قاتار خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا خەتەرگە يولۇقۇپ قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا جىددى قوندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 5 - فىۋرال تېلېگراممىسى . 5 - فىۋرال سائەت 7:40 ئۆتكەندە ، ياپونىيىنىڭ ئوساكادىن ئۇچۇپ كورىيىنىڭ سىئول ئايرۇدۇرۇمىدا توختاپ يەنە قاتارنىڭ پايتەختى دۇھاغا قاراپ ئۇچقان QR821 بەلگىلىك خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قەشقەر ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە ئايروپىلاندا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى قەشقەر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا غەلىبىلىك ھالدا جىددى قوندى . ئايروپىلاندىكى 194 نەپەر يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرى ئامان - ئىسەن ئىكەن .
شىنجاڭ جامائەت خەۋىپسىزلىك چىگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قەشقەر چىگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، 5 - فىۋرال 7:50 ئۆتكەندە ، بۇ پونكىت ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرىۋىلىپ ، تېزدىن «نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ جىددى قونۇش تەييارلىق لايىھەسى» نى تەييارلىغان ھەمدە ئوفىتسىر - جەڭچىلەرنى تەشكىللەپ تىزدىن قەشقەر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئايروپىلان قاتارنىڭ خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى بولۇپ ، ياپونىيىنىڭ ئوساكادىن ئۇچۇپ ئوتتۇرا بىكەت بولغان كورىيىنىڭ پايتەختى سىئولدا توختاپ ئاخىرقى بىكەت قاتارنىڭ پايتەختى دۇھاغا قاراپ ئۇچقان . ئايروپىلاندا جەمئى 174 نەپەر يولۇچى بار بولۇپ ، 20 نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن . يولۇچىلار ئايرىم - ئايرىم ياپونىيە ، كورىيە ، ئامېرىكا ، قاتار قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن يولۇچىلار ئىكەن .
ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، 5 - فىۋرال سائەت 7:30 ئۆتكەندە ، ئايروپىلان ئۇچۇپ قەشقەر ھاۋا بوشلۇقىدىكى 11000 مېتىرلىق يۇقىرى بوشلۇققا كەلگەندە ئايروپىلاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ ، ئايروپىلان بۆلۈمچىسى بىسىمنى يوقاتقان . پەقەت 5 مېنۇتتىلا 2000 مېتىر تۆۋەنلەپ كەتكەن . دەل مانا مۇشۇنداق جىددى پەيتتە ئايروپىلان قەشقەر خەلقئارالىق ئايرۇدۇرۇمىغا جىددى قونغان .
ئىگىلىنىشىچە ، قاتار 5 - فىۋرال 16:00 دە بىر دانە خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننى قەشقەر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئەۋەتكەن ، تەخمىنەن سائەت 19:00 ئەتراپىدا بارلىق يولۇچىلار دۇھاغا بىرىپ بولىدىكەن . http://www.gov.cn/jrzg/2009-02/05/content_1222699.htm