ج خ مېنىستىرلىكى ساختا «糖脂宁 كاپسۇلى» دېلوسىدىكى گۇماندارغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
«خەلق تورى» بىيجىڭ 5 - فىۋرال تېلېگراممىسى . 5 - فىۋرال ج خ مېنىستىرلىكى B دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگىنىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ساختا «糖脂宁 كاپسۇلى» سېتىش دېلوسىدىكى قېچىپ يۈرگەن باش جىنايەتچى لى دوڭ (李冬) نى تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى .
1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىككى نەپەر ئايال بىمار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ساختا «糖脂宁 كاپسۇلى» ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن . ج خ مېنىستىرلىكى تېزدىن ئالاقىدار يەرلىك ج خ ئورگىنىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى . شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرى تېزدىن بۇ دېلوغا قول سېلىپ ئىشلەپ بۇ دېلونى تېزدىن پاش قىلدى ھەمدە 5 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى . دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە ، جىنايەت گۇماندارى لى دوڭ (李冬) [ئەر ، خەنزۇ ، 1970 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇغۇلغان . كىملىك نومۇرى 211302197005010410 ئىكەنلىكى ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى چاۋياڭ شەھىردىن] نىڭ كۆپ رايونلاردىن ساختا دورىلارنى سېتىشقا چېتىشلىق بولۇش قېچىپ يۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى .
يۇقارقى جىنايەت گۇماندارىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى بايقاپ پاش قىلىپ ، تۇتۇشتا تۆھپىسى بار ئورۇن ياكى شەخىسلەرگە ج خ ئورگىنى 10 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ . سۈرەتتە : جىنايەت گۇماندارىنىڭ لى دوڭ .
http://news.sina.com.cn/c/2009-02-05/105417154437.shtml