يافەس ئەلەيھىسسالام مەنزىلى فانىيدىن سەرايى جاۋدانغە مەيل قىلدى. ئەرشەد ئەۋلادى تۈرك ئىدى. قايىم مەقامى يافەس بولدى. يافەس ئوغلان ئاتادىلار. يافەس ئوغلان ئاۋۋال پادىشاھى دىيارى مەشرىق ئېرۇر. بەش ئوغلى بولدى: ئاۋۋال ئەلەمچە، ئىككىنچى تۈتەك، ئۈچىنچى چىگىل، تۆرتىنجى لىھار، بەشىنچى ئىملاق.
يافەس ئوغلان بەسىي مەردانە ۋە دىلاۋەر ۋە ئادىل ئېردى. 240 يىل پادىشاھلىق قىلىب ئالەمدىن سەفەر قىلدى. تەمام خەلايىق مەسلەھەت قىلىب ئەلەمچەنى خان كۆتەردىلەر. ئەلەمچەخان شىكار قىلىب يۈرگۈنچە مەيلى كەباب بولدى. جانۋەرى كەباب قىلدى. تەنەۋۇل قىلغۇنچە پارچە گوشت قولىدىن يەرگە تۈشتى. ئالىب يېدى. قەزارا ئول يەر تۇز ئىدى. ئەجەب لەزىز ۋە تاتلىق تاتىدى. تۇزنى تەئامغە زەم قىلماق ئاندىن پەيدا بولدى.
ئەلەمچەخان خەلقى ئوبدان، مەملەكەت [نى] مەئمۇر قىلدى. سىپاھى ۋە رەئىيەتنى ئاسۇدە ۋە مەرفە ئەلھال قىلدى. ئەلەمچەخان ۋەفات بولدى. ئوغلى دىبا قەۋىنى خان كۆتەردىلەر. دىبا قەۋى خان بىلە چىن ئىبنى يافەس ماچىن ياغى بولدى. چىن شەھرى بەنا قىلىب ئىدى، چىن ئاتادىلار. ماچىن ئات قويدىلار، ماچىن بەنا قىلغان شەھەرگە چىنماچىن مەشھۇر بولدى. دىبا قەۋى خان چىنماچىننى ئۆزىگە تابە قىلدى. دىبا قەۋى خان دۇنيادىن ئۆتتى. ئوغلى كۈيۈكخان تەختىغە بەرقارار بولدى. بەسىي ئۇلۇغ خان بولدى. كۈيۈكخانغە ئەجەل يەتتى. ئەرسە ئوغلى ئەلەمچە خاننى تەمام ئۇلۇس يىغىلىپ خان كۆتەردىلەر. ئەلەمچە خان پادشاھ [نىڭ] بۇزرۇگ مەنىش، بەشەۋكەت، مەردانە ۋە ھۈنەرمەندلىق ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بىرىنىڭ ئاتى تاتار، بىرىنىڭ ئاتى موغۇل. ئەلەمچە خان مەملەكەتنى ئىككى ھەسسە قىلىب بىرىنى تاتارغە، بىرىنى موغۇلغە بەردى. ئەلەمچە خان ۋەفات بولدى. نىسىفى مەملەكەتىغە تاتار خان پادشاھ بولدى. تاتارخاننىڭ نەسلىدىن سەككىز تەن خانلىق قىلدى. تاتار خان، بۇقاخان، ئەلەمچە خان، ئالتايخان، ئوردۇخان، ئىنىسخان، سېۋىنچ خان، ئاخىر[قى]خان تاتار دۇرۇر. بۇ سېۋىنچ خاننىڭ ۋەختىدە بەسىي فىتنە-فەساد فەيدا بولدى. تەدارۇك قىلالمادى......(ئەسلىي قوليازمىدا مۇشۇ جاي ئاق قالغان). موغۇلخان پادىشاھى بەشەۋكەت، بەھەشەمەت ۋە بەھادۇر، جەۋانمەرد خان ئىدى. داد-ئەدل قىلىب خەلقىنى ئوبدان ۋە يۇرتىنى مەئمۇر قىلدى. تۆرت ئوغلى بار ئىدى: ئاۋۋال قاراخان، ئىككىنجى ئۇزخان، ئۈچىنجى كەزخان، تۆرتىنجى ئوڭخان. موغۇل ئالەمدىن ۋىدائ قىلدى، قاراخان ئاتاسى موغۇلخاننىڭ ئورنىدا خان بولدى. قاراقۇرۇم، دەرتاق ۋە كەرتاق دېگەن يەردە ساكىن بولدى. بەسىي جەمئىيەت فەيدا بولدى. تەڭرىتەئاللاھ قاراخانغە بىر ئوغۇل ئەتا قىلدى، بىسيار ساھىبجەمال. كېچە-كۈندۈز ئاناسىنى ئەممەدى.
http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=242&extra=page%3D1