« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2028 - كۆرۈرمىنى
negar
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53795
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 92 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 895 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 186(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى(نىگار)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2009-02-05)دە نادىرلاندى
align=center]                                    

    ئەزىزىم ،بىزنى تاشلاپ كەتمىگىن





    -نىمە كەچكىچە يىغلاۋىرىسىز مەن سىزگە دىدىمغۇ،مەن سىز بىلەن ئاجراشتىم، ئەمدى تولا يىغلاپ بېشىمنى ئاغرىتماڭ،مەن سىزنىڭ مىچىلداشلىرىڭىزغا ئۆچ بولدۇم_،كۆزلىرىڭدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ شۇنچىلىك قەھرىڭ بىلەن ۋارقىرىدىڭكىن ئاۋازىڭدىن ئۆينىڭ تاملىرى تىترەپ كەتتى.
_نىمىشكە؟؟نىمىشكە ئۇنداق دەيسىز مەن ئىشەنمەيمەن سىز مېنى ياخشى كۆرىسىز،مېنى دىمىسىڭىزمۇ ئوغلىمىزنى ئويلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟؟_يەنىلا شۇ سەن ئۆچ بولغان كۆز ياشلىرىم تاراملاشقا باشلىدى...
_سىز،سىز_بىردىنلا چىرايىڭ قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىردى،سەن ماڭا يېقىنلاپ كەلدىڭ،قوللىرىڭنى ماڭا سۇندۇڭ،مەن گېلىمنى سىقىۋالغان قوللىرىڭدىن بوشىنالماي تېپىرلاشقا باشلىدىم،«مەن،مەن ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋىتىدىغان ئوخشايدۇ ،بوپتىلا ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ بۇنداق قىينىلىپ ياشىغاندىن ئۇنىڭ قولىدا ئۈلۈپ كەتسەم،»بىراق،كىچىك بالىنىڭ قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى مېنى تېزلا ئەسلىمگە كەلتۈردى،«ياق،ياق مەن بۇنداق ئۈلۈپ كەتسەم بولمايدۇ،ياق»مەن جان تىكىپ تېپىرلاشقا ئۇنىڭ ئامبۇردەك قوللىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇشقا باشلىدىم ،يىغلىغان ئاۋاز،ياندىكى ئۆيدىن ئاڭلىنىۋاتاتتى.تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قوللىرى بوشاپ كەتتى،ئىھتىمال ئۇ يىغا ئاۋازىنى ئۇمۇ ئاڭلىغاندۇر،نىمىلا بولمىسۇن ئۇ ئۇنىڭمۇ يۈرەك پارىسىغۇ.....شۇ ئەسنا كۆزلىرىم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن دۇمىلاپ چۈشكەن ياش تامچىلىرىنى كۆرۈپ قالدى...ئۇ ياندىكى يىغا ئاۋازى چىقىۋاتقان ئۆي تەرەپكە بىر قەدەم ئالدىيۇ توختاپ قالدى.
_دادا،دادا،...
بوغۇلۇپ يىغلاۋاتقان ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى ئىدى.ئۇ تۇيۇقسىز ئارقىسىغا ئۆرۈلدى_دە:-مەن كەتتىم،ئەمدى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيمەن_دىگىنىچە ئىشىكنى ئېچىپ قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
_ياق.ياق.سىز كەتمەڭ سىز بىزنى تاشلاپ كەتسىڭىز بولمايدۇ،بىزنى تاشلاپ كەتمەڭ!!!

_ئاپا،سىزگە نىمە بولدى مەن بەك قورقۇۋاتىمەن ئاپا،كۆزىڭىزنى ئېچىڭە!!
چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم،كۆز ياشلىرىمدىن ياستۇقلار ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ،7ياشقا كىرگەن ئوغلۇم لىققىدە ياشقا تولغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ ،يۈزلىرىمنى ھەدەپ سىلاۋاتاتتى،ئۇھ چۈش كۆرۈپتىمەندە..
_ئاپا، سىزگە نىمە بولدى؟
_ھىچنىمە ئالتۇنۇم،سېنى قورقىتىۋىتىپتىمەن ھە،چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن،
_دادامنى كۆردىڭىزمۇ؟؟
_شۇنداق داداڭ چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ،
-ئۇ سىزنى تىللىدىمۇ؟؟
_ياق قوزام نىمە بولدى؟؟
_سىز ئۇنداق قىلماڭ،ئۇنداق قىلماڭ بىزنى تاشلىماڭ دەپ چىڭ ۋارقىراپ يىغلىدىڭىز مەن ئاۋازىڭىزدىن ئۇيغىنىپ كەتتىم بەك قورقۇپ كەتتىم ئاپا..
_مېنى كەچۈرگىن قوزام،سېنى قورقىتىۋىتىپتىمەن،كەل بولدى ئۇخلايلى ئەتە مەكتەپكە كېچىكىپ قالساڭ بولمايدۇ،_مەن ئوغلۇمنى ئورنىغا ياتقۇزۇپ خۇددى بوۋاق بالىلارنى ئۇخلاتقاندەك يېنىك پەپىلەشكە باشلىدىم،ئۇ نۇرغۇن سۇئاللارغا تولغان قاپ-قارا كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ بىردەم ياتتى_دە،مىھىرلىك قوينۇمنىڭ سىھرى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى،،،،
جىمجىت كېچە،ئوغلۇمنىڭ يېنىك پۇشۇلداشلىرىنى تىڭشىغاچ كۆزلىرىمنى ئېچىپ تەگسىز خىياللارغا ئەسىر بولۇپ ياتىمەن،كۆزلىرىمدىن تامامەن ئۇيقۇ قاچقان ئىدى،ئاستا ئورنۇمدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتىم_ياندىكى ئۆيگە چىقىپ ئىشكاپتىن ئەلبۇمنى ئالدىم...
     بىرىنجى بەتتە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان چوڭايتىلغان بەخىتلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى..ئاھ كۆزلىرىمدىن سانسىزلىغان يىپى ئۈزۈلگەن مونچاقلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى،قارچۇقلىرىمنى تورىغان قېلىن پەردە ئۇنىڭ سۈيۈملۈك سىماسىنى قېنىپ كۆرۈشۈمگە توسالغۇلۇق قىلىۋاتاتتى ،مەن ئۈنسىز يىغلاشتىن ئاستا-ئاستا ئىسەدەشكە ئۆتتۈم.................قانچىلىك ۋاقىت يىغلىدىم،قانچە قېتىملاپ جانسىز سۇرەتتىكى شۇ سۇيۇملۇك سىمانى سۆيدۈم بىلمەيمەن.....بۇنىڭدىن بۇرۇنقى نۇرغۇن كېچىلەرگە ئوخشاشلا بۇ كېچىمۇ ئۇيقۇسىز بولىدىغانلىغىغا بەخىتنى مۇقەددىمە بەخىتسىزلىكنى خاتىمە قىلغان،ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن قىسقىغىنە تۇرمۇش كارتىنىلىرىمغا قاراپ ئۇچقان كۆڭۈل كەپتىرىم گۇۋاھچى ئىدى....



