سىز بۇ تېمىنىڭ 284 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: <<يۇشۇرۇن ئېنىرگىيە>>ئالەمنى ئىدارە قىلماقتا پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ئۇيغۇرجان
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 27071
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 360
شۆھرەت: 411 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7009 سوم
تۆھپە: 31 نۇمۇر
ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1075(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29

 <<يۇشۇرۇن ئېنىرگىيە>>ئالەمنى ئىدارە قىلماقتا

<<يۇشۇرۇن ئېنىرگىيە>> ئالەمنى ئىدارە قىلماقتا


تېمامنى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلىڭ!



  
ھازىر ئاسترونۇملار بۇنىڭدىن تەخمىنەن يەتتە مىليارد يىللار ئىلگىرى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ ئالەمنى تىزگىنلەش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئىدارە قىلىش ھوقوقىنىڭ سىرلىق يۇشۇرۇن ئېنىرگىينىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىگە ئېشىنىدۇ.نېمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق بولغان؟بۇ ئەھۋال قانداق يۈزبەرگەن؟بۇنى تېخى ھىچكىم چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ.كىشىلەر يۇشۇرۇن ئېنىرگىيېنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلگەندىن باشقا ، يۇشۇرۇن ئېنرىگىيە ھەققىدە ھېچقانداق تونۇشقا ئىگە ئەمەس. بۇ ئىلىم-پەندىكى ئەڭ چوڭ سىر بولۇپ تۇرماقتا.

1915.يىلى ئېنىشتىيىن ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى كەڭ مەنىدىكى نىسپيلىك نەزىرىيسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.بۇ نيۇتۇن دەۋرىدىن كېيىن ئېغىرلىق كۈچ نەزەرىيسىنىڭ تۇنجى قىتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدى. 1917.يىلى ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىنىڭ فورمۇلىسىنى ئالەمگە تەدبىقلاپ ، ئالەمنىڭ ماھىتىگە قارىتا يېڭى بىلىشكە ئېرىشكىلى بولۇش-بولماسلىق ھەقتە كۆپ ئىزدىنىدۇ.
  




    
ئۇنىڭ فورمۇلىسى ئۇنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ. فورمۇلا ئالەمنىڭ كېڭىيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.ئۇ دەۋىرلەردە ئالىملار ئالەمنى تېنچ مۇقىم تۇرىدۇ ،ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايتتى. بۇ خىل كۆز قاراش شۇ چاغلاردىكى ئاسترونومىيلىك كۆزىتىش ۋە ئۆلچەشلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى. ئالەمنىڭ كېڭىيشى توغرىسىدىكى نەزەرىيە بىمەنىدەك تويۇلاتتى. ئالەم قەيەردىن باشلاپ كېڭەيگەن؟ قايسى تەرەپكە قاراپ كېڭىيدۇ؟ ئېنىشتىيىننىڭ فورمولىسى ساۋات خاراكتىرلىك ئىلىملەرگە ماس كەلمىدى، شۇڭا ئېنىشتىيىن فورمۇلىسىغا بىر <<قوشۇمچە مەزمۇن>> كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزىنىڭ نەزەرىيسىنى تېنچ ئۆزگەرمەس ئالەمگە باشلاپ كىرىشنىڭ بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.20.ئەسىرنىڭ 20 . يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاسترونۇملار ئىلگىرىكىلەرنىڭ خاتالاشقانلىقىنى، ئالەمنىڭ ھەقىقەتەن كېڭىيۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئېنىشتىيىننىڭ <<قوشۇمچە مەزمۇن>> نىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.
1978.يىلى ئامىرىكىلىق نەزەرىيچى ئەيلۇن گوس بىر قېتىملىق ئالەم نەزەرىسيسى لېكسىيسىنى ئاڭلاپ، ئالەم بىلەن ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقان كىۋانىت فىزىكا ئىلمى ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
  
    




  
1981.يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ دەۋىر بۆلگۈچ تەسىرگە ئىگە ماقالىسىنى ئىلان قىلىپ <<چوڭ بىرلىك>> نەزەرىسىنىڭ مەنىسىنى تەپسىلى شەرھىيلەيدۇ.گوسنىڭ قارىشىچە <<چوڭ بىرلىك>> نەزەرىيسى ئالەمدىكى غايەت زور چوڭ پارتىلاشتا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئالەمنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدىكى تېز سۈرئەتتە كېيىڭشىگە (مۇشۇ خىل كۈچ) سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.گەرچە گوسنىڭ نۇقتىئنەزەرىنىڭ مەلۇم جايلىرىدا كەم تەرەپلەر بولسىمۇ، بۇ تېخنىكا نۇقتىسىدىن چوڭ پارتىلاشنىڭ بەزى قېيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى.
لىكىن تەتقىقات نەتىجىسى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىدى. گوس بايقىغان يىى كۈچ ئىففىكتى پۈتۈنلەي ئېنىشتىيىننىڭ ئېغىرلىق كۈچ نەزەرىسىنىڭ ئاددى تولۇقلىمىسى دەپ قارىسىمۇ بولاتتى.گوس بىلەن ئېنىشتىيىننىڭ ئورتاق سەۋەنلىكى ئاتالمىش <<ئالەم كونىستانتى>>(تۇراقلىق مىقدار) دا ئىدى. ئىلگىرىكى چاغلاردا ئوموملىشىپ كەتكەن ئالەم كونىستانتى نېمە ئۈچۈن ئالەمدە چوڭ پارتىلاش چوڭ پارتىلاش يۈز بىرىپ،بىرقانچە ئايدىن كېيىن پۈتۈنلەي يوقاپ كىتىدۇ دىگەن مەسىلە ئاسترونوملار چوقۇم ھەل قىلىشقا تىگشىلىك مەسىلە ئىدى.[/
align]




