« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2007 - كۆرۈرمىنى
negar
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53795
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 92 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 895 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 186(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 جەننەتتىكى دادىغا يېزىلغان خەت(نىگار)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما tughrul تەرپىدىن (2009-01-28)دە نادىرلاندى
جەننەتتىكى دادىغا يېزىلغان خەت

  بۈگۈن يەكشەنبە،كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپ،يازماقچى بولغان ماقالەمنى تېزراق قولدىن چىقىرىۋىتىش ئۈچۈن كومپىيۇتۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.شۇ ئەسنادا سىرىتتا ئاپامنىڭ كىمدۇر بىرسىدىن ئەھۋال سورىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.«ئەتىگەندىلا كەلگەن كىمكىنە؟» ئويۇمنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا ئىشىك ئېچىلىپ نەۋرە ھەدەمنىڭ 12 ياشلاردىكى ئوغلى تارتىنىپقىنا كىرىپ كەلدى.
  _ ۋوي ساقام، كېلىپ قاپسەنغۇ؟ كېلە،قانداقراق ئەھۋالىڭ؟ئاپاڭ ياخشىمۇ؟
  _ياخشى،
  _بۇ ياققا كېلىپ قاپسەنغۇ،ئاپاڭ بىللە كەلمىدىمۇ؟
  _ئاپام موماملارنىڭ ئۆيىدە قالغان.
  _ئۇنىڭ نىمىنىدۇر بىر نىمە دىيىشكە تەمشىلىپ دىيەلمەي تۇرغىنىنى ھىس قىلىپ سورىدىم؛
  _بىرەر ئىش بىلەن كەلدىڭمۇ يا؟
_ھەئە،مەن،مەن
_نىمە بولدى دىگىنە؟
_سىزگە بىر ئىشنى دىسەم بولارمۇ؟
_قېنى دىمەمسەن؟-مەن تەئەججۈپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭ تارتىنىپ تۇرغان تۇرقىغا قارىدىم.
_ئالدى بىلەن ماڭا چوقۇم ياردەم قىلىمەن دەپ ۋەدە بېرىڭ بولامدۇ ھەدە؟
_نىمە دىمەكچى ئىكەنلىگىڭنى بىلمىدىم، بىراق ساڭا ۋەدە بېرەي، قولۇمدىن كەلسىلا چوقۇم ياردەم قىلىمەن ساقام،_ئۇنىڭ قاپ-قارا كۆزلىرى بىردىنلا «مۆللىدە»ياشقا تولدى.
_ھەدە، مەن دادامغا بىر پارچە خەت يازغان ئىدىم، بىراق قانداق ئەۋەتىشنى بىلمەيدىكەنمەن،مومامغا دىسەم سىزنى ياردەم قىلالايدۇ دىدى،ئاپامغا دىمىدىم، يىغلامدىكىن دەيدىكەنمەن،شۇڭا سىزنى ئىزدەپ كېلىشىم....-_ئۇ ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا ئۈمۈتلۈك نەزەردە تىكىلدى ۋە قولىدىكى قېلىن كونۋىرىتنى سۇندى.«دادامغا»يۈرىكىم «قارىتتىدە»قىلىپ كەتتى.بىر ھازاغىچە نىمە دىيىشىمنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم،لېكىن ئالدىمدا تۇرغان مۇنۇ سەبى قەلىب مەندىن ئۈمۈت كۈتۈۋاتاتتى،ئۇ ماڭا ئىشىنىپ كەلگەن ئىدى،شۇ ھالەتتە تۇرسا ئۇنىڭغا«داداڭنىڭ بۇ خەتنى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ مۇمكىن بولمايدىغان خىيال،»دەپ قانداقمۇ دىيەلەي؟؟ ئەلەملىك ھىسلىرىم بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى كونۋىرىتنى ئالدىم. كونۋىرىت تېشىغا چىرايلىق قىلىپ«جەننەتتىكى دادامغا تەگسۇن»دەپ يېزىلغان ئىدى.
_دىليار،ئوماق ساقام،مەن خېتىڭنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
_سىز كۆرگەندىن كېيىن سېلىۋىتەمسىز؟_ئۇ يەنە سەبىلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە سورىدى.مەن كۆزلىرىمگە دەۋرەپ كېلىۋاتقان ياشلىرىمنى ئۇنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قاچۇرۇپ بېشىمنى بىر يانغا بۇرىۋالدىم-دە«ھەئە»دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_بولىدۇ ئەمىسە،كۆرۈپ چىقىڭ!_ئۇنىڭ ئاۋازى بىردىنلا ئىچكى خوشاللىق بىلەن جاراڭلاپ چىقتى،-ئەمىسە مەن كېتىۋىرەي،ئاپام ساقلاپ قالمىسۇن!
   ئۇ ئاپامنىڭ تۇتۇشلىرىغا قارىماي يېنىك دەسسىگىنىچە چىقىپ كەتتى.مەن قولۇمدىكى خەتكە ھاڭۋاققىنىمچە بىر ھازا ئولتۇردۇم،كاللامدا نۇرغۇنلىغان زىددىيەتلىك خىياللار،......مەن ئۇنىڭ خېتىنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم،خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى.

