باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى xabnam.com001 بۇ تېمىنى ساغلاملىق بىلىملىرى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-02-06)
ئۆي سىتىۋىلىش ۋە توي قىلىش ئادەمنىڭ ئۆمىرىدىكى مۇھىم، چوڭ ئىشلارنىڭ بىر قىسمى لىكىن بۇ ئەھۋال ئاتا - ئانىلارنى ئىقتىسادىي كىرزىز ۋە قىيىنچىلىققا سۆرەپ كىرسە، بويىغا يەتكەن قىز - ئوغۇللارنىڭ توي قىلالماي ئۇزۇن مۇددەت نىكاھ سىرتىدا ناشايان ئىشلانى قىلىپ يۈرشكە مەجبۇرلىماقتا. ئۆي ئالماي، توي قىلىش زادى بولمايدىغان ئىشمۇ؟ بۇنىڭغا كۆپچىلىك ياشلار ۋە ئاتا - ئانىلار ئۆي بولمىسا قەيەردە تۇرمۇش كەچۈردۇ دىيىش مۇمكىن، بۇ گەپنىڭ ئاساسى بار ،لىكىن «مۇسۇلماندارچىلىق ئاستا - ئاستا» دىگەن گەپ بار ئاتا - ئانىلار پىر پەرزەنتنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغىچە،ئەڭ ئاز دىگەندە يۈزمىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىقتىساد كىتىدۇ، ئەمدى توي قىلىش ئۈچۈن كەم دىگەندە يىگىرمە مىڭ يۈەندىن قىرىق مىڭ يۈەنگىچە پۇل كىتىدۇ، ئەمدى ئۆي ئىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن بىر يۈز ئەللىك مىڭ يۈەندىن ئۈچيۈزمىڭ يۈەنگىچە پۇل كىتىدۇ ، ئۆينى بىزەش ئۈچۈنچۇ؟ھېساپلاپ باقايلى ئاتا - ئانىلار مائاش ئىلىپ ۋە تىجارەت قىلىپ بۇنچىلىك كۆپ پۇلىنى قانداق تاپىدۇ، قەيەردىن تاپىدۇ، بۇنچىلىك ئىقتىسادىي بار ئائىللىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئارسىدا قانچە پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ؟ ياشلار ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئوقوتۇش، ئۆيلىك - ئوچاقلىق قىلىش ئاتا - ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيتى دىيشى مۇمكىن، ئاتا - ئانىلارچۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالاممۇ ئۆزنىڭ بىردىن بىر قىزى بولغان پاتىمە ئانىمىزنى ئاشۇنداق ئالۋاڭ سىلىق بىلەن چىقارغانمۇ، ھەرگۈز ئۇنداق ئەمەس يەنى ئىككى تال خورمىغا ئۆزىنىڭ يۈرە پارىسى پاتىمە ئانىمىزنى ياتلىق قىلغانغۇ؟ توينىڭ مۇشۇنداق ئىغىر سىلىقلىرى ياشلارغا نىمىنى ئىلىپ كىلۋاتىدۇ؟ ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ھازىر نۇرغۇن بويىغا يەتكەن ئوغۇل - قىزلىرىمىز شۇ ئىغىر سىلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن توي قىلالماي بويتاق يۈرۈش، ئۇنىڭدىن سىرىت ناشايان مەينەت ئىشلارنى قىلىپ، بى گۇناھ بىر ياكى بىرقانچە جاننىڭ بىشىغا چىقىش( ھامىلىنى چۈشۈرۈش) قىزلىق، ئوغۇللۇق غورۇرىنى يوقتۇش، پۇل، مالغا ھىرىس بولۇش، ئەڭ ئاخىردا تۈگمەس گۇناھقا يۈكلىنىپ، ئەيدىس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆزىنى، ئائىلسىنى، ھەتتا بىر مىللەتنى زاۋاللىققا يۈزلەندۇرشكە ئىلىپ بىرۋاتىدۇ. ھۆرمەتلىك ئاتا - ئانىلار ھۆرمەتلىك قىرىنداشلىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالام بىزگە يىتەرلىك ئۆلگە بولالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادىي بارلار ئۆي ئىلىپ بەرسە بولىدۇ، ئىقتىسادىي يىتىشمىگەنلەر ئالدى بىلەن ئوغۇل - قىزلىرىنى ئۆيلىك - ئوچاقلىق قىلىپ، پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرسا ياكى سىرىتىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ ۋاقتىنچە تۇرۇپ، كىيىن ئەر- ئايال ئورتاقلىشىپ پۇل يىغىپ ئۆي سىتىۋالسا بولىدىغۇ؟ بۇنىڭ نەرى يامان. بىز تۇغۇلساقمۇ يالغۇز، قىپ يالىڭاچ، ئاپئاق بەدەن بىلەن تۇغۇلىمىز، ئۆلۈپ كەتسەكمۇ كىچىكىنە گۆرگە كىرىپ كىتىمىز ھەممە نەرسە قالىدىغۇ؟ شۇڭا جەمىيئەتتىكى ئۇششاق سۆز ،قىلىپى يوق قائىدە - يۇسۇنلارغا ئىشنىپ كەتمەي ئۆزىمىزنىڭ ئاتا - ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلسا، ئوغۇل - قىزلىرىمىزمۇ ناشايان ئىشنى ئازراق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاتىلىق، ئانىلىق بۇرچىنى بۇرۇنراق ئاتا قىلسا ئۆزىمىز ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە! ھەر بىر ئاتا - ئانىڭنىڭ ۋە ھەر - بىر بويىغا يەتكەن ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن مۇشۇ توغرىسدا كۆپرەك ئويلىنىپ بىدئەتچىلىكنى تاشلاپ ئاددا - سادىلىقنى تەشۋىق قىلىپ گۇناھ ئىشلارنى ئازراق قىلىپ ياراتقۇچىمىزنىڭ ئالدىغا ئاق يۈزلىك بولۇپ بىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنبەسى: جەميئەتتىكى ئىغىر بىسىم ئاستىدا قىلۋاتقان ئاتا - ئانىلار ۋە بويىغا (بالاغەتكە) يەتسىمۇ توي قىلالماي يۈرۋاتقان ئوغۇل قىزلىرىمىز. |