    
مەن سەن بىلەن دادامنىڭ خىزمىتى ئاشۇ تاغلىق يېزىغا يۆتكىلىپ بېرىپ بىز ئائىلە بويىچە كۆچۈپ سىلەرگە خوشنا بولغاندىن باشلاپ تۇنۇشقان،ئۇ چاغلاردا مە ن8ياش سەن 10ياش ئىدىڭ،سەن ئاپاڭ ئىككىلا جان ئىدىڭلار ،ئاپاڭنىڭ ناھايىتى ئاچچىغى يامان، قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان ئايال ئىدى.سەن ئاپاڭغا پەقەتلا ئوخشىمايىتتىڭ ،سەن ئاپاڭنىڭ ئەكسىچە يۇزلىرىڭ ئاپ-ئاق قاپ-قارا قاشلىرىڭ ئاستىدىكى قويۇق كىرپىكلىك كۆزلىرىڭ بىلەن بەكلا چىرايلىق بىر قارىماققا قىزلارغا ئوخشاپ قالاتتىڭ.بىز مەكتەپتىن قايىتقان،دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا يىغىلىپ ناھايىتى قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينايىتتۇق،بىراق سەن بۇ ئويۇنلارغا كەمدىن-كەم قاتنىشاتتىڭ.چۈنكى نىمە ئۈچۈنكىن ئاپاڭ سېنى بۇنداق كۆپ بالىلار يىغىلغان ئويۇنلاردىن توساتتى، بىر قېتىم سەن بىز بىلەن قىزىقارلىق مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويۇنىنى ئويناپ ئاپاڭنىڭ سېنى چاقىرغانلىغىنى ئاڭلىماي قالغىنىڭ ئۈچۈن ئاپاڭ سېنى بىز بىر توپ بالىلارنىڭ قېشىدىلاكاچىتىڭغا بىرنى قويۇپ ئۇرۇپ ئەكىرىپ كەتكەن ئىدى..شۇ چاغدا مەن ئاپاڭدىن بەك قورقۇپ كەتكەن ھەم ئۆيگە كىرىپ ئاپامغا ئاپاڭنى «ياۋۇز،ئىسكىلىت شاھ »دەپ تىللاپ بەرگەن ئىدىم.«ئۇنداق دىمەڭ،ئۇ بىر تۇرمۇشتا بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان دىلى سۇنۇق ئايالكەن »دىگەن ئىدى ئاپام چوڭقۇر خياللار بىلەن ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا چوڭ بولدۇق،سەن بۇ يېزىدا تولۇق ئوتتۇرا بولماسلىق سەۋەبى بىلەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغىلى كەتكەن يىلى بىزمۇ دادامنىڭ خىزمەت يۆتكىلىش بىلەن شەھەرگە كۆچۈپ كەتتۇق.شۇندىن كېيىن مەن سېنى ئۇچرىتىپ باقمىغان بولساممۇ پات-پات سېنى ئەسلەپ قالاتتىم،چۈنكى مەھەللىدىكى باشقىلارغا قارىغاندا سەن مەن بىلەن يېقىن ئۆتەتتىڭ،بەلكىم بۇمۇ ئاپاڭنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە قارىغاندا بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ ئاپام بىلەن ئانچە-مۇنچە مۇڭدىشىپ تۇرغىنىنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.مەن ئاشۇ چاغلاردا سېنىڭ ئاپاڭنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەس ئىكەنلىكىڭنى،ئۆز ئاتا-ئاناڭنىڭ ئاپاڭنىڭ يېقىن تۇققانلىرى بولۇپ سەن تېخى يېشىڭغا يەتمىگەن يىلى مەلۇم بىر قاتناش ھادىسىسى بىلەن ئۇلۇپ كەتكەنلىگىنى، ئاپاڭنىڭ بىر ئۆمۈر بالا يۈزى كۆرمىگەنلىگى شۇ سەۋەپتىن ئەينى يىللاردا ئاتا-ئانىسىنى زار قاخشىتىپ كۆيۈپ-پىشىپ تەككەن يولدىشىنىڭ تاشلاپ كەتكەنلىگىنى،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىگى ئۆزىنىڭ بولسا ئۇلارنىڭ يۈزىنى كۆرشكىمۇ مۇۋەپپەق بولالمىغانلىغىنى،بىردىن-بىر قېرىندىشى بولغان سىڭلىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قالغان قورۇ-جاي،مال-مۇلۇكنى سېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىگىنى، شۇندىن بېرى ئۇنىڭ بىر ساڭا ھەمرا بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقانلىغىنى ئۇقتۇم.مېنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىلا بالىلىق قەلبىمدە ساڭا ئاجايىپ بىر خىل ھىسداشلىق قوزغالغان ئىدى،ئاپاڭنىمۇ بۇرۇنقىدەك يامان كۆرمەيدىغان،ئۇنىڭ ھەر قانداق ئادەمگە ئاجايىپ سۇغۇق تىكىلىدىغان كۆزلىرىدىنمۇ ئۇنچە قورقمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
    ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىدىن قەغىزىم كەلگەندە ئاپامنىڭ دادامغا«بەك ياخشى بولدى،قىزىمىزنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، ھېلىقى يېزىدىكى خوشنىمىزنىڭ بالىسى جۇرئەتمۇ شۇ مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقىۋاتقانغۇ ،ئىككىسى كىچىكىدە بىللە ئوينايتتى،نىمىلا بولمىسۇن ئۇ بالا بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن بارغاندىكىن قىزىمىزغا قاراپ قويار»دەۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم .نىمە ئۈچۈنكىن ئاپامنىڭ ئاغزىدىن سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلاپ بىر خىل ھاياجانلاندىم....


    ھەش-پەش دىگۈچە مەكتەپكە كېلىپ ئورۇنلىشىۋالغىنىمغىمۇ بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالدى ،دەرۋەقە ئاپام ئېيىتقاندەك سەن مەكتەپتە ماڭا بۆلەكچە باش-پاناھ بولدۇڭ،شۇ تەرىقىدە كىچىكىمىزدىكى دوسىتلىق بىزنى ئاستا-ئاستا مۇھەببەت قاينىمىغا سۆرەپ كىردى،كۆڭلۈم سېزىپ تۇرسىمۇ،مىھىرلىك تىكىلىشلىرىڭنىڭ نىمىدىن دىرەك بېرىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرساممۇ سېنىڭ ئاشۇ كۈنى قىزىرىپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ-«دىل،مەن ،مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن »دىگەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى ھىسسىياتىمنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن،مەنمۇ ئوخشاشلا ،ساڭا ئوخشاشلا شۇ سىرلىق، ئايدىڭ كېچىلەردىكى بۇلاق سۇلىرىنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق،تاڭ سەھەردە بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىدا مەسىتخۇشلۇق ئىلكىدە ئېچىلغان گۈلنىڭ بەرگىلىرىدەك نازۇك ھىسسىياتلىرىمنى بىر ساڭىلا ئاتىغان ئىدىم...بىزنىڭ كۈنلىرىمىز رىقابەتكە تولغان قىزغىن ئوقۇش كۈنلىرىمىزنى قايناق مۇھەببەت كۈيلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇپ كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەيلا ئاۋال سەن،2يىلدىن كېيىن مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدۇق.دادامنىڭ شەھەردىن تېپىپ قويغان خىزمىتىگە قاتتىق قارشىلىقلار بىلەن ئۇنىماي شۇ تاغلىق يېزىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ سېنى پەقەت سېنى دەپلا قايتىپ كەلگەن ئىدىم،چۈنكى سەنمۇ ئاپاڭنىڭ تەلىۋى بىلەن ئۆز يېزاڭغا قايتىپ كېلىپ ئەينى يىللىرى بىز ئوقىغان ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتىڭ،شۇنداق قىلىپ بىز توي قىلدۇق، تويىمىز كىملەرنىدۇر نارازى ،كىملەرنىدۇر خوشال قىلغان بولسىمۇ بىز چەكسىز بەخىت ئىلكىدە ،گوياكى پۈتۈن دۇنيا بىز ئۈچۈن مىھىرلىك قۇچىقىنى ئاچقاندەك شۇنداق بەختىيار ئىدۇق،بىز ئۆزىمىزنىڭ خىيالى دۇنيارىمىزدىن رىئاللىقتىكى كىچىككىنە دۇنيارىمىزدا ھەقىقى جەم بولغان ئاشۇ ئاخشىمى سەن مېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ «دىل،مېنىڭ پەرىشتەم،سىزنى سۆيىمەن،سىزنى مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر قۇچاقلاپ يېنىمدىن بىر ئۆمۈر ئايرىمىسام دەيمەن،ئېيتىڭا سىز مەن بىلەن توي قىلىپ بەخىتلىكمۇ؟؟»دىگەن ئىدىڭ،مەن بەختىيارلىق ئىلكىدە سېنىڭ سۇئالىڭغا لەۋلىرىم بىلەن جاۋاپ بېرىپ ۋۇجۇدۇڭغا بىرلىشىپ كەتكەن ئىدىم........