  *   *    *     *       *
سۆيۈملۈك دادا، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ياخشى تۇرامسىز؟
مەن بۇ خەتنى ئۇزۇن _ئۇزۇن ئويلىنىشلار ئارقىلىق ئاخىرى يېزىۋاتىمەن،شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى سىزگە دەيدىغان شۇنداق نۇرغۇن گەپلىرىم بولسىمۇ قانداق قىلىپ قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق  دىيىشىمنى بىلەلمەي بەكمۇ قىينالغان ئىدىم،قايسى كۈنى ئاپام بىلەن نىگار ھەدەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىر دوستىغا يازغان خېتىنى كومپىيۇتۇردا بېسىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم،ئاپام ئىككىسى پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا مەن ئۇنى ئېچىپ كۆرۈپ« جەننەت»«جەننەت ئۇقۇملىرى»قاتارلىق تېمىلارنى كۆرۈپ قالدىم. توغرا، ئاپام سىزنى جەننەتتە دىگەن ئىدىغۇ،مەن سىزگە خەت يازسام تامامەن بولىدىكەنغۇ، نىگار ھەدەم چوقۇم ماڭا ياردەم قىلىدۇ.   شۇڭا مەن قايتىپ كېلىپلا بۇ خەتنى سىزگە يېزىۋاتىمەن.
سۆيۈملۈك دادا،بىلەمسىز، مەن گەرچە سىزنى ئەسلىيەلمىسەممۇ، چىرايىڭىزنى رەسىملىرىڭىزدىنلا كۆرۈپ باققان بولساممۇ بىراق سىزنى دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ مىھرىبان دادا دەپ قارايمەن، سىزنى شۇنداق سېغىنىمەن، بىراق سىزنىڭ رەھىمسىز كىسەل سەۋەبىدىن بىزنى بەكمۇ بالدۇر تاشلاپ كېتىپ قالغىنىڭىزدىن شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم،دىلىم سۇنۇق....
ساۋاقداشلىرىم بەس-بەستە دادىلىرىنىڭ گېپىنى قىلىپ كەتسە،دادىسىنىڭ ئېلىپ بەرگەن يېڭى ئويۇنچۇقلىرىنى كۆز -كۆز قىلىشىپ كەتسە، يەنە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دادىلىرى بىلەن قەيەرلەرگە بېرىپ  قانداق ئوينىغانلىرىنى دىيىشىپ كەتسە شۇنچىلىك بوينۇم قىسىلۇدىكىن......ئايرىم يالغۇز ،بىر بۇلۇڭلاردا يىغلاپ-يىغلاپ ئىچىمنى بوشىتىمەن.بۇرۇن سىز توغرىلىق ھارماي ئاپامدىن سۇئال سورايىتتىم، سىزنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىڭىزنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرۇش،جۇلالاندۇرۇش ھىسلىرىمغا سىزنى قاتتىق سېغىنىش، بولسىڭىز بويۇنلىرىڭىزغا مىنىۋىلىپ،ئات قىلىپ ئويناش،  كەڭ تەبىئەت ئىللىق قۇچىقىنى ئاچقان كەڭرى دالىلاردا سىز بىلەن قوغلىشىپ ئويناش، سىزنىڭ قولىڭىزدىن چىڭ تۇتقان ھالدا سىز بىلەن بازار ئايلىنىش، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئويۇنچۇقلارنى سىزگە ئەركىلاپ تۇرۇپ دەپ ئالغۇزۇش،،،،،،،،مانا مۇشۇنداق شېرىن ئايىغى چىقماس ئارزۇ-ئارمانلار سىڭىپ كەتكەن ئىدى، بىراق يەنە شۇ سىز يوق رىئالىي دۇنيارىمغا قايتىپ كەلگەندە بولسا مېنى شۇنداق بىر غېرىپلىق چۇلغىۋالاتتى.دادا، جېنىم دادا سىز بىزنى نىمىشقىمۇ تاشلاپ كەتتىڭىز،زادى نىمىشقا؟؟
