سۇئال؛(سۇئال سورىغۇچى بىر مۇسۇلمان قىزچاق)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم مىنىڭ بەش ياشلىق سىڭلىم بار ئىدى،مەن ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى يادا ئالدۇراي دىگەن ئىدىم ئىشنى قەيەردىن باشلايمەن؟قانداق باشلايمەن؟
جاۋاپ؛(جاۋاپ بەرگۇچى ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورىنىڭ نازارەتچىسى ئۇستاز مۇھەمەد سالىھ مۇنەججىد)ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق مەدھىيە ئاللاغا ىاس،ئاللانىڭ ئەلچىسىگە رەھمەت ۋە خاتىرجەملىك يار بولسۇن،
بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ دىنى تەربىيە ئىلىپ بىرىش،ئۇلارغا ئاللانىڭ كىتابىنى ياد ئالدۇرۇش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇننەتلىرىنى ئۇگىتىش ناھايتى ئۇلۇغ بىر ئىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ،بولۇپمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بالىلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى تەربىيلەشكە سەل قاراۋاتقان ۋە ئۇلارنى نەدىكى بىر ئاخىرەتلىكىگە مەنپەئەتى يوق نەرسىلەر بىلەن كاشىلا قىلىۋاتقان،ئۇلارغا ئۇلگە بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن يەنە تىخى ئادەم تىلغا ئىلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇگىتىۋاتقان بۇگۇنكىدەك كۇنلەردە تىخىمۇ شۇنداق،
ھۆرمەتلىك سىڭلىم سىزنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك سۇئالىڭىز ئۇچۇن سىزگە رەھمەت ئىيتىمىز ۋە ئاللادىن سىزنى بۇ ئىش ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا مۇستەھكەم قىلىشىنى ۋە ياردەم بىرىشىنى ۋە سىزگە قىيامەت كۇنى ئەجىر بىرىشىنى سورايمىز،ئەمەل دەپتىرىدە ياخشى ئەمەللەر تولۇپ تۇرغان ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئۇچىرشىش نىمە دىگەن ياخشى ئىش ھە!!!
ئەمدى كىچىك سىڭلىمىز ۋە ئۇنىڭ قۇرئاننى يادىلاش مەسىلىسىگە كەلسەك بىز تۆۋەندىكىدەك مەسلەھەت بىرىمىز؛
1،ئوقۇش ۋە يادىلاشقا ئاسان بولغىنى بىلەن باشلىشى كىرەك،ئۇ ئەلۋەتتە سۇرە پاتىھە، ۋە ئاندىن ئاخرقى پارىدىكى قىسقا سۇرىلەردۇر،ئاسان بىلەن باشلاش كىيىنكى ئىلگىرلىشىگە ياردەم بىرىدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ناماز باشلىغاندا ئۇنىڭ بۇ سۇرىلەرگە بەكرەك ھاجىتى چۇشىدۇ،
2،پىششىق يادىلىشى ۋە كىيىن يادىلايدىغانلىرىغا قولاي بولىشى ئۇچۇن ھەركۇنى ئاز-ئازدىن يادىلىشى لازىم،كۇندە قانچىلىك مىقداردا يادىلىشىنى ھەر بالىنىڭ ئەستە تۇتۇس قۇۋۋىتى ۋە قابىليىتىگە قاراپ بىكىتسە بولىدۇ،
3، ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن يادىلاپ بولغان سۇرىلەرنى قايتا-قايتا كۆپ تەكرا قىلىشى ۋە داۋاملىق ئىلگىرلەش ئۇچۇن ھەركۇنى يىڭى سۇرىلەرنى يادىلاپ تۇرىشى كىرەك،
4،يادىلاش ۋە ئۇگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ئۇچۇن ھەربىر پارىنى تۇگەتكەن ۋاقتىدا ئۇنى تەقدىرلەپ مۇكاپاتلاپ تۇرۇش كىرەك،
5،دەسلەپتە يادىلىغاندا ئايەتلەرنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سىلىپ بىرىش ۋە تەكرارلاپ بىرىش كىرەك،بۇ ئادەتتە يادىلاشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بولىدۇ،بۇنى ھەتتاكى ئۇ قۇرئان كەرىمنى باشقىلار كۆرسىتىپ بەرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزى مۇستەقىل توغرا تەجۋىدلىك ئوقۇيالىغۇدەك بولۇچە داۋاملاشتۇرۇش كىرەك،
6،ئۇ ناماز پەرىز بولىدىغان بالاغەت يىشىغا يەتكەن ۋاقتىدا ئۇنى يادىلىغان سۇرىلىرىنى ھەركۇنلۇك پەرىز ۋە نەپلە نامازلىرىدا ئوقۇشقا ئادەتلەندۇرۇش كىرەك،
7،ئايەتلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى توغرا چىقىرىشى،تىلاۋەتنى چىرايلىق قىلىشى،يادىلاش ۋە ئەستە ساقلىشىغا ياردىمى بولىشى ئۇچۇن ئۇنى يادىلان ئايەتلەرنى ئۇنئالغۇ لىنتىسى ياى كومپىيۇتىر،،،دىن داۋاملىق تىڭشاشقا ئادەتلەندۇرۇش كىرەك،
8،ئۇنىڭ يادىلىشىغا بامدات نامىزىدىن كىينىكى ۋاقىت ۋە شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارلىقىدىكى ۋاقىتقا ئوخشاش ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە مەشغۇلات ئاز ۋاقىتنى تاللاپ بىرىش كىرەك،ئۇنى قورسىقى ئىچىپ كەتكەن،ئۇيقۇسى كىلىپ كەتكەن ۋە ياكى چارچاپ كەتكەن ۋاقىتلاردا يادىلاشقا مەجبۇرلاشتىن ساقلىنىش كىرەك،
9، يادىلاشقا رىغبەتلەندۇرۇش ۋە قىزىقتۇرۇش ئۇچۇن ۋە باشقىلارنىمۇ بالىلىرىنى موشۇنداق تەربىيلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئۇچۇن ئۇنى قوشنىلار ۋە يىقىن يورۇقلارنىڭ ئالدىدا ماختاپ قويۇش كىرەك،ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتا ئۇنى ھەسەتخۇرلارنىڭ ھەسەت كۇزىدىن ساقلاش ئۇچۇن ئاللاغا دۇئا قىلىش كىرەك،
10،يادىلاشتا باشتىن ئاياغ بىرخىل نۇسخدىكى قۇرئان كەرىم ئىشلىتىش لازىم،بۇ ئۇنىڭ زىھنىدا ئايەتلەرنىڭ ئورنىنى ياخشى ساقلىشىۋىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ،
11،ئۇنىڭ يادىلىش بىلەن بىرگە يىزىش قابىلىيتىنىمۇ يىتىلدرۇرىشى ۋە يادىلىغان نەرسىلىرىنى ئىسىدە تىخىمۇ ياخشى ساقلىشىغا ياردىمى بولىشى ئۇچۇن يادىلىغان جايلىرىنى يىزىپ چىقىشقا رىغبەتلەندۇرۇش كىرەك.
ئاللا مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلغۇچىدۇر.
مەنبە؛خەنزۇچە ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى.
http://www.islam-qa.com/zh/