     ھەش-پەش دىگۈچە توي قىلغىنىمىزغىمۇ 8 ئاي بولۇپ قالدى،بەختىيار كۈنلىرىمىز شادىمان كۈلكىلىىرىمىزنىڭ دەل ئەكسىچە ئاپاڭنىڭ مىجەزى بارغانسىرى ئوساللىشىپ كەتتى،ئۇ كۈن-كۈنلەپ ھىچكىمگە گەپ قىلماي ئۆزى يالغۇز ھوجرا ئۆيگە بېكىنىۋالاتتى،بىزنىڭ پەرۋانە بولۇپ سورىغان سۇئاللىرىمىز كۆيۈنۈشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى جاۋاپسىز قالاتتى، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈندۇر مېنى ئىچ-ئىچىدىن بىر خىل يامان كۆرىدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ قالاتتىم، بەزىدە ئۇنىڭدىن«ئاپا،نىمە ئېتەي كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتىدۇ؟»دەپ سورىغىنىمدا ئۇنىڭ ماڭا ئاجايىپ تەننى جۇغۇلداتقۇچى قاراشلىرىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كېتەتتى ،بىر كۈنى ئۇنىڭ مەن ئەتكەن تاماقنى ئۆيۈمدە يەيمەن دەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كەينىدىن چىقىپ مەن تاماق ئېتىپ بولۇپ پاكىزە سۈرتۈپ قويغان ئاشخانىنىڭ پولىغا تۆكۈۋەتكەنلىگىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خورلۇق ھىس قىلىپ ئۈزۈمنى باسالماي يىغلاپ كېتىپ ساڭا دەپ سالغىنىمدا سەن ئاچچىق بىلەن ئاپاڭغا قاتتىق ۋارقىرىغان ئىدىڭ،ئاشۇ كۈنى يېنىكلىك قىلىپ ساڭا دېگىنىمگە پۇشايمان قىلىپ كەچتە ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم؛
_ئاپا، سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن ئىدىم!
ئۇ ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرغىنىچە نىمىلەرنىدۇر پىچىرلاۋاتاتتى،مەن گېپىمنى ئاڭلىمىغان چېغى دەپ ئۇنىڭ يېنىغىراق سۈرۈلدۈم شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قولىغا نىمىنىدۇر بىر نىمە تۇتۇۋېلىپ غەزەپ بىلەن قولىدىكى بىگىزنى سانجىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قالدىم«مەن سېنىڭدىن ھامان ئۆچ ئالىمەن،ئۇنى مەندىن تارتىۋالماقچىمۇسەن مەن كىم بىلەمسەن مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ ساڭا بېرىۋەتمەيمەن،ھەرگىز،»
_ئاپا_
_ھە_ئۇ بىردىنلا ئېسىگە كەلگەن ئادەمدەك چۆچۈپ ماڭا قارىدى ،شۇ ئەسنەدا مەن ئۇنىڭ قولىدىكى مېنىڭ رەسىمىم ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ قالدىم .پۈتۈن بەدىنىمدىن تەر چىقىپ كەتتى،
-ھې،ھې، نىمە بولدى، نىمە ساراڭ ئادەمدەك توۋلايسىز؟_ ئۇ يېقىمسىز ھىجىيىپ قويۇپ گويا ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۆزلىرىمگە بىزارلىق بىلەن تىكىلدى.
«بۇ بۇ قانداق گەپ،ئۇ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟»شۇ ئان يادىمغا بىز توي قىلىپ تېخى بىر ھەپتە بولغاندىكى بىر ۋەقە كېلىپ قالدى.ئۇ كۈنى كۈندىكىدەك كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى ھەممە ئىشلارنى بېسىقتۇرىۋىتىپ ئۆيىمىزگە چىقىپ كېتىشكە تەيارلاندۇق،
_ۋاي بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ ۋايەي..
_نىمە بولدۇڭ ئاپا، بېشىڭ نىمە بولدى دوختۇرغا ئاپىرايمۇ؟
_ياق، بولدى بۈگۈن سەن مېنىڭ قېشىمدا ياتقىن.دىلنار چىقىپ كېتىۋەرسۇن
_بۇ.ئاپا.....
_نىمە بولدى؟سەن ماڭىمۇ قارشى چىقامسەن؟ۋاي بېشىم ۋايەي..
سەن يەنە نىمىنىدۇر دىمەكچى بولۇپ ئېغىزىڭنى ئۆمەللىدىڭ ،
_مەيلى جۈرئەت،سىز ئاپامنىڭ قېشىدا يېتىپ قېلىڭ ھىچقىسى يوق_مەن گەرچە شۇنداق دىسەممۇ يۈرىگىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ساڭا تارتىشىپ چىقىپ كەتتىم،بىر ھازادىن كېيىن سەن كىرىپ ناھايىتى خېجىللىق بىلەن ئەپۇ سورىدىڭ، ئاپاڭنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سەن بىلەنلا ياشاپ كەلگىنى ئۈچۈن بۇ ئايرىلىشقا دەماللىق چىدىمايۋاتقانلىغىنى،توغرا چۈشىنىشىم كېرەكلىگىنى،بۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاپىڭىزنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتىدىغان رىئاللىق ئىكەنلىگىنى ئېيىتتىڭ مېنى قىيماسلىق ئىچىدە يېنىش-يېنىشلاپ باغرىڭغا بېسىپ ،ياخشى چۈش كۆرۈشۈمنى تىلەپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن سەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن،توي قىلغاندىن بېرىقى تۇنجى ئازاپلىق كېچىنى ،ئۇ ياققا ئۆرۈلۈپ،بۇ ياققا ئۆرۈلۈپ ئۇيقۇسىز ھالەتتە تولىمۇ تەسلىكتە ئاتقۇزغان ئىدىم،،،،،،،
مانا ئەمدى ئاپاڭنىڭ مېنىڭ رەسىمىمگە بۇنچە غەزەپ بىلەن بىگىز سانجىشىنى مەن نىمە دەپ چۈشىنەي؟ ئۇنىڭ «ساراڭ ئادەمدەك توۋلايسىز»دىگەن گېپى بىردىنلا مېنى سەگىتكەندەك بولدى،مەن ئاستا سېنىڭ قېشىڭغا چىقتىم سەن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ بىئارام بولغان ھالدا:
_ئاپام كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتتىمۇ؟دەپ سورىدىڭ،
_مەن قورقىۋاتىمەن،جۈرئەت،
_نىمىدىن؟
_ئاپام،ئۇ
_تېز دەڭا نىمە بولدى؟
_ئاپام راستىنلا غەلىتە بولۇپ قالغاندەك تۇرۇدۇ،ئۇ،ئۇ نېرۋا كېسەل بولۇپ قالمىغاندۇر ھە؟!
_نىمە دەۋاتىسىز،ئادەم قېرىغاندا شۇنداق غەلىتە مىجەز بولۇپ قالىدۇ،بەلكىم ئەتكەن تامىقىڭىزنىڭ بىر نىمىلىرى ئۇنىڭغا ياقماي قالغاندۇر.بىر قېتىم تامىقىڭىزنى تۆكۈۋەتكەنگە ئۇنى نېرۋا كېسەل دىسىڭىز،،، بۇ...ھەي بولدىلا ئۇخلايلى..




     بىز توي قىلىپ دەل بىر يىل بولغاندىن كېيىن بىز بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ كۈتكەن مۇھەببىتىمىزنىڭ جەۋھىرى____بويۇمدا قالغانلىغى مەلۇم بولدى ،بۇنىڭدىن بەكمۇ خوش بولغادۇق بىراق بىر خوشلۇقنىڭ كەينىدە بىر كۆڭۈلسىزلىك سايە بولۇپ تۇرغىنىدەك مەكتەپتىن سېنى يېڭى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى بويىچە بىر يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغان بولۇپ قالدى،،،
يېنىپ-يېنىپ تىلەك تىلەش، قىيماسلىق، بىلەن ھىجران ياشلىرىمنى تۆكۈپ سېنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم،سەنمۇ بارا-بارا غەلىتە بولۇپ كېتىۋاتقان ئاپاڭنى ماڭا تاشلاپ، مەن ساڭا تازىمۇ مۇھتاج بولىدىغان مىنۇتلاردا يېنىڭدا بولمىغىنىمغا ئۆكۈنۈپ قىيالماسلىق ئىچىدە كېتىپ قالدىڭ...........
    بۇ بىر يىل ئىچىدە ئاپاڭ تېخىمۇ غەلىتە بولۇپ قالدى،بىراق بىر يېرى ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ جىمغۇرلىشىپ كەتتى كۈن بويى نىمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاپ كىملەرنىدۇر تىللاپ يۈرەتتى،ھەر قانچە يالغۇزلۇق تارىتساممۇ،ئۇنىڭغا يېلىنساممۇ ئۇ مەن بىلەن بىللە يېتىشقا زادىلا ئۇنىمايىتتى ئامالسىز خوشنىمىزنىڭ مېنىڭ سىنىپىمدا ئۇقۇيدىغان قىزىنى ھەمرا قىلىپ ياتاتتىم،سەندىن كېلىدىغان تېلىفۇنلار،ئوتلۇق مۇھەببەتكە تولغان ئۇچۇرلارلا كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتى،بارا-بارا كۈنۈم يېقىنلىشىپ قالدى،تەلىيىمگە ئوماق پەرزەنتىمىز يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان چاغدا سەن مەلۇم بىر بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن قويۇپ بەرگەن دەم ئېلىشتا قايتىپ كەلدىڭ،،،،
مانا ئوماق ئوغلىمىز 3 ئايلىق بولغان مۇبارەك كۈندە سەن ئوقۇشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدىڭ،،،،ئەمدىكى كۈنلىرىمىز تېخمۇ خوشاللىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى بىراق ،بۇ خوشال بەختىيار مىنۇتلارنىڭ كەينىدە بىر قارا كۆلەڭگە ئەگىپلا يۈرەتتى،مېنى تولا قارا بېسىپ قالاتتى چۈشۈمدە ئاپئاق كىيىم كىيگەن بىر ئايال دەرىزىدىن ئۇچۇپ كىرگىنىچە سېنى سىرىتقا سۆرەيىتتى،،مەن قانچە قېتىملاپ شۇنداق قورقۇنۇچلۇق چۈشنىڭ ۋەھىمىسىدە چۆچۈپ ئۇيغىنىپ كەتكەن بولساممۇ قارا باسقان بۇنداق چۈشلەرنى دىسە ئەمىلىيەتكە ئايلىنىدۇ ھىچكىمگە تىنماي ياخشىلىققا ئۆرۈش كېرەك دىگەن مومامنىڭ گېپى بويىچە بۇنى زادىلا ئېغىزىمدىن چىقىرالمايىتتىم.
سەن ئاپامنى قانچە قېتىملاپ زورلاپمۇ دوختۇرغا ئاپىرالمىدىڭ،ئۇ ھازىر توختىماي بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەيدىغان بەزىدە ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتسە بەزىدە يىغلاپ قاغاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى،بىز ئاخىرى دوختۇر تەكلىپ قىلىپ ئۇنى كۆرسەتتۇق،«كىچىك مىڭە قورۇلۇش كېسىلى»..بۇنى ئاڭلىغان كۈنى سەن بىر كۈن يىغلىدىڭ،،،دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ھازىر بۇ ئۇتتۇرا مەزگىل ئىكەن ،بارا-بارا ئېغىرلاشقاندا چوڭ كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن...بۇ ھەممىمىزنى قايغۇغا سالدى،سەن ماڭا چاندۇرمىساڭمۇ مەن سېنىڭ كېچىلىرى ئۆرۈلۈپ ئۇھ تارتىپ ،ئۇخلىيالمايۋاتقانلىغىڭنى سېزىپ تۇراتتىم،مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا بەكمۇ ئازاپلاندىم،سەندىن ئايرىلىپ ياشىغان بىر يىل ئىچىدە مەن ئۆزى چىن يۈرىكى بىلەن سۆيگەن ئادىمىدىن،ئايرىلىپ قالغان ،قەدىردان ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە بىر تۇققان قېرىندىشىنىڭ ئۇنى تاشلاپ ھەممە نىمىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىگى،ئەڭ يېقىن بىردىن-بىر تۇققىنىنىڭ سەبى ئوغلىنى يېتىم قىلىپ قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىغىدەك بۇ ئېغىر بېسىمنى بىر سېنىڭ مەۋجۈت بولۇشۇڭ بىلەن سېنى دەپ سەن ئۈچۈن بۇ تەغدىرنىڭ ئېغىر بېسىملىرىغا باش ئەگمەي ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ ئۆزىنى ھايات قېلىشقا ئۈندىگەن بۇ جان-جىگەرىنىڭ كۆڭلىنىڭ باشقا بىر قىزغا بېرىلىپ ئۆزىگە بولغان پەرزەنىتلىك مىھرىگىمۇ باشقىلار تاجاۋۇز قىلىۋاتقاندەك ھىسسىياتلارنىڭ ئەسىرى بولۇپ كېلىۋاتقان ئاپاڭنى چۈشەنگەن،شۇنداقلا ئۇنىڭغا چىن قەلبىمدىن ھىسداشلىق قىلىپ ئۇنىڭ مېنى يامان كۆرۈشلىرىنى توغرا چۈشىنىپ ،ئۇنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئېلىشقا بەل باغلىغان ئىدىم.....