ئاپامنىڭ ئېيتىشىچە سىز تۈگەپ كەتكەندە مەن ئەمدىلا ئىككى يېرىم ياشقا كىرىپتىكەنمەن،باشقىلار يىغا زارە قىلىشىۋاتقاندا مەن باشقىلارغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويۇپ«داداڭ قېنى؟»دەپ سورىغانلارغا «يوقاپ كەتتى»دەپ قويۇپ ئويناپتىكەنمەن.جېنىم دادا،ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك «دادا »دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمنىڭ شادىمانلىقى، بەختى،تۈۋرىكى، يۆلەنچۈكى بولۇپ قالىدىغانلىغىنى  سەبى قەلبىم قانداقمۇ بىلىپ يېتەلىسۇن،شۇ چاغدا يىغلىمىغان يىغىلارنى كېيىن تازا يىغلىدىم دادا،ھەر بىر «دادا»كېرەك بولغان چاغلاردا، مەنىۋى دۇنيارىم قاغجىراپ دادىنىڭ ئوزۇقىغا تەشنا بولغاندا......نۇرغۇن،نۇرغۇن ۋاقىتلاردا......
  دادا،جېنىم دادا،مىڭ ئېغىزىم بولغان بولسا مىڭ قېتىملاپ تۇرۇپ دادا دىگەن بۇ سۆزنى ھارماي زىكرى قىلىشقا رازى ئىدىم ،شۇ تاپتا ئالدىمدا ئەلبۇم، سىزنىڭ يېقىملىق كۈلۈپ تۇرغان سىمايىڭىزنى تاراملاپ چۈشىۋاتقان كۆز ياشلىرىم ئېنىقراق كۆرگۈزمەيۋاتىدۇ.
دادا، سىزنىڭ بۇ دۇنيادا بىزدىن باشقا يېقىنلىرىڭىز يوق ئىكەنتۇق، مەن ئېسىمنى بىلسەم ئاپامنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەنلا ئىزدىشىپ ئۆتىمىزكەن،ئۇلارمۇ ماڭا شۇنداق كۆيىنىدۇ، بىراق يەنىلا مەن ھاممامنىڭ، تاغىلىرىمنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى خالاپ كەتمەيمەن.ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارساملا بالىلىرىنىڭ«دادا،دادا»دەپ چۇۋۇلداشلىرىنى ئاڭلىسام تېخىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ،مېنىڭمۇ كىملەرنىدۇ شۇلارغا ئوخشاش دادا دىگۈم كېلىدۇ، ئۇلار مېنى قانچىلىك ئەركىلەتكۈنى بىلەن، قانچىلىك ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگىنى بىلەن بىراق ئۇلار يەنىلا مېنىڭ دادام ئەمەستە،مەن يەنىلا ئۇلارنىڭ بالىلىرىدەك خالىغىنىمچە ماڭا ياقمىغان ئويۇنچۇقلارنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئېتىپ قەغىش قىلالمايمەن،«ماڭا ئات بولۇپ بەر،مەن سېنى مىنىمەن»دىيەلمەيمەن،«ياق،مەن بۇنى كۆرمەيمەن،مەن كارتۇن كۆرىمەن، ياق،ياق»دەپ تىپچەكلىيەلمەيمەن،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شۇنداق ئەقىللىق بالا، ئۇلار بالىلىرىنى قانچىكى مېنىڭدىن ئۈگىنىشكە دەۋەت قىلسا مېنىڭ شۇنچىكى يىغلۇغۇم كېلىدۇ، ئۇلار بالا، مەنمۇ بىر بالىغۇ،مېنىڭمۇ ئۇلاردەك بالىلىقنىڭ شۇ شوخ، تىنىمسىز،چەكتىن ئاشقان قىلىقلىرىنىمۇ قىلىپ بېقىش ھوقۇقۇم بار ئىدىغۇ،،،ئەپسۇس دادا، سىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز بىلەن يەر تېگىگە ئېلىپ كەتكەنىكەنسىز،مەن بالىلىقنىڭ شۇ شوخلۇقلىرىدىن مۇستەسنا،شۇ شوخلۇقلارغا تەشنا  ھالدا تولىمۇ دىلىم سۇنۇق، تولىمۇ ئېغىر-بېسىق ھالەتتە چوڭ بولىۋاتىمەن.ھەتتا بوۋاممۇ بەزىدە ئانچىكى قىلغان شوخلۇقلۇقۇمغا شۇ ئان چەك قويۇپ «سەن دىگەن چوڭ، كىچىك ئۇكىلىرىڭغا ئۈلگە بولۇشۇڭ كېرەك »دەيدۇ، بۇ گەپلەرنىڭ ماڭا كۆيۈنۈپ ئېيتىلىۋاتقانلىغىنى بىلسەممۇ نارازى بولىمەن دادا،بىلىمەن ئۇكىلىرىم شوخلۇق قىلسىمۇ كېيىن ئۇلارنى باشقۇرالايدىغان دادىلىرى بار، بىراق مەن ئۇنداق شوخ بولۇپ تاپتىن چىقىپ كەتسەم ئانام قانداق باشقۇرۇدۇ؟بوۋام چوقۇم شۇنى ئويلايدۇ، شۇڭا ماڭا چەك قويىدۇ،،،،
