ئاپتۇر :كامىلجان ناسىر(دىلداش)
خەقنى دوراپ يۈرىۋاتىمىز،
خىيال سۈرۈپ كۈلىۋاتىمىز.
ئەجىر قىلماي ئەۋلادلار ئۈچۈن،
ماختىنىپلا يۈرىۋاتىمىز .
كۈن ئۆتكۈزدۇق ھاراقنى ئىچىپ،
مەسىت بۇلۇشتۇق ،ياخشىدىن كىچىپ.
ئۇيۇن دىسە بارىمىز ئەۋۋەل ،
ئۈگۈنۈشتىن يۈرۈيمىز قىچىپ .
كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ ،
بىزنى دەۋىر كۈتىۋاتىدۇ.
ئويلىنايلى تەقدىر ئۈستىدە،
دىل غەپلەتتە يىتىۋاتىدۇ.
قەدىرلەيلى كۈنلەرنى ھامان،
ئۈگۈنەيلى بارساق ھەر قايان.
ئەجىر قىلغان يايرايدۇ كۈلۈپ،
ئەجىر سىزگە يوقتۇر ھىچ ھايان.
ئاپتۇر :كامىلجان ناسىر(دىلداش) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيېسىدە شىپاگەر .[ بۇ يازما deldax تەرپىدىن2009-02-05 23:30دە قايتا ت ]