     ئاپام بارا_بارا كىچىك تەرەتنى قويىۋىتىغان بولۇپ قالدى،مەن بالىنى ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ تەشكىلنىڭ غىمخورلىقى بىلەن ئورنۇمغا ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆزەم قاراشقا باشلىدىم، بىراق بۇنىڭلىق غېمىمىز تۈگىمىدى ،ئۇ توختىنماي مېنى تىللايىتتى،سېنىڭ ئىشتىن كېلىشىڭگە ئۈلگۈرۈپ بىز ئويلاپمۇ باقمىغان مېنى ئوڭايسىزلىققا چۈشۈرىدىغان ئويۇنلارنى ھازىر قىلاتتى،سەن گەرچە بۇلارنىڭ ئاپاڭنىڭ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئەينى يىللاردىلا يۈرىگىدە قېتىپ قالغان ياخشى كۆرگەنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىكى ئەسەبى ھىسسىياتىنىڭ جەملىنىمىسى ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرساڭمۇ ،مېنىڭ نەقەدەر ئامالسىز ئىلاجىسىز ھالەتتە ئىكەنلىگىمنى ئاپاڭنىڭ بۇ ئىشلىرىغا ناھايىتى زور تاقەت بىلەن چىداپ كېلىۋاتقانلىغىمنى بىلسەڭمۇ يەنىلا بىر ئىككى قېتىم شۇ سەۋەپلىك كۆڭلۈمگە ئازارمۇ بەردىڭ،خۇلۇم خوشنىلار يوقلاپ كىرگەندە ئاپام ناھايىتى تۈزۈك ساپمۇ_ساق بولۇپ قالاتتى،بىراق مېنىڭ ئۆزىنى ئۇلار بىلەن ئارامىدا قويۇشۇمنى بۇيرۇيىتتى،ھالبۇكى بۇ ئارامىدا قويۇشلار مېنى مەھەللىدە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئاچچىق كىنايا، يامان كۆرۈشلەرگە قويدى،ئاپاڭنىڭ ئۇلارغا نىمىلەرنى دەپ،نىمىلەرنى قويغانلىغىنى ئېنىق بىلمىسەممۇ ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىش ئالدىدىكى سېسىق گەپلىرى،بۇرۇن مېنى شۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك دەپ ماختايدىغان چوڭلارنىڭمۇ ماڭا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراشلىرىدىنلا ئاپامنىڭ يەنە قانداقتۇر كەلسە_كەلمەس يوق گەپلەر بىلەن مېنى يامانلىغانلىغىنى سېزەتتىم،بىراق بۇلارنى ئىچىمگە يۇتۇۋىتەتتىمكىن ساڭا دىيىشنى راۋا كۆرمەيىتتىم،چۈنكى بۇ كۈنلەردە سەن ئورۇقلاپ بىر تېرە_بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىڭ،كۈن بويى ناھايىتى بىر خىل بىئاراملىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتىڭ،بەكمۇ كەم سۆز بولۇپ كېتىۋاتاتتىڭ،مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاپاڭنىڭ شۇ كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم،ئاھ،لېكىن شۇ كۈنكى ۋەقە ھەممە نىمىنى ئاستىن_ئۈستۈن قىلىۋەتتى............
_مۇئەللىم،تېز تېز بولۇڭ..
_نىمە بولدى؟
_جۈرئەت مۇئەللىم،ئۇ،ئۇ
_نىمە؟ئۇنىڭغا نىمە بولدى..
ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئارقىسىدىن ئەس ھوشۇمدىن ئايرىلغان ھالدا يۈگۈردۈم،ئۇنىڭغا نىمە بولدى؟نىمىشكە ئۇنداق بولىدۇ؟؟؟
ئىشخانىدا يېڭىلا ھوشىغا كېلىپ چىرايلىرىڭ ئاپپاق تاتىرىپ كەتكەن ھالدا ياتاتتىڭ،يېزىلىق دوختۇرخانا مەكتەپنىڭ يېنىدىلا بولسىمۇ مەكتەپ مۇدىرىمىز سېنى ئورنۇڭدىن قوزغاتماي دوختۇر چاقىرىپ كىرگەن ئىكەن،
_جۈرئەت،نىمە بولدىڭىز؟سىزگە زادى نىمە بولدى؟؟
سەن ھالسىز بېشىڭنى چايقاپ قويدۇڭ،
_دوختۇر ئۇ نىمە سەۋەپتىن بۇنداق تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشىدۇ؟ئۇنىڭغا زادى نىمە بوپتۇ؟__دوختۇرنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا تەلمۈردۈم،بۇ ئوبلاسىتلىق دوختۇرخانىدىن پىنسىيىگە چىققان،نۇرغۇن نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلار يۇقىرى ھەق بىلەن تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ بىز بىلمەيدىغان قانداقتۇر بىر ئىچكى سەۋەپلىرى بىلەن بىر قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان ئايالى ۋە بالىسىنىڭ جەسىتى قويۇلغان بۇ خىلۋەت تاغلىق يېزىغا قايتىپ كېلىپ يېزىلىق دوختۇرخانىدا قوشۇمچە ئىشلەپ ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان يات مىللەت دوختۇر ئىدى.
_ئۇنىڭ بۇنداق بولىۋاتقانلىغىغا قانچە ئۇزۇن بولغان؟
_نىمە بولغانلىغىغا؟
_نىمە سىز راستىنلا بىلمەمسىز يا؟
_ياق دوختۇر،ئېنىقراق ئېيتىڭچۇ،ئۇنىڭغا زادى نىمە بوپتۇ؟
_ ئۇنىڭ ئارقا تەرەت يولىدىن قان كېلىۋاتقانلىغىغا قانچە ئۇزۇن بولدى دەيمەن؟
_ھە،بۇ،_بىردىنلا ئېسىمگە سەن بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭىدىغان ۋاقىتتا بىر قېتىم  ئارقىڭدىنلا ھاجەتخانىغا كىرىپ قان يۇقىنى بايقاپ قالغىنىم، بۇنى سەندىن سورىسام  گېمىرۇي سەۋەبىدىن بەزىدە شۇنداق بولۇپ قالىدىغانلىقىڭنى ئېيىتقانلىقىڭ كەلدى،سەن ماڭغاندا مەن ئۇرۇمچىدە ياخشىراق كۆرۈنۈپ بېقىشنى جېكىلىگەن بولساممۇ كېيىن ئىككى قات بولغانلىغىم،ئاپامنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقىپ ئائىلە خىزمەت دىگەنلەرنىڭ تەڭلا مېنى بېسىۋىلىشى بىلەن سېنىڭ ھىچگەپ ئەمەسكەن،دورا ئىچتىم، ھازىر ياخشى... دىگەنلىرىڭگە چىن پۈتۈپ مۇشۇ كەمگىچە سۈرۈشتۈرمىگەنلىگىم كەلدى،
_ھەي،_دوختۇر مېنىڭ تەپسىلاتىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ،چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىشقا تولغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ بولسا بۈگۈن ئەتىنىڭ ئىچىدىلا چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشۈمنى ئېيىتتى.يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ كەتتى،سېنىڭ يېقىندىن بېرىقى روھى كەيپىياتىڭ، كەمسۆزلىشىپ كېتىشىڭ،كۈندىن_كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىشىڭ............بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلىغىنىمدا قانداقتۇر بىر ۋەھىمە يۈرۈكۈمنى غاجاپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى....
بىز ئاپامنى ئاپامنىڭ ئۇزۇن يىللىق تام خوشنىسى بولغان ھەلىمە ھەدەمگە تاپشۇرۇپ قويۇپ ئوبلاسىتلىق دوختۇرخانىغا تەكشۇرۇنۇشكە كەتتۇق،بۇ ئىشلاردىن ئاپام_داداملار خەۋەر تېپىپ ئۇلار ئالدىنئالا ھەممىنى تەق قىلىپ تۇرغان ئىكەن،يۈزەكى تەكشۇرەشتىن كېيىنلا بىز ياتاققا ئورۇنلىشىپ سېستىمىلىق تەكشۈرۈنۈشكە بۇيرۇلدۇق،سەن بۇنىڭدىن نارازى ئىدىڭ،«مەن ھىچنىمە بولمىدىم ،سىز ئىشنى چوڭايتىپ»دەپ مەندىن نارازى بولاتتىڭ،ئاپام يالغۇز باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قالدى ،دەپ قىيدايىتتىڭ،مەن بىچارىلەرچە مۆلدۇرلەپ تۇرۇپ سېنىڭ خاپا بولۇش،قىيداشلىرىڭغا تاقەت قىلاتتىم،چۈنكى يېزىدىكى دوختۇرنىڭ چوڭقۇر ئېچىنىش ئارىلاش ماڭا قاراپ بېشىنى چايقىشى ھەر مىنۇت كۆز ئالدىمدىن كەتمەيىتتى،مانا ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز چىقىپ دوختۇر مېنى چاقىرىتتى،مەن قاتتىق غەيرىتىم بىلەن يۈرۈگۈمنى بېسىۋالغان ۋەھىمىلىك خىياللارنى نېرى قوغلاشقا ئۇرۇنۇپ ئىچىمدە مىڭلاپ يۈزمىڭلاپ ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇپ دوختۇرنىڭ قېشىغا كىردىم ،كىرگىنىمدە مەسئۇل دوختۇر قولىدىكى قانداقتۇر بىر نىمە يېزىلغان قەغەزگە قاراپ تۇرغان ئىكەن،ئۇ كۆزەينىكىنى سەل يۇقىرى سۈرۈپ قويۇپ ماڭا تىكىلدى:
_سىز بىمارنىڭ نىمىسى بولىسىز؟
_ئايالى_ئاۋازىم تىترەپ چىقتى،
_ يولدىشىڭىز بۇنداق بولىۋاتقانغا قانچە ئۇزۇن بولدى؟
_بىر يىلدىن ئېشىپ ياق ئىككى يىلچە بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن،
_ئۇ بۇرۇن دائىم قەۋزىيەت بولامتى؟
_ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدىن باشلاپلا ئۇنىڭ بەزىدە ھەپتىلەپ قەۋزىيەت بەزىدە ئىچى ئۆتۈپ ئاۋارە بولىدىغانلىغىنى بىلەتتىم،
_دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلى...._يۈرىگىم قاتتىق سوقۇپ پۇت_قوللىرىم بوشىشىپ كەتتى.
_ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋىلىڭ،بىز ئىمكانقەدەر تىرىشىمىز ئۇنى دەرھال ئوپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ،ئۇ تۈز ئۈچەي راكى ئىكەن،ئوتتۇرا باسقۇچتا،باشقا ئەزالارغا تارقالدىمۇ دائىرىسى قانچىلىك بۇلارنى ئوپراتسىيەدىن كېيىن ئېنىق دىيىشكە بولىدۇ..................
«راك،راك،راك»
ئاھ قۇلاقلىرىم پاڭ بولۇپ قالسىچۇ،ياق ياق ياق....بۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس..........
  دوختۇرنىڭ ئاخرقى گەپلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلانمىدى،مەن ئۆزۈمنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىمنى ئىلغا قىلالمايۋاتاتتىم ،كۆزلىرىمگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيۋاتاتتى پەقەت ئالدىمدىكى بوشلۇقتا «راك»دىگەن بۇ خەت پۇلاڭلاپ يېقىمسىز ھېجىيىپ تۇراتتى،ئۇنىڭ پۇتۇن ئىنسانىيەتنى يالماپ يۇتۇۋىتىشكە ھېرىس يوغان ئېغىزلىرى مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى سۇيۇملۇك ئادىمىم ئوماق ئوغلۇمنىڭ تايانچىسى بولغان، يېتىملىك كوچىسىدا سەرسان ئاتا_ئانا مىھرىگە زار قەلبىنى كىچىككىنە ئاۋۇندۇرۇدىغان بۇ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بەھرىمان بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئانىسىنىڭ كېسىلى سەۋەبىدىن يۈرەكلىرى لەختە_لەختە بولغان،«مەن بىر يېتىم،ئاللا خالىسا سېنى ھەرگىزمۇ بۇ يېتىملىق كوچىسىدا سەرسان قىلمايمەن جىگىرىم»دەپ ئوغلۇم تەۋەللۇت بولغان كۈنى كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياشلارنى تۆككەن ئاشۇ سۆيۈملۈك سىماغا قاراپ ئېچىلىۋاتاتتى......ئاھ،ياق،ياق مەن قانداقمۇ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەي،بۇ كىسەلنىڭ ئىسمى ئاتالغانلارنىڭ قايسى بىرسى تۇرمۇشنىڭ كېيىنكى گۈزەللىكلىرىدىن بەھرىمان بولالىدى، مەيلى ئوتتۇرا مەزگىلى ،ئالدىنقى مەزگىلى،ئاخىرقى مەزگىلى بولسۇن قايسى بىرى يەنە ھايات قالالىدى، ياق،،،ياق بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس....
كۆز ياشلىرىم توختىماي تۆكۈلەتتى.ئۈزۈمنى تۇتۇۋىلىشقا پۈتۈنلەي ئامالسىز ئىدىم.

