى كوماندىسىغا ئالمىشىپ
بارىدۇ ..1996-يىلى 6-ئايدا چىسلى كوماندىسىغا تېرىنىر بولىدۇ .. 1998-يىلى 2-ئايدا چىسلىدىكى تېرنىرلىقى
ئاخىرلىشىدۇ .... 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى نيۇ كاسىل بىرلەشمە كوماندىسىغا تېرىنىر بولىدۇ . لىكىن ئىپادىسى
ياخشى بولمىغانلىقتىن 1999-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىرىنىرلىقتىن قالدىرۇلىدۇ...
گۇللىت ئۆزىگە خاس خارەكتىرگە ۋە قاراشقا ئىگە . ئۇ سىياسىي جەھەتتىن ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرىدۇ . 1987-يىلى
<<ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى>>بۇلۇپ باھالانغاندىن كىيىن ئېرىشكەن <<ئالتۇن توپ >>مۇكاپاتىنى جەنۇبىي ئافرىقىدىن
ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى پائالىيەتچى مانداراغا بېرىۋىتىدۇ ..
گۇللىت 70-يىللاردىكى كرۇيفتىن كىيىن گوللاندىيىدىن يىتىشىپ چىققان ئەڭ مۇنەۋەر پۇتبول ماھىرى ، دۆلەت كوماندىسىغا
قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس ، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئوينىغان 65 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ كىرگۈزگەن~

3 . چىملىقتىكى قارا ئاق قۇ - رېجكارد ...



ئىسمى ــ فرانك رىجكارد

ئېنگىلىزچە ئىسمى ــ (Frank Rijkaard)

دۆلەت تەۋەلىكى ــ گوللاندىيە

بوي ئېگىزلىكى ــ 1.90 مېتىر

ئېغىرلىقى ــ80كىلوگىرام

توپ ئوينىغان كوماندىلار :ــــ

گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى
ئاياكىس كوماندىسى - (1980- 1988-يىلى)
ساراگوسا  كوماندىسى ــ ( 1988 ــ 1989 ــ يىلى )
ئاياكىس كوماندىسى ــ ( 1993 ــ 1995 ــ يىلى )
AC مىلان كوماندىسى ــ ( 1989 ــ 1993 ــ يىلى )
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى :ـــــ
                 1982 - ، 1983- ، 1985- ،ۋە 1994-يىللىرى   گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇدابىقىسىدە
چىمپىيون بولغان . 1983- ،1986- ۋە 1987يىللىرى  گوللاندىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە  
چىمپىيون بولغان....1987-يىلى ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ غالىپلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1992-
ۋە 1993 -يىلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان .....  1989- ۋە 1990-يىلى
ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . يەنە شۇيىللىرى <<تويوتا>>
لوڭقىسى  پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1988-يىلى  ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە
چىمپىيون بولغان ... 1989-ۋە 1990-يىلى ياۋرۇپا كۇلۇپلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون
بولغان ... 1995-يىلى ئاياكىس كوماندىسىغا يىتەكچىلىك قىلىپ ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسى
مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان ....
                                              