20  .ئەسىرنىڭ 80.يىللىرىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەزەرىيچىلەر ھەم كېمبرىج  ئۇنۋىرسىسىتىدىكى سېتىفىن خاۋكىڭ قاتارلىقلار ئالەم كونىستانتىنىڭ قانداق سەۋەپتىن يوقالغانلىقىنىڭ نەزەرىيۋى ئاساسىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ لېكىن قايىل قېلارلىق جاۋاپقا  ئېرىشەلمەيدۇ.ئامېرىكىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىزىكا ئالىمى سىدۋىن ۋىنبورگ : ئالەم كونىستانتىنىڭ فىزىكا ئىلمىدىكى ئىسمى جىسمىغا  لايىق بىر كىرزىس ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.1998.يىلى بۇ كىرزىس تىياتىردەك ئۆزگىرىش ياساشقا  باشلايدۇ. ئاسترونۇملار ئالەمنىڭ مۇقىملىقى مەسىلىسىدە ھەممەيلەننىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ.
ئالەم كونىستانتىنىڭ چوڭ پارتىلاشتىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئاخىرلاشقان ئەمەس، بەلكى ئالەمدە ئىزچىل ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.ئۇ ئىغىرلىق كۈچىنىڭ قولىدىن ئالەمنى تارتىۋالغان، ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەت بىلەن ئالەم كېيىڭيشكە باشلىغان، بۇ خىل ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايقاش ئالەمنىڭ ئەڭ چىتىدىكى گېگانىت چوڭ يۇلتۇزلارنىڭ ھالاكەتكە يۈزلەنگەن  چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشتىن قولغا كەلگەن.ئادەتتىن تاشقىرى يىڭى يۇلتۇز دەپ ئاتالغان بۇ يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل سامان يولى سىستېمىسىنى بىسىپ ئۆتەلەيدۇ.لېكىن شەبنەم مۇنبىرى ئادەتتىن تاشقىرى يىڭى يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا،ئالەمنىڭ كېڭيشى ئۆزىدىكى ئىغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئاستىلىمايلا قالماستىن ئەكىسچە كۆرگىلى بولمايدىغان بىر خىل غايىبانە كۈچنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن تېز بولماقتا.(ئالەم تېز كېڭەيمەكتە)بۇ خىل كۈچ ئىلىم-پەن ساھەسىدە<<يۇشۇرۇن ئېنىرگىيە>> دەپ ئاتالدى. ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئوربىتىدا ئايلىنىۋاتقان سۈنئىي ھەمرا توپلىغان ماتىرىياللاردىن ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلاردا ئوخشاشلا ئۆزگىرىش يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
دېمەك،كائىناتتىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك كۈچ ئېغىرلىق كۈچى بولماستىن،بەلكى ئالەم كونىستانتى(ئالەم تۇراقلىق مېقدارى) سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان <<يۇشۇرۇن ئېنىرگىيە>>دۇر.


مەنبە: بىلىم كۈچ ژورنىلى
[ بۇ يازما ئۇيغۇرجان تەرپىدىن2009-02-04 16:56دە قايت ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(koxuk)
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-04 16:51 |
    ئۇيغۇرجان
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27071
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 360
    شۆھرەت: 411 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7009 سوم
    تۆھپە: 31 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1075(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29

     

    ما تېمامنى شۇنچە تەھىرىرلىسەممۇ يەنىلا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ سول تەرىپى پۈتۈنلەي ئىكراننىڭ تىشىغا چىقىۋاپتىغۇ...باشلىقلار ئۇنداق قىلماي ئوڭشاپ قويۇڭلار....

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 16:57 |
    گۈلزىبا
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9660
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 853
    شۆھرەت: 768 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1303 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    رەھمەت سىزگە
    جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم
    نادىر تىما

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 16:57 |
    567890
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27131
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 572
    شۆھرەت: 570 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2879 سوم
    تۆھپە: 62 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04

     

    تېما ئىگسىگە رەھمەت دىمەكچى ئىدىم . ئەمما تېمىنىڭ يېرىمىنى كۆرەلمىدىم ...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 17:10 |
    kumbah
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2680
    شۆھرەت: 331539 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1220 سوم
    تۆھپە: 70 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1012(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    مەن قايسى كۈنى كۆرگەن ئىدىم.ئەمما بۇدا خەتلىرنى ئوقيالمىدىم يېرمىنى.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 18:15 |
    rambal
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 38111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 73
    شۆھرەت: 74 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 730 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 326(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

     

    قىزىقكەن سۇرەت قىستۇرۇلغان تىمىلارنىڭ ھەممىسى سۇرەتلەر ئېچىلىشتىن بۇرۇن تۇلۇق كۆرۇنىپ ،رەسىملىرى ئېچىلغاندا ئېكراننىڭ سول تەرپىدىكى خەتلەرنى كۆرگىلى بۇلماس بۇلۇپ قالىدىكەن ،مەن تېخى قىسمەن ئەھۋالمىكىن دىسەم ،رەسىم قىستۇرۇلغانلىرىنىڭ ھەمممىسى شۇنداق ئىكەن ئادەمنىڭ ئىچى بەكلا سىقىلپ كېتىدىكەن بۇلسا ياخشى چىقىدىغان قىلىپ يوللانسا ....

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 22:43 |
    ummet
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 33373
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    شۆھرەت: 47 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 460 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 139(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    سىزتىمىغا قىستۇرما رەسىم كىرگۇزگەندە،رەسىمنىڭ ھەجىمگە دىققەت قىلىڭ !

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 00:44 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » پەن-تېخنىكا
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:02-07 23:10, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