     شۇنداق قىلىپ سېنى ئوپراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇردۇق ،ھەممىمىز قايغۇغا چۆمگەن ئىدۇق ئاپام ئاپاڭنى چوڭ ئۆيگە ئەكىلىۋالدى،بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭغا قارىغۇدەك ئادەم يوق ئىدى ،بىز قانچىلىك يۇشۇرساقمۇ سەن بۇ جىددىيچىلىكلەردىن ھەممىنى بىلىپ قالغاندەك قىلاتتىڭ ،كەچلىرى كۆزلىرىڭدىن يامغۇردەك ياشلارنى تۆككەن ھالدا ماڭا تەلمۇرۇپ كېسىلىڭنىڭ زادى نىمە كىسەل ئىكەنلىگىنى سورايىتتىڭ، مەن ئۇنى،بۇنى دىسەممۇ چىرايىمنىڭ زەپىراندەك تاتىرىپ،پات-پات كۆزلىرىمگە بىرنىمە كىرىپ كېتىش باھانىسى بىلەن كۆزلىرىمنىڭ قىزىرىپ كېتىشلىرىدىن سەن ھەممىنى ھىس قىلىپ بولغان ئىدىڭ، سىڭلىمنىڭ بالىنى ئەكىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتىڭ، بالىنى ئېلىپ كەلگەندە سەن تۈزۈكرەك قېنىشقا ئۇلگۇرمىگەن بۇ سەبى جاننىڭ ئاپئاق ئۆي ،كىسەل كىيىمى، ئېلىنماي يىرىكلەشكەن ساقال بۇرۇتلىرىڭنىڭ سانجىلىشلىرىدىن قېچىپ بولالماي قىرقىراپ يىغلاشلىرىغا پىسەنىت قىلماي ئۇنى مەھكەم باغرىڭغا بېسىۋالاتتىڭ،بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە مېنى تازىلىق ئۆيىگە چىقىپ ئۆكسۈپ يىغلاشقا پەريات ئۇرۇشقا، باشقىلارنىڭ ئارامى ئۈچۈن لەۋلىرىمنى چىشلەپ بۇقۇلداشقا مەجبۇر قىلسا ياتاقتىكى باشقا كىسەللەر ۋە ئۇلارنىڭ قارىغۇچىلىرىنى ئۇنسىز مىشىلداشقا مەجبۇر قىلاتتى.....سېنى ئەتە ئوپراتسىيە قىلىدۇ دىگەن كۈنى كۆپ ئويلىنىشلار ۋە سېنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىڭ بىلەن بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئاپاڭنى ئەكىلىپ سەن بىلەن كۆرۈشتۈردى ،بىزنىڭ پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىمىز پۈتۈنلەي بەربات بولدى،ھىچنىمە ئاڭلىمىغاندەك ھىچنىمە كۆرمىگەندەك يۈرگەن ئاپاڭ سېنى كۆرۈپ ئاۋال ئۈن سېلىپ سېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ تازا يىغلىدى، دوختۇر سىستىرالارنىڭ خاپا بولۇشلىرىدىن،سېنى ڭ تېخىمۇ ھالسىزلىنىپ ئوپراتسىيەگە بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشىڭدىن ئەنسىرەپ ئۇنى سەندىن ئاجرىتىشقا قانچە كۈچىسەكمۇ ئامال بولمىدى.تازا يىغلاپ توختىغاندىن كېيىن ئاپاڭ يىغىدىن توختاپ تىترەڭگۈ ئاۋازدا چاچلىرىڭنى سىلاپ تۇرۇپ«جېنىم بالام، سېنى ئوپراتسىيە قىلىدۇ دەيدۇ، دوختۇرغا دە، ئوپراتسىيە قىلغان يېرىڭنى چىرايلىق تىكسۇن،بولمىسا قورسىقىڭ سەت بولۇپ قالىدۇ، قورىقما بۇ راك دىگەن قانچىلىك نىمىتى مەنمۇ بۇرۇن ئاسما ئوكۇل سېلىپلا ياخشى بولۇپ كەتكەن..»ئاھ،مەن سېنىڭ كۆزلىرىڭنى يوغان ئېچىپ پەقەت «راك،راك»دىگەننى تەكرارلىغىنىڭچە قېتىپ قالغىنىڭنىلا ئىلغا قىلالىدىم «ئاپا»مەن ئاجىز كەلدىم ئۇ مېنىڭ سوزۇلغان قوللىرىمنى ئىتتىرىۋىتىپ يەنە نىمىلەرنىدۇر دىگىنىچە توختىماي كۈلۈشكە باشلىدى...
قانچىكى تەسەللى،قانچىكى چۈشەندۈرۈشلەر ........ھەممىسى سېنىڭ ئۈچۈن بىكار ئىدى ،مەن سەن بىلەن تەڭ يىغلاپ_قاخشاپ تاڭنى ئاپ_ئاق ھالەتتە كۈتۈۋالدىم،
ئوپراتسىيەگە كىرىشنىڭ ئالدىدا بالىمىزنىڭ پىشانىسىگە سۆيدۈڭ، قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ قىيماسلىق بىلەن كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە تەلمۇرۇپ قاراشلىرىڭ كۆز چاناقلىرىمدا قېتىپ قالدى......
بىر ئەسىر، ياق ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىلىنگەن ئوپراتسىيە ۋاقتى توشۇپ سېنى ئېلىپ چىقتى ،.. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە بىز ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇق ،باشقا ئەزالارغا تاراپ كېتىپتۇ ئۈچەيدىكى يارا ئورنى چوڭ بولغىنى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت چوڭ قاناش يۈز بېرىش ئىھتىمالى بار ئىكەن، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ...بىز ئىدىيەرىمىزدە تەيارلىق قىلىشىمىز كېرەككەن...

