1-سۇئال : دۇنيادىكى يەتتە قىتئە تۆت ئوكيان ۋە ئۇلارنىڭ جايلاشقان ئورنىنى ئىيتىپ بىرىڭ ( يەتتە قىتئە ۋە تۆت ئوكياننىڭ ئىسمى ئىككىدىن ئارتۇق تىل يىزىقتا ئىپادىلەنسۇن مەسىلەن : ئامىرىكا <美国> دىگەندەك
2-سۇئال : تۆۋەندىكى غەزەلنى ئوقۇپ ئاپتورى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىڭ .
نامايەن بولدۇڭ ئەي دىلبەر يۈزۈڭنى ئافتاف ئەيلەپ،
قارا كاكۇل بىلەن زۇلفى پەرىشانىڭ نىقاف ئەيلەپ.
لەبى خالىڭ كۆرگەچ تەن ئۆيىدە ناتىۋان كۆڭلۈم،
قشىدۇركىم قەپەستە تەلپۈنۈپ كۆپ ئىزتىراف ئەيلەپ.
3-سۇئال : ئەلشىر ناۋايى كىم ؟ ئۇنىڭ يىرىك ئەسىرى خەمىسە قانچە قىسىمدىن تەركىب تاپقان ؟ ئۇلار قايسىلار ؟
4-سۇئال : مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسالام مەككىنى فەتھ قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار جىھاد ئۇرۇشلىرىنى ئىلىپ بارغان ، سىز شۇ جىھاد ئۇرۇشلىرىدىن بىر قانچىنى ۋاقتى بىلەن قوشۇپ ئىيتىپ بىرەلەمسىز ؟
5-سۇئال : ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ يەرلىك ۋارىيانتلىرى بولغان قۇمۇل ،دولان ،تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ نامىدىن بىر قانچىنى ئىيتىپ بىرىڭ ....
6-سۇئال : ئەخمەت غوجامنىياز قىسسۇرى كىم ؟ ئۇنىڭ قايسى ئەسىرى بار ؟
7-سۇئال : تۆۋەندىكى قايسى مۇقام ؟ ( ئىسمى تولوق شەرھىلەنسۇن )
8-سۇئال : ئايتەلكۈرسى ئايىتى قۇرئاندىكى قايسى سۆرىنىڭ قانچىنچى ئايىتى ؟ قۇرئاندىكى تۈنجى نازىل بولغان ئايەت قايسى ؟
9-سۇئال : تور ئادرىسىدىكى wwwدىگەن نىمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ ؟
10-سۇئال : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قاچان قۇرۇلغان ؟ تۇنجى رەئىسى كىم ؟