فرانك رىجكارد 1962-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامىستىردامدا تۇغۇلغان .  دادىسى كەسپىي پۇتبولچى ئىدى . ئېرسىيەت
ئامىلىدىن بولسا كېرەك رىجكارد بالىلىق دەۋىردىلا پۇتبول تالانتىنى نامايەن قىلغان . قۇرداشلىرى ئارىسىدا تېزلا كۆزگە
كۆرىنىشكە باشلىغان .. ھەم دۆلەت ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا تاللانغان .
    1980 -يىلى رىجكارد ئاياكىس كوماندىسىغا كىرىپ كەسپىي ھاياتىنى باشلايدۇ . شۇ يىلى ئۇ تېخى 17 ياشتا ئىدى ......
ئۇ ئاياكىس كوماندىسىدا تۇرغان سەككىز يىلدا گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە  مۇسابىقىسى ، پۇتبولچىلار
جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ غالىپلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك
چىمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ ... ئاياكىس كوماندىسى توپ مەستانىلىرىدىن باشقا توپ مەستانىلىرى رىجكاردنى ئانچە بىلىپ
كەتمەيتى ...دۆلەت كوماندىسىدىنۇ باستېن ۋە گۇللىتنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا تۇراتتى ..كرۇيىف بۇھەقتە توقتىلىپ ئۇنىڭدا
گىگانت چولپانلارغا خاس خارەكتىر يوق دىگەن ئىدى .. رىجكارد بولسا نامسىز قەھرىمان بۇلۇشنى ياقتۇراتتى ...
    1987-يىلى گۇللىت ۋە باستىن ئا س مىلان كوماندىسىغا كەتكەندىن كىيىن رىجكارد ئاياكىس كوماندىسىنىڭ كوماندا
باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئىلىپ نام چىقىرىشقا باشلايدۇ ...
          1988-يىلى غەربىي گېرمانىيىدە ئۆتكىزىلگەن 8-نۆۋەتلىك ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ
سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن ئىلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، ئۇ ئۆزىنىڭ سەبداشلىرىغا نۇمۇر ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ
بېرىش ئىقتىدارىنى روشەن جارى قىلدۇرۇپ ، كوماندىنىڭ ھۇجۇم تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ . گوللاندىيە
كوماندىسىمۇ شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە چىمپىيون بولىدۇ ..
         شۇ يىللىق <<ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى >> باھالاش پائالىيىتىدە رىجكارد باستېن ۋە گۇللىتتىنلا كىيىن 3- ئورۇندا
تۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن رىجكاردنىڭ ناممى دۇنياغا پۇر كېتىدۇ .. ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن
كىيىن ئۇ ئىسپانىيىنىڭ ساراگوسا كوماندىسىغا كىتىدۇ ..
        1989-يىلى ياۋرۇپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئا س مىلان كوماندىسىغا ئالمىشىپ كېلىدۇ .
گۇللىت ۋە باستېنلار بىلەن بىرگە كوماندىنى غايەت زور شەرەپلەرگە ئېرىشتۈردۇ  ..  90-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول
مۇسابىقىسى گوللاندىيە كوماندىسى ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش بولىدۇ .. گوللاندىيە گۇرۇپپىلار بويىچە ئىلىپ بېرىلغان
مۇسابىقىدە 3-بولىدۇ .. ئالدىنقى سەككىز كوماندىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە  گېرمانىيە كوماندىسىغا يولىقىدۇ . مۇسابىقە
باشلىنىپ 20 مىنوت بولغاندا رىجكارد گېرمانىيىنىڭ ھۇجۇمچىسى ۋوللېرنى تېپىپ يىقىتىۋىتىدۇ ..  ۋوللىر ئۇنى ئىتتىرىدۇ
رىجكارد مۇسابىقە جەريانىدا ۋوللېرغا تۈكۈرگەنلىكى ئۈچۈن قىزىل كارتا بىلەن چىقىرۋىتىلدۇ ...گوللاندىيە كوماندىسىمۇ
ئۇتتىرۋىتىدۇ .... ئارىدىن توققىز ئاي ئۆتكەندە رىجكارد ۋوللېردىن ئاشكارە ئەپۇ سورايدۇ ..دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول
مۇسابىقىسىدىن كىيىن دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنىدىغانلىقىنى جاكالايدۇ ... بۇنىڭدىكى سەۋەپ تېرىنىر ئۇنى خابىك
ئورنىغا ئەمەس بەكلى بىك ئورنىغا قويغاندا ناھايىتى نارازى بولغان .
       1990-يىلى << تويوتا>>لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە رىجكارد دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە يەرگە ئۇرۇلغان
شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زىيادە كۈچەپ ئوينايدۇ ..ھەم ئىككى توپ كېرگۈزۈپ ئا س مىلان كوماندىسىنىڭ
ئولىموىيە كوماندىسىنى ئۇتىشىغا ئاساس سالىدۇ ، مۇسابىقىدىن كىيىن رىجكارد <<ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر >>بۇلۇپ
باھالىنىپ ، <<تويوتا>>ماركىلىق ماشىنا مۇكاپات ئالىدۇ ..
      رىجكاردنىڭ ئا س مىلان كوماندىسىدىكى مەزگىلى پۇتبولچىلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ئا س مىلان
كوماندىسىدا تۇرغان 4 يىلدا يەتتە تۈرلۈك چىمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ .. 1993-يىلى ئۇ ئىتالىيىدىن ئايرىلىش قارارىغا
كىلىپ ئانا كوماندىسى بولغان ئاياكىس كوماندىسىغا كېتىدۇ . 1993-1994-يىللىق گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول
بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە رىجكارد لىتمانىن ، كلۇۋېرت قاتارلىق ياش ماھىرلارنى يىتەكلەپ چىمپىيون بولىدۇ . رىجكاردنىڭ
تەجىربىسى ئاياكىس كوماندىسىنىڭ بايلىقى ئىدى ...
     1992- يىلى شۋېتسىيىدە ئۆتكىزىلگەن ياۋرۇپا ئەللىرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى گوللاندىيە
كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى رىجكارد كوماندىغا قۇبۇل قىلىدۇ ...  شۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە رىجكارد ئۆز رولىنى ياخشى جارى
قىلدۇرىدۇ .. كونا رىقىبى گېرمانىيە بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىدۇ ، ھەم رىجكارد
بىر توپ ئۇرىدۇ .. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 11 قەدەمدە توپ تىپىشتە دانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋىتىپ ھەل قىلغۇچ
مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ ..
       1994-يىلى ئامرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىدە ئىنگلاند
كوماندىسىنى شاللىۋىتىپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىدۇ .. شۇ مەزگىلدە باستېن
يارلانغان ، گۇللىتنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن كوماندىنىڭ يۈكا رىجكاردنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى .........
ئۇلار گۇرۇپپىلان مۇسابىقىسىدىن چىققاندىن كىيىن ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە
كوماندىسى تەرپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ .... رىجكارد گوللاندىيە كوماندىسى ئۈچۈن 70 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 8 توپ
كېرگۈزگەن ....
       1993-1994-يىلىلىق مۇسابىقە پەسلىدە ، رىجكارد ئاياكىس كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر
پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ ... ئىككىنچى يىلى ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلۇق
مۇسابىقىسىدە نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئا س مىلەن كوماندىسىنى يىڭىپ چىمپىيون بولىدۇ .. بۇ ئەجەللىك توپنى
ئۇرغۇچى ھېلىقى سەت كلۇۋېرت دىگەن قارۋاي ......(شۇ چاغدا بولغان بولسام مۇشۇ قارۋاينى تازا سالغان بولاتتىم)
       1994-1995-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پۇتبول سەھنىسىدىن چىكىنىدىغانلىقىنى جاكالايدۇ..
بۇ رىجكاردنى ياقتۇردىغان پۇتبول مەستانىلىرىنى ئەپسۇزلاندۇردۇ ...
                          مەڭگۈلۈك ئۈچ قىلىچۋازلار ...