دادا، گەپلىرىمنى ئاڭلىيالىغان بولسىڭىز نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟ئاپام مېنى خېلى چوڭ بولۇپ قالدىڭ دەيدۇ، مەن ھازىرئاپامدىن سىز توغرىلىق كۆپ نەرسىلەرنى سورىمايدىغان،ئۇنىڭ قېشىدا ئىمكان بار گېپىڭىزنى قىلمايدىغان بولدۇم،نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز دادا،نەچچە قېتىم يېرىم كېچىدە ئۇيغىنىپ قېلىپ ئاپامنىڭ ياندىكى ئۈيدە ئىسەدەپ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى توۋلاپ تۇرۇپ يىغلاۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ قالدىم.كېيىن قارىسام بۇ كۆپىنچە سىزنىڭ غەلۋىڭىزنى قىلغان، ئاپامدىن سىز توغرىلىق كۆپ سورىغان ۋاقىتلار ئىكەن، بىچارە ئاپامنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىدىغانلىغىنى چۈشىنىپ يېتىشكە قادىر بولمىغان ئىكەنمەن.شۇندىن كېيىن مەن سىزنى ئاپامغا ئەسلىتىدىغان ئىشلارنى قىلماس، ئۇنداق گەپلەرنى قىلماس بولدۇم.
دادا، بۇ خەتنى نىمە ئۈچۈن يېزىۋاتقانلىغىمنىڭ ئاساسى سەۋەبىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟بىلسىڭىز مەندىن رەنجىپ قالارسىزمۇ؟ياق سىز چوقۇم رەنجىمەيسىز، رەنجىسىڭىزمۇ مەندىن رەنجىڭ ئاپامدا زادىلا گۇنا يوق جۇمۇ!
دادا، مەن مۇشۇ «دادا»دىگەن سۆزگە شۇ قەدەر تەشنا بولۇپ كەتتىمكىن، بۇنى ئادەتتە كۈندە دادىسى يېنىدا كۈندە «دادا» دەپ يۈرگەنلەر ھىس قىلالماسلىقى مۇمكىن،بىراق ماڭا ئوخشاش دادا مىھرىگە تەشنا، ھاياتلىقنىڭ ئانا مىھرىدىنمۇ باشقا يەنە دادا مىھرى تەپتىدىلا ئۆزىنىڭ يېقىملىق مىنۇتلىرىنى گۈزەل تۈستە داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن،مەنىۋى بوشلۇقىدا دادىنىڭ ئورنىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئورۇنلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن دىلى سۇنۇقلاربۇ «دادا»سۆزىنىڭ قىممىتىنى بەكرەك چۈشىنىدۇ دەيمەن. دادا،شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە شۇ گەپلەرنى دىگۈم كېلىدۇ.......
   6ياشقا كىرگەن ۋاقتىم ئىكەن ،بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ئۆي ئىچىدىن ئاپامنىڭ كىمدۇر بىرسى بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم،تۇيۇقسىز گەپلەر ئارىسىدىكى «دادا»دىگەن سۆز دىققىتىمنى تارىتتى.
   _مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىۋىرەمسىز؟ھېلىمۇ قانچە يىل مۇشۇنداق تەنھا ئۆتتىڭىز،سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس،سىڭلىم،دىليارمۇ غەرەز ئۇققۇدەك بولۇپ قالدى،ئۇنىڭغا مۇشۇنچىلىك ۋاقتىدا بىر دادا تېپىپ بېرىشىڭىز كېرەكقۇ؟_بۇ ھەم خوشنا ھەم ئاپامنىڭ خىزمەتدىشى بولغان مەريەم ھەدىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
  _ئۇنداق دىگەن بىلەن بىلىسىز ھەدە، دىليار تولىمۇ دىلى نازۇك بالا،ئۇ دادىسىدىن كىچىك قالغان بىلەن دادىسىنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنى شۇنچىلىك يۇقۇرى ئىكەنكى....ئۇ باشقىلارنى كۆڭلىگە سىغدۇرالمايدۇ...
