ئاياللار گۈزەللىكنىڭ نېگىزى
ھەممە ئادەم گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار تېخمۇ شۇنداق.گۈزەللىكنى سۆيۈش ئاياللارنىڭ تەبئىي خۇسۇسىيىتى بولۇپلا قالماي،ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمى.كىيىم-كېچەكلىرى يارىشىملىق،چاچ پاسونى ئۆزىگە ماسلاشقان،يۈرۈش-تۇرۇشى نازاكەتلىك،ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ ھەممىسى گۈزەللىكنىڭ ئىپادىسى.
ئەمما ئۇنداق تۇغما گۈزەل.ھەممە جەھەتتىن قاملاشقان ، مۇكەممەل ئايالنى تېپىش تەس. بىراق، رېئال تۇرمۇشىمىزدا قەدىرلەشكە ۋە ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان ئاياللارنى سان-ساناقسىز ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.چۈنكى،«ئادەملەر چىرايلىقلىقىدىن سۆيۈملۈك ئەمەس ، بەلكى سۆيۈملۈكلىكىدىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.»
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز-ئىچىگەئالىدۇ.ئەمما،بۇنىڭ ئىچىدە ئاق كۆڭۈل بولۇش ھەممىدىن مۇھىم.يەنە، ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ دەردىنى،ئاندىن ئۆز بەختىنى ئويلاش،ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئاسراش،باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئەلا كۆرۈش_مانا بۇ ئەڭ خالىسانە ئاق كۆڭۈللۈك،باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆز پەرزەنتىدەك كۆيۈنۈش_ئانىلارغا خاس ئاقكۆڭۈللۈك؛ئېرىغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش،غەمخورلۇق قىلىش،ئۇنىڭ ھالىغا يېتىش_ۋاپادار خوتۇنلارغا خاس ئاق كۆڭۈللۈك؛سەمىمىيلىك بىلەن باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەرىپلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش_كەمتەرلىك تۈسىنى ئالغان ئاقكۆڭۈللۈك؛باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش،شەخسىي شاپائەت ۋە ئاداۋەت بىلەن ھېسابلاشماسلىق _كەڭ قورساقلىق خاراكتېرىدىكى ئاق كۆڭۈللۈك؛ئاجىزلارنى ئۇچراتقاندا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىش،بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرنى كۆرگەندە سېخىي قولىنى سۇنۇش_ھېسداشلىق خاراكتېرىدىكى ئاق كۆڭۈللۈك؛باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ھەم ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ،ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش،ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىش ھەم كەمتەرلىك بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىش_ئۆزىگە ئىشەنچ باغلاش خاراكتېرىدىكى ئاق كۆڭۈلۈك؛يۈرۈش - تۇرۇشتا سالاپەتلىك،ئەدەپ ئەخلاقلىق،چىقىشقاق،خۇش كۆڭۈل بولۇش_مەدەنيەتلىك ئاق كۆڭۈللۈك.
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن ھەرقايسى دەۋرلەر گۈزەللىكنى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن تەڭ ئورۇنغا قوۇپ كەلگەن. ئاق كۆڭۈل بولۇش كىشىلەرنىڭ ئەخلاق كۆز قارىشىنىڭ نېگىزى،ئاق كۆڭۈللۈك بولمايدىكەن،گۈزەللىكمۇ بولمايدۇ.ئاياللار ئاق كۆڭۈل بولغاندا،ئاندىن سۆيۈملۈك بولالايدۇ.دۇنيادا ئاق كۆڭۈللۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، تېخمۇ گۈزەللىككە تولغان بولىدۇ.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە،نۇرغۇن ئاياللار «ئادەم بەك ئاق كۆڭۈل بولۇپ كەتسە بوزەك بولۇپ قالىدۇ»دەپ قارايدىغان بولىۋالدى.شۇڭا،ئۇلار ھەمىشە يولسىزلارچە ئىشنى تەتۈرگە بۇراپ،ھە دېسىلا ئۆزىىڭكىنى راست قىلىپ،باشقىلارغا يول قويمايدۇ،باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن «قورىققانلىق»نىڭ كەينىدە ئۆزىنىڭ يىتىم قالغانلىقىنى سەزمەيدۇ.چۈنكى باشقىلار بۇنداق ئادەملەر بىلەن تالىشىپ ئولتۇرغاندىن كۆرە،ئۇنىڭدىن يىراق تۇرغان ياخشى دەپ قارايدۇ.
ئاياللارنىڭ ئاق كۆڭۈل بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئەڭ چوڭ نۇقسان ھەسەتخورلۇق. ئىسپانىيە يازغۇچىسى سېللا:«باشقىلار ساڭا ھەسەتخورلۇق قىلسا قىلسۇنكى،سەن باشقىلارغا ھەسەت قىلما،ھەسەتخورلۇققا ئۇچۇرغان كىشىنىڭ تۇرمۇشى ھەسەتخورلاردىن كۆپ ياخشى ئۆتىدۇ»دېگەنىدى.
ھەسەتخورلۇقنى يېڭىش ئۈچۈن ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەك.باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن سەمىمىي ،قىزغىن ئۆگىنىش،ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۈگىتىش،تۇرمۇشقا، قىيىنچىلىققا خۇشال-خورام ھەم ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولۇش كېرەك.
«ھاياتلىق»ژورنىلىدىن.