                      
تور داشلا كە چۇرۇڭلا ئەسلى رەسىمىمۇ بارئىدى مەن چىقىرالمىدىم  توردا شلارنىڭ رەسىم چىقىرىشنى دەپ بىرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-06, 08:03

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-06 15:59 |
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 1480
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2731
شۆھرەت: 2808 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 17228 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 916(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

رىجىكارد  ئەينى يىللاردا  گىرمانىيلىك ۋوللىر نىڭ بېشىغا تۈكۈرۈپ قۇيغان ئىدى ........... ھەي !!!!!!!!!!!     ۋان باستىن تازا ئالتۇن دەۋىرلىرىدە ياردار بۇلۇپلا پۇتبول ئويناش بىلەن خوشلاشتى  

شىنجاڭ تور مەكتىپى
مەن ئۆزۈمنى يوقاتتىم ،تاپالمىدىم ئاختۇرۇپ .
تەبئەتتىن ئىزدىدىم ،پىغان چىكىپ ئاھ ئۇرۇپ .
---------بۆرە _________
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 16:13 |
گۈلزىبا
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 9660
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 853
شۆھرەت: 768 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1303 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

يوللىغان سۈرەتلىرىڭىز چىقىپتۇ
رەھمەت سىزگە،ئەھمىيەتلىك بىر تىما يوللاپسىز

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 17:26 |
مۇھتاج
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72423
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 89 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 890 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

تېمىڭىزغا رەھمەت.....ھارمىغايسىز.....

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 17:35 |
F_117
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72155
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

ھازىرقى ئۈچ قىلىچۋاز نىمۇ يوللاپ قويماي!!!

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 22:01 |
美国总统
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 64057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 201
شۆھرەت: 202 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2010 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 170(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

مەن تېخى ھېلىقى «3قىلىچۋاز»دىگەن كىنو ئوخشايدۇ دەپتىمەن!                 

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 12:34 |
uygur110
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69578
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 76 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

بۇ تىمىغا نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئىسىم قويغاندۇ؟ئىچ ئويلاي دىسەممۇ كاللام يەتمەيۋاتىدۇ!!~!!       

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 21:43 |
parhat0428
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68453
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

ھازىر «4 قېلىچۋاز» چىقتى دەيمەن. كا كا ،ئىنزاجى، پاتو ،شوفچىنكو. ھەققىي پۇتبول  10ئۇيۇندىغۇ سەپ شەكلىدە ئاساسەن شۇ تۆتى ھۇجۇمچى بۇلۇپ ئوينايدۇ. مەن  ئا س مىلان كوماندىسغا بەك ئامراق....

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 03:27 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-08 13:55, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