  مۇشۇنداق ئۆمۈر بويى ئۆتكىلى بولامدۇ سىڭلىم، شۇنچە ياش تۇرۇپ...
ماڭا دىليار ئەمەكقۇ؟مەن ئۇنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈشكە رازى--شۇندىلا مەن بۇلارنىڭ سۆھبىتىنىڭ ماڭا بىر دادا تېپىش ئۈستىدە كېتىپ بارغانلىغىنى پەملىدىم.باشقا بىر ئادەم ماڭا دادا بولىدۇ، بۇ ئۆيدە تۇرۇدۇ....يەنە نىمىلەرنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۆيگە ئېتىلىپ كىردىم.
  _ئاپا،مەن باشقىلارنى دادا دىيەلمەيمەن، ياق،ياق ئاپا،ماڭا ئۆزەمنىڭ دادىسى كېرەك_ئاپام چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
  _كىم،كىم شۇنداق دىدى، دىليار يىغلىما قوزام، مانا مەن سېنىڭ داداڭ،ھەم ئاپاڭ ،مەن سېنى يات ئادەملەرنىڭ ئالدىغا تاشلىمايمەن قوزام_ئاپام تىترەڭگۈ ئاۋازدا شۇنداق دىدى،دە ماڭا قوشۇلۇپ مېنى قۇچاغلاپ يىغلاپ كەتتى.مەريەم ھەدە ئوڭايسىزلانغان ھالدا نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى....
  مانا شۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق گەپلەر بولۇنۇپ باقمىدى ،ئىھتىمال بولۇنغان بولسىمۇ بىچارە ئاپام مېنى ئاياپ ئۇنى شۇ جايىدىلا تۇنجۇقتۇرۇۋەتسە كېرەك.شۇ چاغدا سىزدىن باشقا ئادەمنىڭ ماڭا دادا بولىشىنى پەقەتلا كۆڭلۈمگە سىغدۇرالمىغان ئىدىم، مان ھازىر كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بارا-بارا چوڭ بولۇپ ئەقىل كىرىشىگە ئەگىشىپ شۇ چاغدىكى يېنىكلىكىمگە تولىمۇ ئۆكۈنىمەن دادا.بەزى كۈنلىرى سىرىتلاردا بالىلار بىلەن ئويناپ قايتىپ كىرىپ يالغۇز ئۆيدە ئاپامنىڭ غېرىپسىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى، مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپلا زورىغا كۈلۈپ كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى يۇشۇرىدىغانلىغىنى سېزىپ قالىمەن.ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، ھازىرغۇ مەن بار،كېيىن مەن ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ كېتىپ قالسام بىچارە ئاپام قانداق قىلار؟....ئۇ چاغدىكى يالغۇزلۇق ئاپامنى تېخىمۇ كاردىن چىقىرىۋەتمەمدۇ؟....
  بۇلارنى ئويلىغانسىرى تېخىمۇ غېرىپسىنىدىغان بولدۇم، سىزنى سېغىنىش ھىسسىياتلىرىمغا بۇنداق ئويلىنىشلار،ئاپامغا بولغان ئىچ ئاغرىقى قوشۇلۇپ  تېخىمۇ ئويچان بولۇپ كەتتىم، خۇددى ئۆزەمنى يېشىمدىنمۇ بىر نەچچە ياش چوڭ بولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىمەن دادا.
  دادا،دادا،دادا.....
  سىز بولغان بولسىڭىز،رەھىمسىز ئەجەل سىزنى بىزدىن ۋاقىتسىز ئېلىپ كەتمىگەن بولسا قانداق ياخشى بولار ئىدى؟بىراق قانچە نالە قىلغان بىلەنمۇ، يىغلاپ پەريات ئۇرغان بىلەنمۇ بۇ دىگەن تەغدىر،ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى،بۇنىڭغا ئامال يوق،شۇنداق نۇرغۇن ئىشلارغا ئامال يوق.....
