(خۇرۇچى)
قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، قۇيرۇق ياغ 250گرام، پىياز ئۈچ باش، تۇخۇم تۆت دانە، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.
(ئېتىش ئۇسۇلى)
1.ياغ بىلەن گۆشنى باش بارماقنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلۇقتا، يېرىم سانتېمىتىر قېلىنلىقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ ئۇششاق چانالغان پىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن تۆمۈر زىخقا تۆت تال گۆش، بىرتال ياغ ئۆتكۈزۈلسە (500گرام گۆش 10زىخقا ئۆتكۈزۈلسەمۇۋاپىق) بولىدۇ.
2.كاۋاپدانغا ئىس يوق كۆمۈر قالاپ، كۆمۈر كۆيۈپ چوغ بولغاندا، زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىگە يۇمشاق تۇز سېپىپ، ئىككى مىنۇت قويۇپ، ئاندىن سوققان لازا سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ. كاۋاپ پىشاي دېگەندە، ھەر ئىككى تەرەپكە تۇز، لازا سېپىلىدۇ.
مەنبەسى: «ئۇيغۇر تائاملىرى» كىتابىدىن