    بېشىڭدا تۇرۇمەن،ھەممە قېرىنداشلىرىم دادام ھەممىمىز بېشىڭدا، دوختۇر ئېيىتقان ئاشۇ ئاقىۋەت دەرۋەقە يۈز بەردى ،ئادەم دىگەن شۇنداقمۇ چىداملىق بولىدىكەن،سەن دوختۇرخانىغا كىرگەندىن باشلاپ تۈزۈككىنە تاماق يىگەنلىگىمنى تۈزۈككىنە ئۇخلىغانلىغىمنى بىمەيمەن ،ئاپام، سىڭلىملارنىڭ دىيىشىچە گۆردىن قېزىۋالغاندەك جۈدەپ كېتىپتىمەن،بىراق ئەينەككە قاراپ باقمىدىم قارىغۇممۇ يوق ،كاللام قۇپ_قۇرۇق،ئاڭسىز تەپەككۈرسىز ھالەتتە ساڭا بىر ساڭىلا سېنىڭ قانسىز تېخىمۇ ئاقىرىپ كەتكەن يۈزلىرىڭگە، تېخىمۇ قارىداپ ئۇزىرىغان قاش كىرپىكلىرىڭگە،قاراپلا ئولتۇرۇمەن، قەدەممۇ_قەدەم يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئەزرائىلنىڭ قەدەملىرىنى توسۇۋىلىش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالارمۇ دەپ ھەر بىر كىرىپ نىمىنىدۇر يېزىپ نىمىلەرنىدۇر ئۆلچەپ چىقىپ _كىرىۋاتقان دوختۇر سىستىرالارغا تەلمۇرۇمەن،شۇ مىنۇتلاردا بۇنىڭ بىر قورقۇنۇچلۇق چۈش بولۇپ قېلىشىنى ،كىمنىڭدۇر قاتتىق چىمدىشى بىلەن سىلكىنىپ ئويغىنىپ كېتىشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىۋاتاتىم ھە،،،ئەپسۇس بۇ بىر رىئاللىق كۆز يۇمغۇسىز رىئاللىق ئىدى، سەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىلتىماسىڭ بىلەن ئەكەلدۇرۇلگەن ئوغلىمىزنىڭ يۈزلىرىنى ھالسىز قوللىرىڭ بىلەن سىلىدىڭ، دادامغا مېنى ئوغلۇمنى تاپشۇردۇڭ،ھەممىسىگە رازىلىق بەردىڭ، قىيىن ئاپامنى ئەكىلىشكە قالغان ئاپامنى سورىدىڭ، نىمىشكە تېز كەلمەيدىغانلىغىغا نارازى بولدۇڭ،قوللىرىمنى ئاستا يوتقان ئىچىدىكى پۇتلىرىڭغا ياقتىم ئاھ پۇتلىرىڭ مۇزلاپ كەتكەن ئىدى،سەن قانداقتۇر بىر گەپلىرىڭ باردەك ماڭا قىيالماسلىق بىلەن قارايىتتىڭ، دادام نىمىنىدۇر چۈشەندى ئىھتىمال باشقىلارنى ئېلىپ ئاستا چىقىپ كەتتى.
_دىل مېنى كەچۈرۈڭ مېنى كەچۈرۈڭ مېنىڭ سۆيۈملۈك پەرىشتەم،
_ئۇنداق دىمەڭ، سىز ياخشى بولۇپ كېتىسىز ئۇنداق دىمەڭ،،
_سىزگە بەرگەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلالمىدىم،سىزنى بالىنى تاشلاپ كېتىدىغان بولدۇم،...سىز مەن بىلەن توي قىلىپ زادىلا بەخىتلىك بولالمىدىڭىز سىزنى تۈگىمەس جاپاغىلا قويۇپ كەلدىم،،،سىز بىزنىڭ جاپارىمىزنى بەك تارىتتىڭىز،مانا ئەمدى بىر بالا بىلەن ،يەنە كېسەلچان ئاپامنىمۇ سىزگە تاشلاپ قويۇپ كەتمەكچى بولۇۋاتىمەن..
_بولدى سۆزلىمەڭ جېنىم مەن ھەرگىزمۇ سىزدىن ئاغرىنمايمەن..
_ياق ،مېنى سۆزلىگىلى قويۇڭ، يەنە بىر ئازدىن كېيىن مەڭگۈلۈك سۆزلىيەلمەس بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن،مەن سىزنى سۈيىمەن، سىزگە راستىنلا قىيالمايۋاتىمەن،بالىمىزنى ياخشى تەربىيىلەڭ،ھەممىنى سىزگە قالدۇرۇپ كېتىدىغان بولدۇم،ھەممە جاپا ،،بۇلار سىزنى تۈگەشتۈرۈۋېتىدۇ، سىز،،، مەن سىزگە قىيمىساممۇ ئامال يوق يەنە چوقۇم ياتلىق بولۇڭ، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، مەن بىلەن توي قىلىپ تارىتقان جاپالارغا خاتىمە بېرىڭ بولامدۇ سىز ...سىز ماڭا ۋەدە بېرىڭ..چوقۇم _سەن ھاسىراپ كەتتىڭ، تىنىقلىرىڭ ئىتتىكلىشىپ كەتتى مەن قورقۇپ دەرھال دوختۇرنى چاقىرماقچى بولدۇم،
_ياق توختاپ تۇرۇڭ، ئاستىمدىكىنى ئېلىۋىتىڭە بەك پېتىپ كەتتى _قوللىرىمنى سېنىڭ ئاستىڭغا قويۇلغان سۇ سۇمۇرگۈچكە ئۇزاتتىم ...قان.قىپ_قىزىل قان، سۇ سۇمۇرگۈچ ئىچىڭدىن چىققان قاندىن ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى ..سەن تۇيۇقسىز سىلكىندىڭ_دە قوللىرىمنى ئاجايىپ بىر كۈچ بىلەن چىڭ سىقتىڭ:
_ياق،ياق مەن سىزگە قىيمايمەن،ياق،،،_ئۈمۈتسىز ھالەتتە نىدا قىلدىڭ_ئاھ ھايات،مەن سېنى سۈيەتتىم، مەن بۇنداق كېتىپ قېلىشنى خالىمايتتىم،دوختۇر چاقىرىڭ مېنى قۇتقۇزۇۋالسۇن ...مەن مەن سىز......_قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇۋالغان قوللىرىڭ شالاققىدە چۈشۈپ كەتتى...ياق.ياق جۈرئەت....دوختۇر!

——ئوغلۇم،مېنىڭ ئوغلۇم قېنى؟؟
__سەن زارىقىپ كۈتكەن ئاپاڭ دات سالغىنىچە كىرىپ ئۈستۈڭگە تاشلاندى،كىملەردۇر ئۇنى سەندىن ئاجرىتىۋىتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتاتتى،
——ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار!!_زەئىپ ئاۋازدا نىدا قىلدىم،شۇ ئارىدا ئاپاڭ قاتتىق بىر چىرقىرىدى_دە بىر ئىككى خارىت قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جىمىپ قالدى،
_ئاپا،ئاپا سىزگە نىمە بولدى،ئاپا، دوختۇر،تېز دوختۇر چاقىرىڭلار......
دوختۇرنىڭ ئۈمۈتسىز باش چايقىغىنىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم.....پۈتۈن دۇنيا،پۈتۈن كىشىلەر پىرقىراۋاتاتتى،سەن كىشىلەر توپى ئىچىدىن كۈلۈمسىرىگىنىڭچە چىقىپ ماڭا قول ئۇزىتىۋاتاتتىڭ،ئىھ نىمىدىگەن يېقىملىق كۈلكە،نىمىدىگەن ئىللىق دۇنيا،ئاپئاق كىيىملەر بىلەن چىرايلىرى نۇرلانغان ئاپاڭ نەھايىتى يېقىملىق تەبەسسۇم بىلەن ماڭا قول ئىشارىتى قىلىۋاتاتتى،ئۇھ مەن توي قىلىپ بۇ تۆت يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا قانچىلىك يېقىنچىلىق قىلماي قانچىلىك ئېغىرچىلىغىنى كۆتۈرمەي ،بۇنداق يېقىملىق كۈلگىنىنى بۇنداق خوشال ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن ،ئەزىزانە ئادەملىرىنى ئەزىزلىگەنلەرنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈشمۇ قانداق راھەت ھە؟!مەن بار كۈچۈم بىلەن ساڭا قاراپ يۈگۈردۈم، شۇ تاپتا ساڭا يېتىشىۋىلىش، سېنىڭ قولۇڭنى تۇتۇش ،سېنىڭ باغرىڭغا بېشىمنى قويۇپ،بەخىتتىن دۇپۇلدىگەن يۈرىگىمنىڭ تىۋىشلىرىنى ساڭا بىلدۈرۈشتىن ئۆزگە ئارمىنىم يوق ئىدى بىراق نىمە ئۈچۈنكىن مىخلىنىپ قالغاندەك جايىمدىن مىدىرالمايۋاتاتتىم،سەن نىمىشقا ياردەمگە كەلمەيدىغانسەن،نىمىشقا؟؟پۇتلىرىمغا ئېسىلىۋالغان بۇ نىمىدۇ؟...بۇ،بۇ كىم بۇ كىچىك بالىسىنى بۇ يەرگە تاشلاپ قويدىكىنە؟ۋۇ تاش يۈرەك نائەھلىلەر،نىمىدىگەن ئوماق بالا، بۇ زادى كىمنىڭ بالىسى؟؟؟ مۇشۇنداق ئوماق بالىنى تاشلاپ قويغان قايسى نائەھلى ئانا،بۇ، بۇ قانداق ئىش، قۇچىقىمدىكى نارىسىدە بىر دەمدىلا ساڭا ئوخشاپ قالدىغۇ، بىر چاغلاردا ئاپاڭ سېنىڭ ئاتا_ئاناڭ تۈگەپ كەتكەندە سېنىڭ مۇشۇنداق قالغىنىڭنى ئېيتىپ بەرگەندەك قىلغان،بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئاپاڭ تەسۋىرلىگەن ساڭا نەقەدەر ئوخشايدۇ ھە؟!«بالىمىزنى سىزگە تاپشۇردۇم ھەممە جاپانى سىزگە قويۇپ قويىدىغان بولدۇم،بالىنى ياخشى تەربىيىلەڭ!»سەن كىمگە گەپ قىلىۋاتىسەن ئەزىزىم، بىزنىڭ بالىمىز، بۇ بىزنىڭ بالىمىزمۇ،توغرا ئۇ ساڭا نىمانچە ئوخشايدۇ،توغرا،ئۇ قۇچىقىمغا چىقىپلا يىغىدىن توختىدى،ماڭا قاراپ شۇنداق تاتلىق كۈلدى،ئۇھ ئۇنىڭ كۈلكىسى نىمانچە تاتلىق ....مەن زادى نەدە؟بۇ قەيەر؟؟
_قىزىم.._بۇ ئاۋاز ئاپامنىڭ ئاۋازىغا نىمانچە ئوخشايدۇ؟ئۇ كىمدۇ،نىمانچە يىغلايدۇ،«ئۇندەق قىلمىغىن،كۈزۈڭنى ئاچقىن بالىغا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ!»ئەمدى بۇ كىمدۇ؟ئۇنىڭ ئاۋازى نىمانچە مىھرىبان،ئەجەپ دادامنىڭ ئاۋازىغىلا ئوخشايدۇغۇ؟؟«ۋاي_ۋۇي، بۇ نىمانچە كۆپ كۆلەڭگۈلەر،غۇۋا مىدىرلاۋاتقان كىملەردۇ؟ۋايەي ،تامىقىم قۇرۇپ كېتىپتۇ،ماڭا سۇ بەرسە بولمامدىغاندۇ..سۇ سۇ ..
_دوختۇر ئۇ ھوشىغا كەلدى،دوختۇر...!!




     شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ تۈگىمەس يىغا زارە،ئازاپلىق تولغىنىش، كېچە_كېچە ئۇيقۇسىز تۈننى تاڭغا ئۇلاشلار...ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى.مەن بىرلا ۋاقىتتا سېنى ھەم سېنى بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىقىنىڭ بىردىن_بىر تۈۋرىكى قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئاپاڭنى تەڭلا ئۇزۇتۇپ قويدۇم،ئاخىرقى نەپسىڭگىچە مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمدىن قايغۇرۇپ گەرچە خالىمىساڭمۇ ماڭا بەخىت تىلەپ،كىسەلچان ئاناڭنىمۇ ماڭا تاشلىغىنىڭغا ئۆكۈنۈپ زارلانغان ئىدىڭ، سەن ئۈچۈنلا بۇ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن،سېنى ئەڭ ئاخىرقى خوشاللىقى قىلىۋالغان ئاپاڭ بۇ چوڭ زەربەگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىدى، دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە قاتتىق ،ئەسەبى ئازاپتىن مىڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىپ كەتكەن ئىكەن،مەن ھىچنىمىنى بىلمەي،ھىچنىمىگە ئارىلاشماي،سېنىڭ، ئاناڭنىڭ تاۋۇتلىرىنى ئايلىنىپ ھەممە دەرىت پىغانلىرىمنى تۆكۈپ يىغلاشلاردىن مۇستەسنا دوختۇرخانىدا ھوشۇمدىن كەتكىنىمچە ئونبەش كۈن ھوشسىز يېتىپتىمەن،دوختۇرنىڭ دىيىشىچە تېنىم قاتتىق ئاجىزلاپ كەتكىنى ئۈچۈن ھىچقانداق ئوشۇق ھاياجانلىنىشلارنى كۆتۈرەلمەيدىكەنمەن ،چوقۇم قاتتىق كۈتۈنۈشۈم كېرەك ئىكەن،سېنىڭ ۋە ئاپامنىڭ نەزىر _چىراق ئىشلىرىنى دادام باش بولۇپ ئۆتكۈزدى ھالبۇكى مەن دوختۇرخانىدا يېتىشتىن باشقىنى قىلالمىدىم مەن قانچىلىك يالۋۇرماي، ئاچچىقلانماي،زارلانماي دوختۇرخانىدىن چىقىشىمغا دوختۇرمۇ ئاتا_ئاناممۇ قوشۇلمىدى،شۇنداق قىلىپ مەن سەن ئۈچۈن ياقا يىرتىپ يىغلىيالمىدىم،دات(پەريات سېلىپ ئىچىمدىكى پىغانلىرىمنى تۆكەلمىدىم...دوختۇرخانىدا ئۈنسىز،يىغلاشقا،سائەت_سائەتلەپ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تامدەك تاتىرىپ يېتىشقا مەجبۇر بولدۇم،دوختۇرلارنىڭ ،ئاتا_ئانامنىڭ كۆيۈنۈش،كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن قىرىق كۈن ئۆپچۈرىدە دوختۇرخانىدىن چىقتىم،مۇشۇنچىلىك ياخشى بولۇشۇمغا يەنە سېنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن بىردىن_بىر ئۈمۈدۈڭ ئوغلۇم سەۋەپچى ئىدى،دوختۇرخانىدىن چىقىپلا ئۆيدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي ئاشۇ يېزىغا، سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن گەرچە قىسقا جاپالىق بولسىمۇ مەن ئۈچۈن شۇنچە قىممەتلىك بولغان خاتىرىلىرىمنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئۆيۈمگە كەتتىم،ئاپام بىر يىلغا قەدەر ھەمرا بولدى،كېيىن مەن ئۇنى ئۈزۈم كەتكۈزۈۋەتتىم،چۈنكى ئاپام مېنىىڭ يىغلىشىمغا،تاڭ سەھەرلەردە دەرىزىنى ئېچىۋىتىپ سەن ۋەئاپاڭنى مەڭگۈلۈك قوينىغا ئالغان تاغ باغرىدىن كېلىۋاتقان سەھەر شامىلىدىن قېنىپ_قېنىپ سۇمۇرۇشۇمگە،سەن چۈشۈمگە كىرگەن ئاخشاملىرى ئەلبۇمنى ئېلىپ جانسىز سۇرىتىڭنى كۆز ياشلىرىم بىلەن نەمدەپ،سەن بىلەن خىيالەن پىچىرلىشىپ چالا قالغان ئارمانلىرىمنىڭ،ئارزۇلىرىمنىڭ داۋامىنى ئېيتىشىمغا ،تالادا ئويناپ كىرگەن ئوغلۇمنىڭ «ئاپا،دادام قېنى ئۇ قاچان كىيىدۇ؟»دىگەن سۇئاللىرىغا ئۇنى قۇچاقلاپ بەزلىگەچ ،تارام_تارام ياشلىرىمنى يۇشۇرالماي قىينىلىشلىرىمغا،جىمجىت كېچىلەردە بۇقۇلداپ يىغلاپ« ئەزىزىم بىزنى تاشلاپ كەتمەڭ،سىز بىزنى تاشلاپ كەتسىڭىز بولمايدۇ»دەپ نىدالىق جۆيلۈشلىرىمگە ،سىرىتتىن« شۇم ئاياغ ئىكەن ،ئازغىنە ۋاقىتتىلا ساپ_ساق ئىككى ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى»«ياش چىرايلىقلا تۇل قالدى،ئەرلىرىمىزگە ھىزى بولايلى»دىگەندەك ئىنسان تەبىئىتىمىزگە سىڭىپ كەتكەن پىتنىخورلۇق كېسىلىنىڭ ئاسارىتىدە قالغان ناتىۋانلىرىمىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆيگە كېلىپ بارلىق ئەلەم، نىدالىرىمنى سەن ئۆز ۋاقتىدا بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان «شەھلا كۆز»دەپ ئەركىلىتىدىغان كۆزلىرىمدىن ئېلىشىمغا يول قويمايتتى......شۇندىن بېرى مەن سېنىڭ مېنىڭ ئىزىم چۈشكەن بىز تۇنجى تونۇشقان ،ئۆزىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىكلەر سېپىغا قوشۇشقا ئاساس بولغان سۆيۈملۇك كىچىككىنە ئائىلىمىز بار مۇشۇ تاغلىق يېزىدا ياشاپ كېلىۋاتىمەن،ناگان_ناگان چۈشلىرىمگە كىرىپ قالىسەن،شۇ كېچە،مۇشۇ تاتلىق ،ئازاپلىق،ئاچچىق ئەسلىمىلەر كۆزلىرىمدىكى ئۇيقۇ پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلايدۇ، بۇ كارتىنىلار ئىچىدە تىنماي ئايلىنىدۇ، يىغلايدۇ، ئۆكسۈيدۇ، ئەلەملىك ئۇھ تارتىدۇ..............
_ئاپا، مەن ئۇسساپ كەتتىم،
چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، تاڭ سۈزۈلۈپ، يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ بېتى ۋاراق ئاچقان ئىدى
.....



    
سۇيۇملۇك ئوقۇرمەنلىرىم،بۇ بىر راس بولغان ۋەقە،مېنىڭ بۇ پىرسۇناژلىرىم ھېلىمۇ ئاشۇ خىلۋەت يېزىدا ئەسلىمە، سېغىنىشنى ھەمرا قىلىپ ياشاپ كەلمەكتە، ھايات ئۇنى ئەلەملىك يىغلىتىپ يېقىن ئادىمىدىن ئايرىغان بولسىمۇ شۇ ئادىمىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن يۈرەك پارىسى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەسەللىسى،ئۇ مەيلى سىرىتلاردا قانچىلىك پىتنە_ئىغۋالارغا ئۇچرىسۇن ،تۇرمۇشىدا ئەر كىشى قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى يالغۇز چىقىپ نازۇك جىسمى سۇلمىسۇن ئۇنىڭغا ئۈمۈت بولۇدىغىنى يەنىلا ئاشۇ يۈرەك پارىسى، ئۇ ھەر ۋاقىت يولدىشىنىڭ «مەن بىر يېتىم، ئەمدى سېنى يېتىملىك كوچىسىدا سەرسەن قىلمايمەن جىگىرىم»دىگەن گېپىنى ئەسلەپ تۇرۇدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەمدى ھەر قانداق ئېغىر مۇشكۇلاتلارنى يېڭىشقا بەل باغلىغان،بىز ئۇنىڭغا جاسارەت، كۈچ تىلەيلى، بەخىت تىلەيلى،ئىشىنىمەنكى ئاللانىڭ ئېغىر سىناقلىرىدىن ئۆتكەن كىشىلا كېيىن ھەقىقى راھەت،بەخىتنىڭ ئىگىسى بولالايدۇ.....