  دادا،مەن «دادا» دىگەن سۆزگە قانچىكى تەشنا  بولغانسىرى قەلبىمدە شۇ تۇرمۇشۇمىزدىكى شۇ بوشلۇقنى توشتۇرۇشنى خالاپ قالدىم. ئاخىرى بىر كۈنى بۇ توغرىلىق ئاپامغا ئېغىز ئاچتىم.قانداق بولدى دىمەمسىز، ئاپام شۇنچىلىك يىغلىدى، خۇددى نەچچە يىل يىغلاپ باقمىغاندەك......خۇددى ئاشۇ يىغىلار بىلەن تەنھالىقتا ئۆتكەن يىللىرىنىڭ ئەلەم ،ھەسرەتلىرى ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغاندەك.....دادا، ئاخىرىدا ئاپامنىڭ نىمە دىگەنلىگىنى بىلەمسىز؟ئۇ بۇ ھاياتىدا سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشنى خالىمايدىكەن.ھەم مېنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆگەي بولۇپ بوينۇمنىڭ قىسىلىپ قېلىشىنى خالىمايدىكەن.مەن قانداقلا بولسۇن بىرەرسىنىڭ ماڭا دادا بولۇشىنى، مېنىڭمۇ بۇ ھاياتىمدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ «دادا» دەپ ئاتاشقا تەشنا ئىكەنلىگىمنى ئېيىتتىم.بۇ گەپلەردىن رەنجىمەيدىغانسىز دادا؟مېنىڭ باشقىلارنى دادا دىيىشكە ئىنتىلىشىم ھەرگىزمۇ سىزنى ئۇنتۇپ قالغانلىغىم ئەمەس،ئەكسىنچە سىزنى بەك،بەك سېغىنغىنىم،شۇ ئۇلۇغ نامىڭىزنى زىكرى قىلىپ ئۆتۈشكە بولغان ئوتتەك تەشنالىقىم...
  دادا، جەننەتتىكى ئادەملەرنى بۇ دۇنيانىڭ بارلىق ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقا قادىر دىيىشىدىكەنغۇ؟سىز بۇ ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇۋاتقانسىزمۇ؟ئاپامنىڭ سىزگىلا ساداقەتمەن قەلبىنىڭ قانچىلىك زىددىيەتلىك خىياللارغا تولغانلىغىنى بىلدىڭىزمۇ؟بۇ خېتىمنى كۆرۈشكە قادىر بولسىڭىز سىز بۇنى توغرا چۈشىنەلەرسىزمۇ؟ئاپامنىڭ ماڭا دادا تېپىپ بېرىشى ھەرگىزمۇ سىزگە قىلىنغان قارا يۈزلۈك ئەمەس،بۇ مېنىڭ دادىغا بولغان ئىھتىياجىم، شۇنداق ئەمەسمۇ؟؟؟
سۆيۈملۈك دادا، سىز ئاپامنىڭ چۈشلىرىگە كىرىڭ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىڭ، پەمىمچە  ئاپام پەقەت سىزنىڭ،سىزنىڭلا گېپىڭىزگە كىرىدۇ، سىزنىڭلا گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ......
  دادا، جېنىم دادا،بۇ مېنىڭ سىزدىن ئۆتۈنۈشۈم، ئاپامنىڭ كېيىنكى ھاياتنىڭ گۈزەل دەقىقىلىرىدىن ھوزۇرلىنىش، كېچىكىپ بولسىمۇ بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ھوقۇقى بارغۇ، سىز ئاپامنىڭ چۈشىگە كىرىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىڭچۇ،مەن دادىغا مۇھتاج،ئاپاممۇ ئىللىق ئائىلىگە مۇھتاج....
   دادا، مەن سىزنى سۆيۈمەن، مەڭگۈ ياد ئېتىمەن، بۇ دۇنيادىكى دادىلىرىنىڭ ئىللىق باغرىدا قىيغىتىۋاتقان، ئارتۇقچە كەپسىزلىكلەر بىلەن سۆيۈملۈك دادىلىرىنىڭ دىلىنى ئاغرىتىۋاتقان بارلىق بەخىتلىك بالىلارغا شۇنداق ۋارقىرۇغۇم كېلىدۇ«داداڭلارنى قەدىرلەڭلار، ھۆرمەتلەڭلار، ھەرگىزمۇ دىلىغا ئازار بەرمەڭلار، سىلەر دادىنىڭ مىھرىگە چىلىققىدە چۆمۈلگەن ۋاقتىڭلاردا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شۇ دادىنىڭ مۇبارەك نامىنى بىر قېتىم بولسىمۇ دىيىشكە ئىمكانى يوق بىچارە قەلىبلەر شۇ دادىنىڭ مۇبارەك نامىغا شۇ قەدەر تەشنا»
  ئاخىرىدا سىزنى شۇنداق سېغىنىپ، سىزنى سۆيۈپ سىزنىڭ سۆيۈملۈك باغرىڭىزغا باش قويۇشقا مۇيەسسەر بولالماي ئۆتۈۋاتقان ئۆزىنىڭ بۇ مەنىۋى بوشلۇقىنى باشقا مىھرىبان دادىلاردىن تولدۇرۇشقا نىيەت قىلغان ئوغلىڭىز دىليار.

