ئۆز - ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ
ناھايىتى شەپقەتلىك اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
سىز ئۆزىىڭزنى ئىسلامنى قوبۇل قىلدىم ھەم ئۇنىڭغا سادىق بولدۇم دەپ يۈرگەن بولسڭىز، ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ ، ئولىمىڭىزنىڭاللەقا مەنسۇپ بولغان- بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىقىڭ، تەكشۈرمىگەن بولسىڭز تەكشۈرۈپ بىقىڭ، سىزنىڭ ھاياتىڭىز، ئەقىل - ئىدىراكىڭىز، تىنىڭىز، قەلبىڭىز، پۈتۈن كۈچىڭىز، ۋاقتىڭىز، تىرىشچانلىقىڭىز اللەنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەرىپ قىلىندىمۇ - يوق؟
قىلمىشلىرىڭىز پۈتۈنلەي، ئۆز نەپسىڭىز، ئائىلسىڭىز، تۇققانلىرىڭىز ۋە دوسلىرىڭىز ئۈچۈن جاننى سىتىش بولدىمۇ- يوق؟
يەنە قاراپ بىقىڭ: سىز بىر ئادەمگە ئامىراق بولسىڭىز اللە ئۈچۈن بولدىڭىزمۇ- يوق؟ سىز بىر ئادەم بىلەن دۇشمەنلەشسىڭىز
اللە ئۈچۈن دۈشمەنلەشتىڭىزمۇ- يوق؟ بەلكى مۇھەببەت- نەپىرتىڭىزگە ئازىراق شەخسى ھىسىياتىڭىز ئارلىشىپ قالدىمۇ- يوق؟
سىز يەنە قاراپ بىقىڭكى، سىزنىڭ بىرشىڭىز ۋە ئىلىشلىرىڭىز اللە ئۈچۈن بولدىمۇ- يوق؟ ئۆزىڭىز باشقىلارغا بەرگەن نەرسە اللە
نىڭ بۇيرىقى بىلەن رازىلقى ئۈچۈن بولدىمۇ- يوق؟ ئۆشاشلا بەرمىگەنلىكىڭىز، اللەنىڭ ئىنىق چىكلىگىنى بولۇپ، سىزنىڭ بۇىداق
قىلمىشىڭىزمۇ اللەنىڭ رازىلقى ئۈچۈن بولدىمۇ؟ ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى شۇنداق قىلالىدىم دەپ ھىس قىلسىڭىز اللەقا رەھمەت
ئىيتىڭىكى، اللە سىزگە بولۇق ئىمان بىرىدۇ. ئەگەر بۇ جەھەتتە ئازىراق كەمچىللكىنى ھىس قىلسىڭىز خاپا بولماي شۇ
كەمچىللكلەنى تۈگەتسىڭىز ئىككى ئالەمدە ياخشىلىققا ئىرشىسىز. سىز بۇ دۇنيادا نەتىجىگە ئىرىشسىڭز ، بۇ نەتىجىڭىز ھەرگىزمۇ
سىز كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولدۇرالمايدۇ. ئەمما سىز شۇ كەمچىللكىڭىزنى تۈگۈتەلىسىڭىز، بۇدۇنيادا مەنپەئەتكە
ئىرىشەلمىسىڭىزمۇ ئاخىرەتتە زىيان تاتمايسىز. بۇ ئۆلچەم ھەرگىز سىزنڭ باشقىلارنىڭ ئۆمىن، مۇسۇلمان، مۇناپىق، كاپىرلىقىنى
ئۆلچەش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى ئۆزىڭىزنى ئۆلچىشىڭىز، بىرىنجى بولۇپ ئۆزىڭىزدە مەلۇم كەمچىللىكنىڭ بارلىقىنى ھىس
قىلسىڭىز ھامان ئاخىرەتتىكى سوت ئالدىغا بىرىشتىن بۇرۇن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تۈگۈتۈشىڭىز كىرەك، بۇ دۇنيادىكى سوپى،
قازىلانىڭ سىزنى مۇسۇلمان دەپ ئەنگە ئالغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ يۈرمەستىن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ اللەنىڭ دەپتىرىدە
بار- يوقلىقىدىن ئەنسىرشىڭىز كىرەك. پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر سىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزگە گۇۋاھلىق بەرگىنىمۇ بىكار،
ھەقىقى غەلبە سىزنىڭ مۇناپىق ئەمەس مۇئىمىن، ئاسى ئەمەس سادىق، كاپىر ئەمەس مۇسۇلمان بەندە دىگەن ھۆكۈمگە
ئىرشەلىشىڭىزدە بولۇپ بۇ ھۆكۈمنى ئاخىرىدا اللە چىقىردۇ.
مەنبە: ئىسلام ئاساسى