تۈگىدى.


تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-05, 09:32

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(suzuk881) نادىر ئەسەر
  • ئىجادىيىتىم،ئۆز قەلىمىم،
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-05 17:27 |
    amannisa319
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 70156
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 242(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    ئانىنىڭ كېلىنگە نەقەدەر ئۆچ بولۇپ ئۇنىڭ رەسىمىگە يىڭنە سانجىغىنىنڭ سەۋەبى نېمە ئەمدى

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 19:17 |
    abdulhamit
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 27439
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 147
    شۆھرەت: 148 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1419 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 207(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-05

     

    ساقلىۋىلىپ كىيىن كۆرەي ، رەخمەت سىزگە.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 20:14 |
    abdulhamit
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 27439
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 147
    شۆھرەت: 148 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1419 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 207(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-05

     

    ساقلىۋىلىپ كىيىن كۆرەي ، رەخمەت سىزگە.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 20:39 |
    suyumlugum
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 8553
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 77
    شۆھرەت: 157 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 572 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 145(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

             كۆرۇپ بەكلا كۆڭلۇم يېرىم بولدى ،ئاللا ئۇلارنى بەخىتلىك قىلغاي،  

    ھەقىقىي مىسۋاك
    سەن مېنىڭ ھاياتىم
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 21:09 |
    uyghur778
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72153
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 120 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-05

     

    بەك ياخشې تېمىكەن رەخمەت سېزگە .... بۇنداق ياخشىتېمىلابۇلسا يوللاپتۇرارسېز .........

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 21:23 |
    Gulgina
    لوپنۇر قىزى
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 1536
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1698
    شۆھرەت: 1730 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17000 سوم
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 56 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 800(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

     

      يۈرىكىم ئىزىلىپ كەتتى ، مۇشۇ مىنۇتلاردا گىلىمنى بىر نەرسە بوغىۋالغاندەك بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن ، تەقدىر ئادەمنى ھەر ئىشقا دۇچار قىلىدۇ ھە

    ھەقىقىي مىسۋاك
    كۈڭۈل خالىغاننى قىلما
    ۋىژدانىڭ كۈتۈرگەننى قىل
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 21:51 |
    ARMANIM810
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 59282
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 254
    شۆھرەت: 255 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2419 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 654(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

     

    تېما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت، ئاللا ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار تۆكۈلدى، بەكلا تەسىرلەندىم، ئاللا ئۇ «شەھلا كۆز»گە تېخىمۇ كۆپ مەدەتلەرنى، بەرىكەتلەرنى بەرسۇن، بىزنى مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇراشتۇرۇپ تۇرۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.يەنە بىر قېتىم رەخمەت.ئاللا بەختىڭىزنى بەرسۇن.....

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 11:25 |
    negar
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 53795
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 85
    شۆھرەت: 92 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 895 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 186(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    Quote:
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىamannisa319نىڭ2009-02-05 19:17 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئانىنىڭ كېلىنگە نەقەدەر ئۆچ بولۇپ ئۇنىڭ رەسىمىگە يىڭنە سانجىغىنىنڭ سەۋەبى نېمە ئەمدى

    سىز ئەسەرنى ياخشىلاپ ئوقىغان بولسىڭىز چۈشىنەلەيىتتىڭىز.ئانا ھەممە نىمىدىن ئايرىلىپ پەقەت شۇ بالا بولغىنى ئۈچۈنلا  بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى شۇ بالىسىغا بېغىشلاپ ئۆتىدۇ.ئانا ياخشى كۆرگەن يولدىشى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلىدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالامايدۇ،بىر تۇققان قېرىندىشى يۈزسىزلىك قىلىپ پۈتۈن مال-دۇنيانى ئۆزى ئېلىپ چەتكە چىقىپ كېتىدۇ،بىردىن-بىر يېقىن تۇققىنى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلىپ ئانىغا پەقەت شۇ بىرتال بالىلا ھەمرا بوپ قالىدۇ پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن بالىسى ئۈچۈن ياشاۋاتقان ئانا بالا چوڭ بولۇپ باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلغاندا بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان مىھرىگىمۇ باشقىلار تاجاۋۇز قىلىۋاتقاندەك ،ئەمدى بالىسىنىمۇ باشقىلار تارتىۋىلىپ بارغاندەك ھىسسىياتقا كېلىدۇ.(بۇنىڭغا مىڭە قورۇلۇش كىسىلىنىڭ دەسلسەپكى ۋاقتى قوشۇلۇپ تېخىمۇ شۇنداق تۇيغۇدا كېلىنىگە ئۆچلۈك قىلىدۇ)

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ئىجادىيىتىم،ئۆز قەلىمىم،
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 11:38 |
    nazira138
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23081
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 886
    شۆھرەت: 897 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1611 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 639(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    بەك  تەسىرلىك يىزىپسىز  ، ئوزەمنى  تۇتالماي  يىغلاپ  تاشلىدىم ، ئاللاھ  شۇ  <  شەھلا  كوز > گە
    تىخىمۇ   چىدام ، غەيرەت  ئاتا  قىلسۇن !

    سەۋرى  قىل  !!!!!!  بۇ  كۈنلەرمۇ    ئوتۇپ  كىتىدۇ ............
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 13:08 |
    murxidi
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 11747
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 239
    شۆھرەت: 290 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2390 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 437(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    نىگارىم ئايلىنارمەن سىز يېزىپ سۇنغان ئەسەر لەردىن ،
    جاھان ئۇيقىدا سىز ئويغاق ،تۈكۈلگەن ئۈنچە  - زەرلەردىن .
    شۇئالتۇن   تەندە ئۆزلۈك سىز تەپەككۇرلار... قاناتلانغاي ..،
    ئېچىلغاي گۈل  گۈلىستانلار  قەلەم چاپقاندا    تەرلەردىن .
    [ بۇ يازما murxidi تەرپىدىن2009-02-06 13:18دە قايتا ]

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 13:12 |
    amannisa319
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 70156
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 242(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    Quote:
    بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىnegarنىڭ2009-02-06 11:38 دە يوللىغان يازمىسى   :

    سىز ئەسەرنى ياخشىلاپ ئوقىغان بولسىڭىز چۈشىنەلەيىتتىڭىز.ئانا ھەممە نىمىدىن ئايرىلىپ پەقەت شۇ بالا بولغىنى ئۈچۈنلا  بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى شۇ بالىسىغا بېغىشلاپ ئۆتىدۇ.ئانا ياخشى كۆرگەن يولدىشى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلىدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالامايدۇ،بىر تۇققان قېرىندىشى يۈزسىزلىك قىلىپ پۈتۈن مال-دۇنيانى ئۆزى ئېلىپ چەتكە چىقىپ كېتىدۇ،بىردىن-بىر يېقىن تۇققىنى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلىپ ئانىغا پەقەت شۇ بىرتال بالىلا ھەمرا بوپ قالىدۇ پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن بالىسى ئۈچۈن ياشاۋاتقان ئانا بالا چوڭ بولۇپ باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلغاندا بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان مىھرىگىمۇ باشقىلار تاجاۋۇز قىلىۋاتقاندەك ،ئەمدى بالىسىنىمۇ باشقىلار تارتىۋىلىپ بارغاندەك ھىسسىياتقا كېلىدۇ.(بۇنىڭغا مىڭە قورۇلۇش كىسىلىنىڭ دەسلسەپكى ۋاقتى قوشۇلۇپ تېخىمۇ شۇنداق تۇيغۇدا كېلىنىگە ئۆچلۈك قىلىدۇ)

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 15:00 |
    amannisa319
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 70156
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 242(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    رەھمەت چۈشەندۈرۈپ قويغىنىڭىزغا،مەن ئانچە چوڭقۇر تەھلىل قىلماپتىمەن.بەك ياخشى تەسىرلىك يېزىپسىز،ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.   

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 15:04 |
    aspiranit
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 42397
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 104
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1039 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

     

    ھاياتىدىكى ئەڭ سۈيۈملۇك كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسۇمۇ ئاللاھنى يات ئېتىپ ،سەۋىرنى دوست تۇتۇپ غەيرەتلىك ياشىشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن. ئاللاھ شۇ ئاجىزە قىزغا سەۋىر بەرگەي، كېيېنكى كۈنلىرىنى بەركەتلىك قىلغاي. دوستۇم بۇ دۇنيادا يەنىلا ياخشى ئادەم كۆپ،ئۇمۇتۋار ياشاڭ!بولسا بۇ دۇنياغا باشقىدىن كۈلۈپ قاراڭ!سىزگە بەخىت تىلەيمەن.

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 15:28 |
    aminem
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37815
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    شۆھرەت: 61 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 515 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

     

    مانا موشۇنداق ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئىپادىلەنگەن ساپ مۇھەببەت ئادەمنى يىغلىتالايدۇ. اللاھ ھەممە ئاجىز بەندىلىرىنى ئامان قىلسۇن.  تىما ئىگىسىگە كوپ رەخمەت.

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 15:51 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:02-07 23:11, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