  *    *     *     *    *
  كۆز ياشلىرىم خەتنى ھۆل قىلىۋەتتى.شۇ خەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلار كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.ئاپاملارنىڭ دىليارنىڭ ئاپىسىغا كىمنىدۇر بىرسىنى سايە قىلغانلىقى، دىليارنىڭمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلغان بولسىمۇ ئاپىسىنىڭ ئۈن-تۈنسىز تۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىشلار ئويۇمدىن كەچتى.مەن دىليارنىڭ شۇ قەدسەر ئەقىللىق بالا بولغانلىغىنى بىلەتتىم، ئۇ بۇ خىەتنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللى، ياردەم ئىزلىگەن بولسا كېرەك.مەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ئىدىم، گەرچە بۇ خەتنى جەننەتتىكى دادىسىنىڭ كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ بالا شۇنداق بىر تەسەللىگە مۇھتاج ئىدى. مەن ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئېلىپ جاۋاپ يېزىشقا باشلىدىم:«سۆيۈملۈك ئوغلۇم دىليار.........»
(تۈگىدى)

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-28, 10:28

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(mehrigiya) ئىجادىي ئەسە ..
  • ئىجادىيىتىم،ئۆز قەلىمىم،
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-28 17:46 |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3484
    شۆھرەت: 71454 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 309664 سوم
    تۆھپە: 145 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1656(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    بەك ياىشى يېزىلغان نادىر ئەسەركەن  .
    ئاتا دىگەن تاغدۇر ، ئانا دىگەن باغدۇر .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 18:36 |
    atom
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 12698
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 209
    شۆھرەت: 284 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2043 سوم
    تۆھپە: 106 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    ئوغۇل بالا بولۇپ قاپتىكەنمەن، بولمىسا بەزى يەرلىرىگە كەلگەندە  

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ھامان بىر كۈن ... ...
    http://postimg1.mop.com/200807/02/08/2453308/20080709195340219.GIF
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 18:42 |
    Gulgina
    لوپنۇر قىزى
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 1536
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1698
    شۆھرەت: 1730 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17000 سوم
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 56 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 800(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

     

    ئوقۇپ بولغىچە يۈرىكىم ئىزىلىپ كەتتى ،بەك ياخشى يىزىلىپتۇ  ئاتا ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ئىنسان ، مەنمۇ ئاتامسىز كۈنلىرىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن ، مىھرىبان ئاتام بىلەن ئانامغا ئۇزۇن ئۈمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    كۈڭۈل خالىغاننى قىلما
    ۋىژدانىڭ كۈتۈرگەننى قىل
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 18:45 |
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5341
    شۆھرەت: 5558 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 330 سوم
    تۆھپە: 117 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    يۈرۈكنى تىتىرەتكىدەك يېزىپسىز

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 19:39 |
    ARISLAN.A
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33712
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 238
    شۆھرەت: 239 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 47 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1256(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    بىر يېتىمنىڭ دادىسىغا يازغان خېتى!

    ئاتاسى بار،ئاناسى بار،
    تاۋاردىن ئەتىۋا باللار.
    ئاتاسى يوق،ئاناسى يوق،
    غازاڭدىن قەدرىسىز باللار.

    ئاپا-دادامنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنى ئۇلۇغ،يەككە يىگانە بىردىنبىر ئاللاھدىن تىلەيمەن.

    ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي،بەك ياخشى يېزىلىپتۇ!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 20:19 |
    kumbah
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2680
    شۆھرەت: 331539 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1220 سوم
    تۆھپە: 70 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1012(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    ئاتا-ئانادىن ئايرىلىش نەقەدەر ئېغىرھە؟

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 20:24 |
    abdirixit1
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 67546
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 144
    شۆھرەت: 144 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1340 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 414(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    ھەي بۇ رىياللىقتا ئىنسانغا ئېغىر كېلىدىغىنى < ئاتا-ئانا> دىن ئايرىلىش.

    بۇ تەرىپى ماڭا بەكمۇ--بەكمۇ ئايان:::::::

    مەنمۇ ئاپامدىن كىچىك قالغان'''''''''

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 20:30 |
    crossdream
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 59138
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 171
    شۆھرەت: 172 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1710 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29

     

    ئانىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابى دادىدىن ئايرىلغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق .







