ئۈستىگە دۆلەتلىك ئىناۋەتلىك بېلەت (государственный кредитный билет )دەپ يېزىپتۇ.
بۇ ئىناۋەتلىك بېلەت 1840 يىلى پەيدا بولغان.1839 يىلى ئەينى ۋاقىتىدا چار روسسىيەدە پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ،كۈمۈش تەڭگە ئاساسلىق پۇل بىرلىگى قىلىپ بەلگىلەنگەن.شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتلىك سودا بانكىسىنىڭ قارمىقىدا كۈمۈش ۋە ئالتۇن قاتارلىق مېتال پۇللارنى يىغىدىغان كاسسا پەيدا بولۇپ،،مېتال پۇلنىڭ ئورنىغا يۇقىرىقى ئىناۋەتلىك بېلەت بېرىلگەن.بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت،بىرىنجى:دۆلەت خەزنىسىدىكى قىممەتلىك مېتاللار فوندىسىنى كۈچەيتىش،ئىككىنجىدىن ئاددى خەلقنى يۇقىرىدىكىدەك پۇل بەلگىلىرىگە (پۇللارغا) كۆندۈرۈش.
قارىسام،1907 يىلى باسقان پۇل ئىكەن.قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى رۇسچە تور بېكەتكە ئېلان بېرىپ باقسىڭىز بىلگىلى بولىدۇ.ئەگەر ئېلان قىلىشقا ياردەم قىلسام،ساتقان پۇلنىڭ يېرىمىنى ماڭا بېرەمسىز؟
(چاقچاق،جۇمۇ)