    بۇ يەرنى ھەرگىز باسماڭ !!!

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 22:10 |
    nusrat0997
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 70054
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 25
    شۆھرەت: 25 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز  ئوقۇپ بولغىچە كۆزلىرىمدىن ئىخىتىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى.    ئۇلۇق خۇدايىم ئاتا-ئانىسىز  كۇنلەرنى ھارام  قىلىسۇن.  مەن شۇ تاپتا ئاتام-ئاپامدىن ئايرىلغان كۈنلەرنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايمەن. ئۇلۇق ئاللا شۇ مىھىربان ئاتا-ئانامنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىغاي{.......}  رەخمەت سىزگە............           قولىڭىزغا  دەت  بەرمىسۇن.  

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 00:20 |
    ay-tilla
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58048
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 663
    شۆھرەت: 664 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6630 سوم
    تۆھپە: 65 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 339(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    مەنمۇ شۇ ئوقۇپ بولغۇچە كۆزلىرىمدىن ياشلار ئېقىپ كەتتى ،
    قەلەم قۇۋىتىڭىزگە بارىكاللا ، ئاخىردا ئۇ سەبىي بالىنىڭ جاۋاپ خېتىنى ئۆزىڭىز يازماقچىمۇ ،
    مەنچە بولغاندا ئۇ بالىغا راس ئىشنى دەپ بەرسىڭىز قانداق بولا ؟؟؟؟؟
    ئۇنى كىيىن يەنە ئازاپلانمىسۇن ، سىزدىنمۇ رەنجىپ قالمىسۇن دەيمەن .
    بۇ مىنىڭ شەخسى پىكىرىم خالاس ، ھەرگىز خاپا بوپ قالماڭ نىگار .

    ھەقىقىي مىسۋاك
    كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى،
    كىملەرگە خار بولماپتۇ؟
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 00:47 |
    moyonqur
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 34221
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 21
    شۆھرەت: 22 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 210 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 208(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-05

     

    ئاللاھ ھەربەندىسىگە ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىتىدە ئۆسۈپ يىتىلىشىنى نېسىپ ئەتسۇن.      شۇنداقلا يەنە ھەربىر پەرزەنتنى ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.       رەسۇل سەللاھۇ ئەلەيھى سالام شۇنداق دىگەن؛ بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن،بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن،بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن ئاتا-ئانىسىنى ھايات تېپىپ رازىلىقىنى ئالمىغانلار.؛ رەھىمدىل ئاللا ھەممىزنىڭ بەختىگە ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن،   پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بەختىگە بىزنىڭ ئۆمرىمىزنى ئۇزۇن قىلسۇن ۋە تىنىمىزنى سالامەت قىلسۇن. ھەمدە ئىمان-ئىنسابىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ،تەۋپىق ئاتا قىلسۇن.

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 01:57 |
    @LUKQAK
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72377
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04

     

    ئالاھەممىمىز گەھىدايەت ئاتاقىلسۇن  كۆڭلىمىز گەئنساپ بەرسۇن

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 00:51 |
    dilnurum
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 46554
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 85
    شۆھرەت: 86 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 840 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

     

    تېمىڭىزنى ئوقۇپ يۇرۇگۇم ئېچىشىپ كەتتى، ئەسلى ھەممىمىز بۇ دۇنياغا مىھمان، بەزىلىرىمىز بۇرۇن كىتىمىز، بەزىلىرىمىز كېيىن كىتىمىز، پەقەت ئىلگىر كىيىنلىك مەسلىسى بار، مىنىڭمۇ دادام بۇندىن 6 يىل ئىلگىرى ناھايىتى تۇيۇقسىزلا تۇگەپ كەتكەن.يىغلاپ قاخشاپ قالدۇق. ھازىرغىچە دادامنىڭ دوستلىرىنى، خىزمەتداشلىرىنى كورسەم يىغلايمەن.ئاللادىن مىھرىبان ئانامغا ئۇزۇن ئۇمۇر تىلەيمەن.تورداشلىرىمنىڭ دادىلىرىغا تىنىگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۇمۇر تىلەيمەن.

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 01:05 |
    Arsal120
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72396
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 10 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

     

    ئاتىلار - ئانىلار  قېرىسىمۇ گەر ،
    بەللىرى مۈكچىيىپ ئاقارسىمۇ چاچ .
    تىلەيدۇ خۇدادىن پەرزەنت بەختىنى ،
    كۆزدىن ئاققۇزۇپ تارام - تارام ياش .

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-04 10:21 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:02-07 23:09, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